ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشىغا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. | 1 |
ויאמר יהוה אל משה בא אל פרעה ודברת אליו כה אמר יהוה אלהי העברים שלח את עמי ויעבדני |
ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، | 2 |
כי אם מאן אתה לשלח ועודך מחזיק בם |
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ. | 3 |
הנה יד יהוה הויה במקנך אשר בשדה בסוסים בחמרים בגמלים בבקר ובצאן--דבר כבד מאד |
لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارپايلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ» ــ دېگىن، دېدى. | 4 |
והפלה יהוה--בין מקנה ישראל ובין מקנה מצרים ולא ימות מכל לבני ישראל דבר |
پەرۋەردىگار ۋاقىتنى بېكىتىپ: ــ ئەتە پەرۋەردىگار زېمىندا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى. | 5 |
וישם יהוה מועד לאמר מחר יעשה יהוה הדבר הזה--בארץ |
ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى؛ مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق چارپايلىرى ئۆلدى؛ لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى. | 6 |
ויעש יהוה את הדבר הזה ממחרת וימת כל מקנה מצרים וממקנה בני ישראל לא מת אחד |
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىۋىدى، مانا، ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىگەنىدى. لېكىن پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق قىلىنىپ، ئۇ قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. | 7 |
וישלח פרעה--והנה לא מת ממקנה ישראל עד אחד ויכבד לב פרעה ולא שלח את העם |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: ــ خۇمداننىڭ كۈلىدىن چاڭگىلىڭلارنى توشقۇزۇپ ئېلىڭلار، ئاندىن مۇسا ئۇنى پىرەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ چاچسۇن. | 8 |
ויאמר יהוה אל משה ואל אהרן קחו לכם מלא חפניכם פיח כבשן וזרקו משה השמימה לעיני פרעה |
شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدىغان چاڭ-توزان بولىدۇ ۋە مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەردە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقىرىدۇ، ــ دېدى. | 9 |
והיה לאבק על כל ארץ מצרים והיה על האדם ועל הבהמה לשחין פרח אבעבעת--בכל ארץ מצרים |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى ۋە مۇسا ئۇنى ئاسمانغا قارىتىپ چاچتى؛ ئۇ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقاردى. | 10 |
ויקחו את פיח הכבשן ויעמדו לפני פרעה ויזרק אתו משה השמימה ויהי שחין אבעבעת פרח באדם ובבהמה |
جادۇگەرلەر چاقىلار دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى؛ چۈنكى جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىنىمۇ، باشقا بارلىق مىسىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش چاقا بېسىپ كەتكەنىدى. | 11 |
ולא יכלו החרטמים לעמד לפני משה--מפני השחין כי היה השחין בחרטמם ובכל מצרים |
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ شۇڭا پەرۋەردىگار دەل مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. | 12 |
ויחזק יהוה את לב פרעה ולא שמע אלהם כאשר דבר יהוה אל משה |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە تاڭ سەھەر قوپۇپ، پىرەۋننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قوۋمىمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر؛ | 13 |
ויאמר יהוה אל משה השכם בבקר והתיצב לפני פרעה ואמרת אליו כה אמר יהוה אלהי העברים שלח את עמי ויעבדני |
چۈنكى مەن بۇ قېتىم ھەممە بالايىئاپەتلىرىمنى يۈرىكىڭگە، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن سەن پۈتكۈل يەر يۈزىدە مەندەك باشقا بىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. | 14 |
כי בפעם הזאת אני שלח את כל מגפתי אל לבך ובעבדיך ובעמך--בעבור תדע כי אין כמני בכל הארץ |
چۈنكى مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۆزۈڭ ۋە قوۋمىڭنى ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسامئىدى، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتەتتىڭ. | 15 |
כי עתה שלחתי את ידי ואך אותך ואת עמך בדבר ותכחד מן הארץ |
ھالبۇكى، مېنىڭ سېنى ئورنۇڭغا تىكلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇ ئىدىكى، دەل ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش، شۇنداقلا نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن ئىدى. | 16 |
ואולם בעבור זאת העמדתיך בעבור הראתך את כחי ולמען ספר שמי בכל הארץ |
سەن يەنە قوۋمىمغا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىۋېرەمسەن؟ | 17 |
עודך מסתולל בעמי לבלתי שלחם |
مانا، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن بۇيان ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈرنى ياغدۇرىمەن. | 18 |
הנני ממטיר כעת מחר ברד כבד מאד אשר לא היה כמהו במצרים למן היום הוסדה ועד עתה |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ، ھايۋان ۋە ئېتىزدا بار-يوقۇڭنى يىغىپ ئىچكىرى سولىغىن؛ چۈنكى ئۆيگە قايتۇرۇلماي سىرتتا قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۆلدۈرنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ! ــ دېگىن، دېدى. | 19 |
ועתה שלח העז את מקנך ואת כל אשר לך בשדה כל האדם והבהמה אשר ימצא בשדה ולא יאסף הביתה--וירד עלהם הברד ומתו |
بۇنى ئاڭلاپ پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن قورققان ھەربىر ئادەم ئۆز قۇللىرى ۋە چارپايلىرىنى يۈگۈرتۈپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەلدى. | 20 |
הירא את דבר יהוה מעבדי פרעה--הניס את עבדיו ואת מקנהו אל הבתים |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلار ئۆز قۇل ۋە ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇرۇپ قويدى. | 21 |
ואשר לא שם לבו אל דבר יהוה--ויעזב את עבדיו ואת מקנהו בשדה |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەردە، ئادەملەر ئۈستىگە، ماللارنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا مىسىر زېمىنىدىكى دالالارنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن، دېدى. | 22 |
ויאמר יהוה אל משה נטה את ידך על השמים ויהי ברד בכל ארץ מצרים על האדם ועל הבהמה ועל כל עשב השדה--בארץ מצרים |
مۇسا شۇنىڭ بىلەن ھاسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار گۈلدۈرمامىنى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇردى، يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى. | 23 |
ויט משה את מטהו על השמים ויהוה נתן קלת וברד ותהלך אש ארצה וימטר יהוה ברד על ארץ מצרים |
مۆلدۈر يېغىپ، مۆلدۈر بىلەن ئوت ئارىلاش چۈشتى؛ مۆلدۈر شۇنچە ئېغىر بولدىكى، مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى. | 24 |
ויהי ברד--ואש מתלקחת בתוך הברד כבד מאד--אשר לא היה כמהו בכל ארץ מצרים מאז היתה לגוי |
مۆلدۈر پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەر يېرىدە چۈشۈپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇردى؛ مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە ئوت-چۆپنى ئۇرۇپ، يەردىكى ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى. | 25 |
ויך הברד בכל ארץ מצרים את כל אשר בשדה מאדם ועד בהמה ואת כל עשב השדה הכה הברד ואת כל עץ השדה שבר |
پەقەت ئىسرائىللار ئولتۇرۇشلۇق گوشەن زېمىنىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى. | 26 |
רק בארץ גשן אשר שם בני ישראל--לא היה ברד |
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى. | 27 |
וישלח פרעה ויקרא למשה ולאהרן ויאמר אלהם חטאתי הפעם יהוה הצדיק ואני ועמי הרשעים |
يەنە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىڭلار! خۇدادىن چىققان بۇ قاتتىق گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر يېتىپ ئاشتى! سىلەرنى قويۇپ بېرەي؛ سىلەر ئەمدى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسەڭلار بولمايدۇ، ــ دېدى. | 28 |
העתירו אל יהוה ורב מהית קלת אלהים וברד ואשלחה אתכם ולא תספון לעמד |
مۇسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن شەھەردىن چىققاندا، پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىمنى يېيىپ كۆتۈرىمەن؛ گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ مۆلدۈر يەنە ياغمايدۇ. يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، دەپ بىلىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. | 29 |
ויאמר אליו משה כצאתי את העיר אפרש את כפי אל יהוה הקלות יחדלון והברד לא יהיה עוד למען תדע כי ליהוה הארץ |
لېكىن سەن ۋە سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، دېدى. | 30 |
ואתה ועבדיך ידעתי--כי טרם תיראון מפני יהוה אלהים |
شۇ چاغدا ئارپا باش چىقىرىپ، زىغىر غۇنچىلىغان بولغاچقا، زىغىر ۋە ئارپا مۆلدۈردىن ۋەيران قىلىندى. | 31 |
והפשתה והשערה נכתה כי השערה אביב והפשתה גבעל |
لېكىن بۇغداي بىلەن قارا بۇغداي كېيىنرەك بىخ چىقارغاچقا، ۋەيران قىلىنمىدى. | 32 |
והחטה והכסמת לא נכו כי אפילת הנה |
مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن كېتىپ، شەھەردىن چىقىپ پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىنى يېيىپ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈر توختاپ، يامغۇر يەرگە يەنە تۆكۈلمىدى. | 33 |
ויצא משה מעם פרעה את העיר ויפרש כפיו אל יהוה ויחדלו הקלות והברד ומטר לא נתך ארצה |
ئەمما پىرەۋن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرمامىلارنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە، يەنە گۇناھ سادىر قىلدى؛ ئۇمۇ، ئەمەلدارلىرىمۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىشتى. | 34 |
וירא פרעה כי חדל המטר והברד והקלת--ויסף לחטא ויכבד לבו הוא ועבדיו |
بۇ تەرىقىدە پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق تۇرۇۋېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى. | 35 |
ויחזק לב פרעה ולא שלח את בני ישראל כאשר דבר יהוה ביד משה |