< ئەزاكىيال 11 >
روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ۋە مانا، دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا يىگىرمە بەش ئادەم تۇراتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاۋامنىڭ ئاقساقىلى بولغان، ئاززۇرنىڭ ئوغلى جائازانىيا ھەم بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيانى كۆردۈم. | 1 |
Afei, honhom no pagyaa me de me baa Awurade efie ɛpono a ani kyerɛ apueeɛ fam no ano. Na mmarima aduonu enum wɔ hɔ, na mehunuu Asur babarima Yaasania ne Benaia babarima Pelatia a wɔyɛ nnipa no ntuanofoɔ.
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قەبىھلىكنى ئويلاپ چىققۇچى، مۇشۇ شەھەردە رەزىل مەسلىھەت بەرگۈچى ئادەملەر دەل بۇلاردۇر. | 2 |
Awurade ka kyerɛɛ me sɛ, “Onipa ba, yeinom ne mmarima a wɔrebɔ pɔ bɔne na wɔtu fo bɔne wɔ kuropɔn yi mu.
ئۇلار: «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش» ــ دەيدۇ. | 3 |
Wɔka sɛ, ‘Ɛberɛ a wɔde sisi afie nnuru so anaa? Kuropɔn no ayɛ sɛ dadesɛn, ɛnna yɛayɛ ɛnam a dadesɛn no bɔ yɛn ho ban.’
شۇڭا ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگىن؛ ــ بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى! ــ دېدى. | 4 |
Ɛno enti hyɛ nkɔm tia wɔn. Hyɛ nkɔm onipa ba.”
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا ئۇرۇلۇپ چۈشۈپ، ماڭا سۆز قىلغان: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» ــ دېگىن. «سىلەرنىڭ شۇنداق دېگىنىڭلارنى، ئى ئىسرائىل جەمەتى؛ كۆڭلۈڭلەرگە پۈككەن ئوي-پىكرىڭلارنى، مەن بىلىمەن. | 5 |
Afei, Awurade Honhom baa me so na ɔka kyerɛɛ me sɛ menka nkyerɛ Israelfoɔ sɛ, “Yei ne deɛ Awurade seɛ. Menim deɛ moreka, ɛfiri sɛ menim nsusuiɛ a ɛwɔ mo adwene mu.
سىلەر مۇشۇ شەھەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ سىلەر رەستە-كوچىلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرغانسىلەر». | 6 |
Moakunkum nnipa bebree wɔ kuropɔn yi mu, na mode afunu ahyɛ ne mmɔntene so ma.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆلتۈرگەن كىشىلەر بولسا، دەل شۇ گۆشتۇر، شەھەر بولسا قازاندۇر؛ بىراق سىلەرنى بولسا ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن. | 7 |
“Ɛno enti, yei ne deɛ Otumfoɔ Awurade seɛ: Kuro no yɛ dadesɛn deɛ, nanso emu ɛnam no yɛ nnipa a mode atirimuɔden akunkum wɔn apete hɔ. Ɛno enti, mɛpam mo afiri mu.
سىلەر قىلىچتىن قورقۇپ كەلگەنسىلەر، ۋە مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچ چۈشۈرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 8 |
Mosuro akofena, na ɛno ara na mede bɛba mo so, sei na Awurade seɛ.
«شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى شەھەردىن تارتىۋېلىپ، يات ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. | 9 |
Mɛpam mo afiri kuropɔn no mu na mede mo ahyɛ ananafoɔ nsa, na matwe mo aso.
سىلەر قىلىچلىنىپ يىقىلىسىلەر؛ ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 10 |
Mobɛtotɔ akofena ano, na mɛbu mu atɛn wɔ Israel asase so. Afei, mobɛhunu sɛ mene Awurade no.
بۇ شەھەر سىلەر ئۈچۈن «قازان» بولمايدۇ، ھەم سىلەرمۇ ئۇنىڭكى «گۆش»ى بولمايسىلەر؛ مەن ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. | 11 |
Saa kuropɔn yi remmɔ mo ho ban sɛdeɛ dadesɛn bɔ ɛnam a ɛwɔ mu no ho ban; Mɛbu mo atɛn wɔ Israel asase so.
ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرمىگەن، ھۆكۈملىرىم بويىچە ماڭمىغانسىلەر، بەلكى ئۆپچۆرەڭلاردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرى بويىچە ماڭغانسىلەر». | 12 |
Na mobɛhunu sɛ mene Awurade no, ɛfiri sɛ, moanni mʼahyɛdeɛ so, moapo me mmara, na deɛ aman a atwa mo ahyia no yɛ no na mo nso moyɛ.”
شۇنداق بولدىكى، مەن بېشارەت بېرىۋاتقىنىمدا، بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيا جان ئۈزدى. مەن دۈم يىقىلدىم: «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچىمۇسەن؟» ــ دەپ قاتتىق ئاۋازدا نىدا قىلدىم. | 13 |
Afei ɛberɛ a megu rehyɛ nkɔm no, Benaia babarima Pelatia wuiɛ. Na mede mʼanim butuu fam suu denden sɛ, “Aa Otumfoɔ Awurade, wobɛtɔre Israel nkaeɛfoɔ yi ase koraa anaa?”
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 14 |
Awurade asɛm baa me nkyɛn sɛ,
ئى ئىنسان ئوغلى، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ: «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن گېپى، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ، يەنى سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان سۈرگۈنلەرگە ھەم ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان. | 15 |
“Onipa ba, wo nua mmarimma, wɔn a wo ne wɔn yɛ mogya baako ne Israel efie nyinaa, nnipa a wɔwɔ Yerusalem kasa fa wɔn ho sɛ, ‘Saa nkurɔfoɔ a wɔkɔɔ nnommum no ne Awurade ntam ɛkwan ware, ɛno enti na wɔde wɔn asase yi ama yɛn sɛ yɛn agyapadeɛ.’”
شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: گەرچە مەن ئۇلارنى يىراق يەرلەرگە، ئەللەر ئارىسىغا يۆتكىۋەتكەن ھەم مەملىكەتلەر ئىچىگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار بارغان يەرلەردىمۇ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا كىچىككىنە بىر پاك-مۇقەددەس باشپاناھ بولىمەن». | 16 |
“Ɛno enti ka sɛ, ‘Sei na Otumfoɔ Awurade seɛ: Ɛwom sɛ mede wɔn kɔɔ akyirikyiri wɔ amanaman mu, hwetee wɔn guu nsase so deɛ, nanso berɛ tiawa bi mu no, meyɛɛ wɔn kronkronbea wɔ nsase a na wɔwɔ soɔ no so.’
شۇڭا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ئەللەردىن يىغىمەن، تارقىتىۋېتىلگەن مەملىكەتلەردىن سىلەرنى جەم قىلىمەن، ئاندىن ئىسرائىل زېمىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ تەقدىم قىلىمەن. | 17 |
“Enti ka kyerɛ wɔn sɛ, ‘Sei na Otumfoɔ Awurade seɛ: Mɛboaboa mo ano afiri amanaman no ne nsase a mehwetee mo guu soɔ no asane aba, na mede Israel asase bɛsane ama mo.’
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار بارلىق لەنەتلىك نەرسىلەرنى ھەم بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۇ يەردىن يوق قىلىدۇ. | 18 |
“Wɔbɛsane aba so na wɔayiyi nsɛsodeɛ tantane ne ahoni a ɛyɛ akyiwadeɛ no nyinaa.
مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن. | 19 |
Mɛma wɔn akoma korɔ na mede honhom foforɔ ahyɛ wɔn mu; mɛyi wɔn akomaden no na mama wɔn akoma a ɛyɛ mmrɛ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرىدۇ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. | 20 |
Afei wɔbɛdi mʼahyɛdeɛ so na wɔahwɛ akora me mmara yie. Wɔbɛyɛ me nkurɔfoɔ, na mayɛ wɔn Onyankopɔn.
بىراق كۆڭۈللىرى لەنەتلىك نەرسىلەرگە ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىغا بېغىشلانغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». | 21 |
Nanso wɔn a wɔde wɔn akoma ama nsɛsodeɛ tantane ne ahoni a ɛyɛ akyiwadeɛ no deɛ, mɛma deɛ wɔayɛ no abɔ wɔn tiri so, sei na Otumfoɔ Awurade seɛ.”
كېرۇبلار قاناتلىرىنى يايدى، ئۇلارنىڭ چاقلىرى ئۆز يېنىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلار ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى؛ | 22 |
Afei, Kerubim no ne wɔn ntwahonan trɛtrɛɛ wɔn ntaban mu, na Israel Onyankopɔn animuonyam konkɔnn wɔn so.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى. | 23 |
Awurade animuonyam pagyaa ne ho firii kuropɔn no mu kɔgyinaa bepɔ a ɛwɔ apueeɛ fam no atifi.
شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ روھى بەرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى؛ شۇئان مەن كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندىن كەتتى. | 24 |
Honhom no pagyaa me de me baa atukɔfoɔ a wɔwɔ Babilonia no nkyɛn wɔ anisoadehunu a Onyankopɔn Honhom maa me no mu. Afei anisoadeɛ a mehunuiɛ no firii me so kɔɔ soro.
شۇنىڭ بىلەن مەن سۈرگۈن بولغانلارغا پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. | 25 |
Na mekaa biribiara a Awurade yi kyerɛɛ me no kyerɛɛ atukɔfoɔ no.