< ئەزاكىيال 1 >
ئوتتۇزىنچى يىلى، تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە، مەن كېۋار دەرياسىغا سۈرگۈن قىلىنغانلار ئارىسىدا تۇرغان مەزگىلدە، مانا ئاسمانلار ئېچىلىپ، مەن خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۈم. | 1 |
Il cinque del quarto mese dell'anno trentesimo, mentre mi trovavo fra i deportati sulle rive del canale Chebàr, i cieli si aprirono ed ebbi visioni divine.
تۆتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ــ يەھوئاكىننىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىنىڭ بەشىنچى يىلى ئىدى ــ | 2 |
Il cinque del mese - era l'anno quinto della deportazione del re Ioiachìn -
كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا، كېۋار دەرياسى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزاكىيال كاھىنغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى كەلدى ــ شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا قوندى. | 3 |
la parola del Signore fu rivolta al sacerdote Ezechiele figlio di Buzì, nel paese dei Caldei, lungo il canale Chebàr. Qui fu sopra di lui la mano del Signore.
مەن كۆردۈم، مانا! شىمالدىن بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلدى؛ يوغان بىر بۇلۇت ۋە ئۇنى ئوراپ تۇرغان بىر ئوت، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر يورۇقلۇق جۇلالىنىپ تۇراتتى؛ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى شۇ ئوت ئىچىدىن، ئىسسىقتىن جۇلالانغان پارقىراق مىستەك بىر كۆرۈنۈش كۆرۈندى. | 4 |
Io guardavo ed ecco un uragano avanzare dal settentrione, una grande nube e un turbinìo di fuoco, che splendeva tutto intorno, e in mezzo si scorgeva come un balenare di elettro incandescente.
يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، تۆت ھايات مەخلۇق كۆرۈندى؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى شۇنداق ئىدىكى: ــ ئۇلاردا ئىنساننىڭ قىياپىتى بار ئىدى؛ | 5 |
Al centro apparve la figura di quattro esseri animati, dei quali questo era l'aspetto: avevano sembianza umana
ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى؛ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى بار ئىدى. | 6 |
e avevano ciascuno quattro facce e quattro ali.
ئۇلارنىڭ تۈپتۈز پۇتلىرى بار ئىدى؛ تاپانلىرى بولسا موزاينىڭ تۇياقلىرىغا ئوخشايتتى؛ ئۇلار پارقىرىتىلغان مىستەك پارلاپ تۇراتتى. | 7 |
Le loro gambe erano diritte e gli zoccoli dei loro piedi erano come gli zoccoli dei piedi d'un vitello, splendenti come lucido bronzo.
تۆت يېنىدا، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنساننىڭكىدەك بىردىن قولى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى؛ | 8 |
Sotto le ali, ai quattro lati, avevano mani d'uomo; tutti e quattro avevano le medesime sembianze e le proprie ali,
ئۇلارنىڭ قاناتلىرى بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى؛ ئۇلار يۈرگەندە ھېچياققا بۇرۇلمايتتى؛ ئۇلار ھەممىسى ئۇدۇل ئالدىغا يۈرەتتى. | 9 |
e queste ali erano unite l'una all'altra. Mentre avanzavano, non si volgevano indietro, ma ciascuno andava diritto avanti a sé.
ئۇلارنىڭ يۈز كۆرۈنۈشلىرى ئىنساننىڭكىدەك ئىدى؛ ئۇ تۆتىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە شىرنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ سول تەرىپىدە بۇقىنىڭكىدەك يۈزى بار ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك يۈزىمۇ بار ئىدى. | 10 |
Quanto alle loro fattezze, ognuno dei quattro aveva fattezze d'uomo; poi fattezze di leone a destra, fattezze di toro a sinistra e, ognuno dei quattro, fattezze d'aquila.
ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەنە شۇنداق ئىدى. قاناتلىرى يۇقىرىدا كېرىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىككى قانىتى ئىككى تەرىپىدىكى مەخلۇقنىڭ قانىتىغا تۇتىشاتتى؛ يەنە ئىككى قانىتى ئۆز تېنىنى يېپىپ تۇراتتى. | 11 |
Le loro ali erano spiegate verso l'alto; ciascuno aveva due ali che si toccavano e due che coprivano il corpo.
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇدۇلغا قاراپ ماڭاتتى؛ ئۇلاردا بولغان روھ نەگە بارىمەن دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچقايسى تەرەپكە بۇرۇلمايتتى. | 12 |
Ciascuno si muoveva davanti a sé; andavano là dove lo spirito li dirigeva e, muovendosi, non si voltavano indietro.
ھايات مەخلۇقلارنىڭ قىياپىتى بولسا، كۆيۈپ يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتنىڭ چوغىدەك، مەشئەللەردەك ئىدى؛ مۇشۇ ئوت ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ مەخلۇقلار ئارىسىدا يۈرەتتى؛ ئوت ئىنتايىن يالقۇنلۇق ئىدى، ئوتتىن چاقماقلار چېقىپ تۇراتتى؛ | 13 |
Tra quegli esseri si vedevano come carboni ardenti simili a torce che si muovevano in mezzo a loro. Il fuoco risplendeva e dal fuoco si sprigionavano bagliori.
ھايات مەخلۇقلار چاقماقتەك پال-پۇل قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ تۇراتتى. | 14 |
Gli esseri andavano e venivano come un baleno.
مەن ھايات مەخلۇقلارغا قارىدىم، مانا ھايات مەخلۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ يېنىدا يەردە تۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇدۇللانغان بىردىن چاق تۇراتتى؛ | 15 |
Io guardavo quegli esseri ed ecco sul terreno una ruota al loro fianco, di tutti e quattro.
چاقلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى؛ تۆتىسىنىڭ بىرخىللا كۆرۈنۈشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە ياسىلىشى بولسا، چاقنىڭ ئىچىدە چاق باردەك ئىدى. | 16 |
Le ruote avevano l'aspetto e la struttura come di topazio e tutt'e quattro la medesima forma, il loro aspetto e la loro struttura era come di ruota in mezzo a un'altra ruota.
مەخلۇقلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆت تەرىپىنىڭ ھەممىسىگە ئۇدۇل ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى. | 17 |
Potevano muoversi in quattro direzioni, senza aver bisogno di voltare nel muoversi.
چاقلارنىڭ ئۇلتاڭلىرى بولسا، ئىنتايىن ئېگىز ھەم دەھشەتلىك ئىدى؛ ئۇلار تۆتىسىنىڭ ئۇلتاڭلىرىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. | 18 |
La loro circonferenza era assai grande e i cerchi di tutt'e quattro erano pieni di occhi tutt'intorno.
ھايات مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلار ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ ھايات مەخلۇقلار يەردىن كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ كۆتۈرۈلەتتى. | 19 |
Quando quegli esseri viventi si muovevano, anche le ruote si muovevano accanto a loro e, quando gli esseri si alzavano da terra, anche le ruote si alzavano.
روھ نەگە ماڭ دېسە، ئۇلار شۇ يەرگە ماڭاتتى ــ دېمەك، ئۇلارنىڭ روھى [روھقا] ئەگىشىپ ماڭاتتى. چاقلار ئۇلار بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلىرىدا ئىدى. | 20 |
Dovunque lo spirito le avesse spinte, le ruote andavano e ugualmente si alzavano, perché lo spirito dell'essere vivente era nelle ruote.
مەخلۇقلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ماڭاتتى؛ مەخلۇقلار توختىغاندا، چاقلارمۇ توختايتتى؛ ئۇلار يەردىن كۆتۈرۈلگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ تەڭ كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. | 21 |
Quando essi si muovevano, esse si muovevano; quando essi si fermavano, esse si fermavano e, quando essi si alzavano da terra, anche le ruote ugualmente si alzavano, perché lo spirito dell'essere vivente era nelle ruote.
ھايات مەخلۇقلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدە بىر يوغان كۆز يەتكۈسىز گۈمبەزگە ئوخشايدىغان بىر نەرسە تۇراتتى؛ ئۇ خرۇستالدەك دەھشەتلىك پارقىراپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە يېيىلىپ تۇراتتى. | 22 |
Al di sopra delle teste degli esseri viventi vi era una specie di firmamento, simile ad un cristallo splendente, disteso sopra le loro teste,
بۇ گۈمبەزدەك نەرسىنىڭ ئاستىدا ئۇلارنىڭ قاناتلىرى كېرىلىپ، بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى؛ ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئۆز تېنىنىڭ ئىككى يېنىنى ياپىدىغان ئىككىدىن قانىتى بار ئىدى. | 23 |
e sotto il firmamento vi erano le loro ali distese, l'una di contro all'altra; ciascuno ne aveva due che gli coprivano il corpo.
ئۇلار ماڭغاندا، مەن قاناتلىرىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدىم ــ ئۇ ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك، ھەممىگە قادىرنىڭ ئاۋازىدەك ــ قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىۋاتقان چاغدىكى سۈرەن-شاۋقۇنلىرىنىڭ ساداسىدەك ئىدى؛ ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. | 24 |
Quando essi si muovevano, io udivo il rombo delle ali, simile al rumore di grandi acque, come il tuono dell'Onnipotente, come il fragore della tempesta, come il tumulto d'un accampamento. Quando poi si fermavano, ripiegavano le ali.
ۋە ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلار توختاپ تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار قاناتلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرەتتى. | 25 |
Ci fu un rumore al di sopra del firmamento che era sulle loro teste.
ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەزدەك نەرسە ئۈستىدە، كۆك ياقۇت كەبى بىر تەختنىڭ سىيماسى تۇراتتى؛ بۇ تەخت سىيماسىنىڭ ئۈستىدە، تولىمۇ يۇقىرىدا، ئىنسان قىياپىتىدە كۆرۈنگەن بىر زات تۇراتتى. | 26 |
Sopra il firmamento che era sulle loro teste apparve come una pietra di zaffiro in forma di trono e su questa specie di trono, in alto, una figura dalle sembianze umane.
ۋە مەن بۇ زاتنى بېلىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ تۇرقى مىستەك پارقىرغان، ئەتراپىنى ئوت ئوراپ تۇرغان قىياپەتتىكى بىر كۆرۈنۈشتە كۆردۈم؛ ۋە بېلىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ تۇرقى، ئوتنىڭ قىياپىتىدە ئىدى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك يورۇقلۇق تۇراتتى. | 27 |
Da ciò che sembrava essere dai fianchi in su, mi apparve splendido come l'elettro e da ciò che sembrava dai fianchi in giù, mi apparve come di fuoco. Era circondato da uno splendore
بۇ ئەتراپىدا تۇرغان كۈچلۈك يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا، يامغۇرلۇق كۈنىدىكى بۇلۇتتا پەيدا بولغان ھەسەن-ھۆسەننىڭ كۆرۈنۈشىدەك ئىدى. بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ قىياپىتىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىدى. بۇنى كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم؛ ۋە مەن سۆزلەۋاتقان بىرسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. | 28 |
il cui aspetto era simile a quello dell'arcobaleno nelle nubi in un giorno di pioggia. Tale mi apparve l'aspetto della gloria del Signore. Quando la vidi, caddi con la faccia a terra e udii la voce di uno che parlava.