< ئەزاكىيال 10 >

مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەز ئۈستىدە، كۆك ياقۇتنىڭ قىياپىتىدەك بىر تەختنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ 1
Потом видех, и гле, на небу које беше над главама херувимима показа се над њима као камен сафир на очи као престо.
ۋە [تەختكە ئولتۇرغۇچى] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «كېرۇبلارنىڭ ئاستىدىكى چاقلارنىڭ ئارىسىغا كىر، قوللىرىڭنى كېرۇبلار ئارىسىدا كۆيۈۋاتقان چوغلارغا تولدۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر ئۈستىگە چېچىۋەت» ــ دېدى. مەن قارىدىم، ئۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى. 2
И проговори човеку обученом у платно, и рече: Уђи међу точкове под херувимима, и узми пуне прегршти жеравице између херувима и разаспи на град. И уђе на моје очи.
بۇ كىشى كىرگەندە كېرۇبلار ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇراتتى؛ [شان-شەرەپلىك] بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى. 3
А херувими стајаху с десне стране дома кад уђе човек, и облак напуни унутрашњи трем.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كېرۇب ئۈستىدىن چىقىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنىدى؛ ئۆي بۇلۇتقا تولدى، ھويلا بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ جۇلالىقىغا چۆمگەن. 4
И слава Господња подиже се с херувима на праг од дома, и напуни се дом облака, а трем се напуни светлости славе Господње.
كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ساداسى ھەممىدىن قادىرنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ئاۋازىدەك بولۇپ، سىرتتىكى ھويلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. 5
И лупа крила у херувима чујаше се до спољашњег трема као глас Бога Свемогућег кад говори.
ۋە شۇنداق بولدىكى، [رەب] كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «چاقلار ئارىسىدىن، يەنى كېرۇبلار ئارىسىدىن ئوت ئالغىن» ــ دەپ بۇيرۇغىنىدا، ئۇ كىرىپ بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى. 6
И кад заповеди човеку обученом у платно говорећи: Узми огња између точкова између херувима; он уђе и стаде код точкова.
ۋە كېرۇبلاردىن بىرى ئۆز قولىنى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئۇنىڭدىن ئوت ئېلىپ، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنىڭ قوللىرىغا سالدى؛ ئۇ بۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى 7
И један херувим пружи руку своју између херувима к огњу који беше међу херувимима, и узе и метну у прегршти обученом у платно и он прими и изиђе.
(كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئاستىدا، ئادەمنىڭ قوللىرىنىڭ قىياپىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى). 8
А виђаше се у херувима као рука човечија под крилима.
مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ يېنىدا تۆت چاق بار ئىدى، بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا بىر چاق، يەنە بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا يەنە بىر چاق تۇراتتى؛ چاقلارنىڭ قىياپىتى بولسا بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى. 9
И видех, и гле, четири точка код херувима, по један точак код једног херувима, и точкови беху на очи као камен хрисолит.
ئۇلارنىڭ شەكلى بولسا، تۆتىلىسىنىڭ ئوخشاش ئىدى، يەنى چاق ئىچىدە چاق باردەك كۆرۈنەتتى. 10
И на очи беху сва четири точка једнака, и као да је точак у точку.
كېرۇبلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆتىلا تەرەپكە ئۇدۇل قاراپ ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى، بەلكى بېشى قايسى تەرەپكە قارىغان بولسا، ئۇلار شۇ تەرەپكە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچ بۇرۇلمايتتى. 11
Кад иђаху, иђаху сва четири, сваки на своју страну, и идући не скретаху, него куда гледаше глава онамо иђаху и идући не скретаху.
ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنى، دۈمبىلىرى، قوللىرى، قاناتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاقلىرىمۇ، يەنى تۆتىسىگە تەۋە چاقلارنىڭ ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. 12
А све им тело и леђа и руке и крила и точкови, сва четири точка њихова, беху пуна очију свуда унаоколо.
چاقلارنى بولسا: «پىرقىرايدىغان چاقلار!» ــ دەپ ئاتىغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. 13
А точкови се зваху како чух: кола.
ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزى، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزى، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزى ئىدى. 14
А четири лица имаше свака животиња: једно лице херувимско, друго лице човечије и треће лице лавово и четврто лице орлово.
كېرۇبلار يۇقىرىغا ئۆرلىدى. بۇلار دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن ھايات مەخلۇقلار ئىدى. 15
И подигоше се херувими у вис; то беху исте животиње које видех на реци Хевару.
كېرۇبلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ كېرۇبلار يەردىن ئۆرلەشكە قاناتلىرىنى كۆتۈرگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇرۇلۇپ كەتمەيتتى. 16
А кад иђаху херувими, иђаху и точкови уз њих, и кад херувими махаху крилима својим да се подигну од земље, точкови се не одмицаху од њих.
ئۇلار تۇرغاندا، چاقلارمۇ تۇراتتى؛ ئۇلار كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. 17
Кад се они устављаху, устављаху се и точкови; а кад се они подизаху, подизаху се и точкови; јер беше дух животињски у њима.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ بوسۇغىسى ئۈستىدىن چىقىپ، كېرۇبلار ئۈستىدە تۇردى؛ 18
И слава Господња отиде изнад прага од дома, и стаде над херувиме.
كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ، كۆز ئالدىمدا يەردىن كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆيدىن چىققاندا، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى. 19
И херувими махнувши крилима подигоше се од земље преда мном полазећи, и точкови према њима; и стадоше на источним вратима дома Господњег, и слава Бога Израиљевог беше озго над њима.
بۇلار بولسا دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن، ئىسرائىل خۇداسىنىڭ ئاستىدا تۇرغان مەخلۇقلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كېرۇبلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 20
То беху исте животиње које видех под Богом Израиљевим на реци Хевару, и познах да су херувими.
ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى، ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنسان قولى سىياقىدىكى قوللىرى بار ئىدى. 21
Свака имаше четири лица и четири крила, и као рука човечија беше им под крилима.
ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىياپىتى بولسا، ئۇلار مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن يۈزلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى ۋە يۈزلىرى مەن كۆرگەنگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭاتتى. 22
И лица им беху иста која видех на реци Хевару; обличја беху иста, исти беху; сваки иђаше право на према се.

< ئەزاكىيال 10 >