< مىسىردىن چىقىش 8 >
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ماڭا ئىبادەت قىلىشقا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. | 1 |
Andin Perwerdigar Musagha: — Pirewnning aldigha bérip uninggha: — Perwerdigar mundaq deydu: — «Manga ibadet qilishqa Öz qowmimni qoyup ber.
لېكىن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن دۆلىتىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقىلار بىلەن باستۇرۇپ ئۇرىمەن. | 2 |
Lékin ularni qoyup bérishni ret qilsang, mana, Men dölitingning hemme yérini paqilar bilen basturup urimen.
دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، [دەريادىن] چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ. | 3 |
Deryada top-top paqilar peyda bolup, [deryadin] chiqip ordanggha, hujranggha, orun-körpengge, emeldarliringning öylirige kiriwalidu, shuningdek xelqingning uchisigha, tonur we tengniliringge yamiship chiqiwalidu.
پاقىلار ئۆزۈڭنىڭ ئۈستىبېشىغا، خەلقىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۈستىبېشىغا يامىشىپ چىقىۋالىدۇ» ــ دېگىن، ــ دېدى. | 4 |
Paqilar özüngning üstibéshigha, xelqingning üstibéshigha we hemme emeldarliringning üstibéshigha yamiship chiqiwalidu» — dégin, — dédi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: پاقىلارنىڭ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىشى ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ھاساڭنى ئېقىنلار، ئۆستەڭلەر ۋە كۆللەرنىڭ ئۈستىگە شىلتىغىن، دېگىن ــ دېدى. | 5 |
Perwerdigar Musagha: — Sen Harun’gha: Paqilarning Misir zéminining üstige chiqishi üchün qolungni uzitip, hasangni éqinlar, östengler we köllerning üstige shiltighin, dégin — dédi.
شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ شۇنداق قىلىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى. | 6 |
Shuning bilen Harun qolini Misirning suliri üstige uzatti; shundaq qiliwidi, paqilar chiqip Misir zéminini qaplidi.
لېكىن جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلىپ، مىسىر زېمىنى ئۈستىگە پاقىلارنى پەيدا قىلدى. | 7 |
Lékin jadugerlermu öz jaduliri bilen oxshash ishni qilip, Misir zémini üstige paqilarni peyda qildi.
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ پاقىلارنى مەندىن ۋە خەلقىمدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈڭلار. شۇنداق بولسا، مەن خەلقىڭنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلسۇن دەپ قويۇپ بېرىمەن، دېدى. | 8 |
Pirewn Musa bilen Harunni chaqirtip: — Paqilarni mendin we xelqimdin néri qilish üchün Perwerdigardin ötününglar. Shundaq bolsa, men xelqingni Perwerdigargha qurbanliq qilsun dep qoyup bérimen, dédi.
مۇسا پىرەۋنگە: ــ بوپتۇ، مەن ئىززىتىڭنى قىلاي، پەقەت دەريادىكى پاقىلارلا قېلىپ، باشقىلىرى ئۆزۈڭدىن ۋە ئۆيلىرىڭدىن ئايرىلسۇن دەپ، سەن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭ ئۈچۈن مېنىڭ دۇئا قىلىدىغان ۋاقتىمنى بېكىتكىن، دېدى. | 9 |
Musa Pirewn’ge: — Boptu, men izzitingni qilay, peqet deryadiki paqilarla qélip, bashqiliri özüngdin we öyliringdin ayrilsun dep, sen, emeldarliring we xelqing üchün méning dua qilidighan waqtimni békitkin, dédi.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئەتە بولسۇن، دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: ــ خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئوخشاش ھېچبىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇن. | 10 |
U jawab bérip: — Ete bolsun, dédi. Musa uninggha: — Xudayimiz Perwerdigargha oxshash héchbirining yoqluqini bilishing üchün séning déginingdek bolsun.
پاقىلار سەندىن، ئۆيلىرىڭدىن، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ پەقەت دەريادىلا قالىدۇ، دېدى. | 11 |
Paqilar sendin, öyliringdin, emeldarliring we xelqingdin chiqip kétidu; peqet deryadila qalidu, dédi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىلگەن پاقىلار توغرىسىدا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى. | 12 |
Shuning bilen Musa we Harun Pirewnning aldidin chiqip ketti. Andin Musa Pirewnning üstige ewetilgen paqilar toghrisida Perwerdigargha nida qildi.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ تىلىگىنىدەك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىكى، ھويلىلاردىكى ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلار ئۆلدى. | 13 |
Perwerdigar Musaning tiliginidek qildi. Buning bilen öylerdiki, hoylilardiki we étizlardiki paqilar öldi.
خەلق ئۇلارنى يىغىپ دۆۋە-دۆۋە قىلدى، [پۈتكۈل] يۇرت-زېمىن سېسىقچىلىققا تولدى. | 14 |
Xelq ularni yighip döwe-döwe qildi, [pütkül] yurt-zémin sésiqchiliqqa toldi.
لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. | 15 |
Lékin Pirewn apettin xalas bolghinini körgende, könglini qattiq qilip, Perwerdigar éytqinidek ulargha qulaq salmidi.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئۇزىتىپ، يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پاشىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، دېگىن، ــ دېدى. | 16 |
Andin Perwerdigar Musagha: — Sen Harun’gha: — Hasangni uzitip, yerning topisini urghin. Buning bilen u pashigha aylinip, pütkül Misir zéminini qaplaydu, dégin, — dédi.
ئۇلار شۇنداق قىلدى؛ ھارۇن قولىنى ئۇزىتىپ ھاسىسى بىلەن يەرنىڭ توپىسىنى ئۇرۇۋىدى، ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى پاشا باستى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى توپا-چاڭلار پاشىغا ئايلاندى. | 17 |
Ular shundaq qildi; Harun qolini uzitip hasisi bilen yerning topisini uruwidi, ademler we haywanlarning üstibéshini pasha basti; pütkül Misir zéminidiki topa-changlar pashigha aylandi.
جادۇگەرلەرمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن شۇنداق قىلىپ پاشا پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، پەيدا قىلالمىدى. پاشىلار بولسا ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم ھايۋانلارنىڭ ئۈستىبېشىنى قاپلاپ كەتتى. | 18 |
Jadugerlermu öz jaduliri bilen shundaq qilip pasha peyda qilishqa urun’ghan bolsimu, peyda qilalmidi. Pashilar bolsa hem ademlerning hem haywanlarning üstibéshini qaplap ketti.
ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: ــ بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! ــ دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. | 19 |
Andin jadugerler Pirewn’ge: — Bu ish Xudaning barmiqining qilghini! — déyishti. Lékin Pirewn könglini qattiq qilip, Perwerdigar éytqinidek ulargha qulaq salmidi.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن ــ (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر! | 20 |
Perwerdigar Musagha: — Ete seher qopup Pirewnning aldigha bérip turghin — (shu waqitta u su boyigha chiqidu) uninggha: «Perwerdigar mundaq deydu: — Manga ibadet qilishi üchün Öz qowmimni qoyup ber!
چۈنكى ئەگەر قوۋمىمنى قويۇپ بەرمىسەڭ، مانا مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ، خەلقىڭ ئۈستىگە، ئۆيلىرىڭگە كۆكۈيۈنلەرنى ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھەتتا ئۇلار تۇرۇۋاتقان تۇپراقمۇ كۆكۈيۈنلەر بىلەن تولىدۇ. | 21 |
Chünki eger qowmimni qoyup bermiseng, mana Men séning we emeldarliring, xelqing üstige, öyliringge köküyünlerni ewetimen; shuning bilen misirliqlarning öyliri we hetta ular turuwatqan tupraqmu köküyünler bilen tolidu.
لېكىن شۇ كۈنىدە ئۆز قوۋمىم تۇرۇۋاتقان گوشەن يۇرتىنى باشقىچە قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ يەردە كۆكۈيۈنلەر تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىندا بولغانلىقىمنى بىلىسەن. | 22 |
Lékin shu künide Öz qowmim turuwatqan Goshen yurtini bashqiche qilimen; shundaq boliduki, u yerde köküyünler tépilmaydu. Shuning bilen sen Men Perwerdigarning bu zéminda bolghanliqimni bilisen.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز قوۋمىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن؛ بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت ئەتە يۈز بېرىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. | 23 |
Shundaq qilip Men Öz qowmimni séning xelqingdin perqlendürimen; bu möjizilik alamet ete yüz béridu», dep éytqin, dédi.
پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. پىرەۋننىڭ ئۆيلىرىگە، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كۆكۈيۈنلەر توپ-توپ بولۇپ كىردى؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەممە يېرى كۆكۈيۈنلەر تەرىپىدىن خاراب بولۇشقا باشلىدى. | 24 |
Perwerdigar déginini qildi. Pirewnning öylirige, emeldarlirining öylirige köküyünler top-top bolup kirdi; pütkül Misir zéminining hemme yéri köküyünler teripidin xarab bolushqa bashlidi.
پىرەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: بېرىپ مۇشۇ زېمىندا خۇدايىڭلارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈڭلار، ــ دېدى. | 25 |
Pirewn Musa bilen Harunni chaqirtip kélip ulargha: Bérip mushu zéminda Xudayinglargha qurbanliq ötküzünglar, — dédi.
لېكىن مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنداق قىلىش بىزگە تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا سۇنماقچى بولغان قۇربانلىق مال مىسىرلىقلارغا نىسبەتەن يىرگىنچلىكتۇر. ئەمدى ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا يامان كۆرۈنگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىلساق ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىۋەتمەمدۇ؟ | 26 |
Lékin Musa jawab bérip: — Bundaq qilish bizge taza muwapiq bolmaydu; chünki biz Perwerdigar Xudayimizgha sunmaqchi bolghan qurbanliq mal misirliqlargha nisbeten yirginchliktur. Emdi eger biz misirliqlarning köz aldida yaman körün’gen nersini qurbanliq qilsaq ular bizni chalma-kések qiliwetmemdu?
بىز ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلدە پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە بۇيرۇغىنىدەك ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇشىمىز كېرەك، دېدى. | 27 |
Biz üch künlük yolni bésip, chölde Perwerdigar Xudayimiz bizge buyrughinidek uninggha qurbanliq sunushimiz kérek, dédi.
پىرەۋن: ــ سىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا چۆلدە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بارغىلى قويىمەن؛ پەقەت بەك يىراق كېتىپ قالماڭلار، مېنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، دېدى. | 28 |
Pirewn: — Silerni Perwerdigar Xudayinglargha chölde qurbanliq ötküzüshke barghili qoyimen; peqet bek yiraq kétip qalmanglar, méning üchün dua qilinglar, dédi.
مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىمەن ۋە كۆكۈيۈنلەر سەن پىرەۋندىن، ئەمەلدارلىرىڭدىن ۋە خەلقىڭدىن ئەتە چىقىپ كېتىدۇ؛ لېكىن پىرەۋن يەنە ھىيلە ئىشلىتىپ، خەلقنى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشتىن توسقۇچى بولمىسۇن، دېدى. | 29 |
Musa jawab bérip: — Mana, men séning aldingdin chiqip Perwerdigargha iltija qilimen we köküyünler sen Pirewndin, emeldarliringdin we xelqingdin ete chiqip kétidu; lékin Pirewn yene hiyle ishlitip, xelqni Perwerdigargha qurbanliq qilishqa bérishtin tosquchi bolmisun, dédi.
مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا شۇنداق ئىلتىجا قىلدى. | 30 |
Musa Pirewnning aldidin chiqip, Perwerdigargha shundaq iltija qildi.
پەرۋەردىگار مۇسا تىلىگىنىدەك قىلدى؛ ئۇ كۆكۈيۈنلەرنى پىرەۋن، ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقىدىن چىقىرىۋەتتى؛ ھەتتا بىر تال كۆكۈيۈنمۇ قالمىدى. | 31 |
Perwerdigar Musa tiliginidek qildi; u köküyünlerni Pirewn, emeldarliri we xelqidin chiqiriwetti; hetta bir tal köküyünmu qalmidi.
لېكىن پىرەۋن بۇ قېتىممۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. | 32 |
Lékin Pirewn bu qétimmu könglini qattiq qilip, qowmni qoyup bermidi.