< مىسىردىن چىقىش 7 >
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن پىرەۋننىڭ ئالدىدا سېنى خۇدانىڭ ئورنىدا قىلدىم. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولىدۇ. | 1 |
ヱホバ、モーセに言たまひけるは視よ我汝をしてパロにおけること神のごとくならしむ汝の兄弟アロンは汝の預言者となるべし
مەن ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى [ئۇنىڭغا] دەيسەن؛ ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن پىرەۋنگە ئۇنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ. | 2 |
汝はわが汝に命ずる所を盡く宣べし汝の兄弟アロンはパロに告ることを爲べし彼イスラエルの子孫をその國より出すに至らん
لېكىن مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەن مىسىر زېمىنىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن. | 3 |
我パロの心を剛愎にして吾徴と奇跡をエジプトの國に多くせん
شۇنداقتىمۇ، پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما مەن مىسىرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ قولۇمنى ئۇزىتىپ، چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، قوشۇنلىرىم بولغان ئۆز قوۋمىم ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىمەن. | 4 |
然どパロ汝に聽ざるべし我すなはち吾手をエジプトに加へ大なる罰をほどこして吾軍隊わが民イスラエルの子孫をエジプトの國より出さん
ئۆز قولۇمنى مىسىرنىڭ ئۈستىگە سوزغىنىمدا، ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقارغىنىمدا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، ــ دېدى. | 5 |
我わが手をエジプトの上に伸てイスラエルの子孫をエジプト人の中より出す時には彼等我のヱホバなるを知ん
مۇسا بىلەن ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق تاپىلىغان بولسا، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى. | 6 |
モーセとアロン斯おこなひヱホバの命じたまへる如くに然なしぬ
ئۇلار پىرەۋنگە سۆز قىلغان ۋاقىتتا مۇسا سەكسەن ياشقا، ھارۇن سەكسەن ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى. | 7 |
そのパロと談論ける時モーセは八十歳アロンは八十三歳なりき
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: ــ | 8 |
ヱホバ、モーセとアロンに告て言たまひけるは
ئەمدى پىرەۋن سىلەرگە: ــ ئۆزۈڭلارنى تەستىقلاپ بىر مۆجىزە كۆرسىتىڭلار، دېسە، سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا تاشلىغىن، دەپ ئېيتقىن. شۇنداق قىلىشى بىلەنلا ھاسا يىلانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. | 9 |
パロ汝等に語りて汝ら自ら奇蹟を行へと言時には汝アロンに言べし汝の杖をとりてパロの前に擲てよと其は蛇とならん
شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن ھاسىسىنى پىرەۋن بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. | 10 |
是に於てモーセとアロンはパロの許にいたりヱホバの命じたまひしごとくに行へり即ちアロンその杖をパロとその臣下の前に擲しに蛇となりぬ
ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى. | 11 |
斯在しかばパロもまた博士と魔術士を召よせたるにエジプトの法術士等もその秘術をもてかくおこなへり
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىدى؛ ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى. | 12 |
即ち彼ら各人その杖を投たれば蛇となりけるがアロンの杖かれらの杖を呑つくせり
بىراق پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىقلىق بىلەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. | 13 |
然るにパロの心剛愎になりて彼らに聽ことをせざりきヱホバの言たまひし如し
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق؛ ئۇ قوۋمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ. | 14 |
ヱホバ、モーセに言たまひけるはパロは心頑にして民を去しむることを拒むなり
ئەمدى سەن ئەتە سەھەردە پىرەۋننىڭ قېشىغا بارغىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ــ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە دەريانىڭ بويىدا ساقلاپ تۇرغىن؛ يىلانغا ئايلانغان ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىۋال. | 15 |
朝におよびて汝パロの許にいたれ視よ彼は水に臨む汝河の邊にたちて彼を逆ふべし汝かの蛇に化し杖を手にとりて居り
سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مېنى ئالدىڭغا: «چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر» دېيىشكە ئەۋەتكەنىدى؛ لېكىن مانا، بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ ئاڭلىمىدىڭ. | 16 |
彼に言ふべしヘブル人の神ヱホバ我を汝につかはして言しむ吾民を去しめて曠野にて我に事ふることを得せしめよ視よ今まで汝は聽入ざりしなり
شۇڭا پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «سەن شۇ [ئالامەت] بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دەيدۇ ــ مانا، مەن قولۇمدىكى ھاسا بىلەن دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ، | 17 |
ヱホバかく言ふ汝これによりて我がヱホバなるを知ん視よ我わが手の杖をもて河の水を撃ん是血に變ずべし
دەريانىڭ بېلىقلىرى ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كېتىدۇ؛ مىسىرلىقلار سۇدىن سەسكىنىپ، ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ». | 18 |
而して河の魚は死に河は臭くならんエジプト人は河の水を飮ことを厭ふにいたるべし
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ مىسىرلىقلارنىڭ سۇلىرى قانغا ئايلانسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئېقىنلىرى، ئۆستەڭلىرى، كۆللىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا، ھەتتا ياغاچ ۋە تاش قاچىلاردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ، دېگىن، دېدى. | 19 |
ヱホバまたモーセに言たまはく汝アロンに言へ汝の杖をとりて汝の手をエジプトの上に伸べ流水の上河々の上池塘の上一切の湖水の上に伸て血とならしめよエジプト全國に於て木石の器の中に凡て血あるにいたらん
مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن پىرەۋن ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاسىنى كۆتۈرۈپ، دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرۇۋىدى، پۈتۈن دەريانىڭ سۈيى قانغا ئايلىنىپ كەتتى. | 20 |
モーセ、アロンすなはちヱホバの命じたまへるごとくに爲り即ち彼パロとその臣下の前にて杖をあげて河の水を撃しに河の水みな血に變じたり
دەريادىكى بېلىقلار ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كەتتى. مىسىرلىقلار دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، پۈتكۈل مىسىر زېمىنى قانغا تولدى. | 21 |
是において河の魚死て河臭くなりエジプト人河の水を飮ことを得ざりき斯エジプト全國に血ありき
لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ھەم شۇنداق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق بولۇپ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى؛ | 22 |
エジプトの法術士等もその秘術をもて斯のごとく行へりパロは心頑固にして彼等に聽ことをせざりきヱホバの言たまひし如し
ئەكسىچە پىرەۋن ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ، بۇ ئىشقا ھېچ پىسەنت قىلمىدى. | 23 |
パロすなはち身をめぐらしてその家に入り此事にも心をとめざりき
دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمىگىنى ئۈچۈن بارلىق مىسىرلىقلار ئىچكۈدەك سۇ تېپىش ئۈچۈن دەريانىڭ ئەتراپلىرىنى كولىدى. | 24 |
エジプト人河の水を飮ことを得ざりしかば皆飮水を得んとて河のまはりを掘たりヱホバ河を撃たまひてより後七日たちぬ
پەرۋەردىگار دەريانى ئۇرۇپ، يەنە يەتتە كۈن ئۆتتى. | 25 |