لېكىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەمدى سەن مېنىڭ پىرەۋنگە قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ قۇدرەتلىك بىر قولدىن مەجبۇرلىنىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىدۇ، قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، ــ دېدى. | 1 |
וַיֹּאמֶר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה עַתָּה תִרְאֶה אֲשֶׁר אֶֽעֱשֶׂה לְפַרְעֹה כִּי בְיָד חֲזָקָה יְשַׁלְּחֵם וּבְיָד חֲזָקָה יְגָרְשֵׁם מֵאַרְצֽוֹ׃ |
ئاندىن خۇدا مۇساغا [يەنە] سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 2 |
וַיְדַבֵּר אֱלֹהִים אֶל־מֹשֶׁה וַיֹּאמֶר אֵלָיו אֲנִי יְהֹוָֽה׃ |
مەن ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا قادىر-مۇتلەق تەڭرى سۈپىتىدە كۆرۈندۈم؛ لېكىن «ياھۋەھ» دېگەن نامىم بىلەن ئۇلارغا ئاشكارا تونۇلمىدىم. | 3 |
וָאֵרָא אֶל־אַבְרָהָם אֶל־יִצְחָק וְאֶֽל־יַעֲקֹב בְּאֵל שַׁדָּי וּשְׁמִי יְהֹוָה לֹא נוֹדַעְתִּי לָהֶֽם׃ |
مەن ئۇلار بىلەن: ــ «سىلەر مۇساپىر بولۇپ ئولتۇرغان زېمىننى، يەنى قانائان زېمىنىنى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە باغلىشىپ ۋەدە قىلغانمەن. | 4 |
וְגַם הֲקִמֹתִי אֶת־בְּרִיתִי אִתָּם לָתֵת לָהֶם אֶת־אֶרֶץ כְּנָעַן אֵת אֶרֶץ מְגֻרֵיהֶם אֲשֶׁר־גָּרוּ בָֽהּ׃ |
ئەمدى مەن مىسىرلىقلار قۇل قىلىپ زۇلۇم سالغان ئىسرائىللارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، قىلغان شۇ ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. | 5 |
וְגַם ׀ אֲנִי שָׁמַעְתִּי אֶֽת־נַאֲקַת בְּנֵי יִשְׂרָאֵל אֲשֶׁר מִצְרַיִם מַעֲבִדִים אֹתָם וָאֶזְכֹּר אֶת־בְּרִיתִֽי׃ |
شۇڭا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن ئۆزۈم سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر يۈكلىرى ئاستىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىپ، قولۇمنى ئۇزىتىپ ئۇلارغا چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، سىلەرگە ھەمجەمەت بولۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن. | 6 |
לָכֵן אֱמֹר לִבְנֵֽי־יִשְׂרָאֵל אֲנִי יְהֹוָה וְהוֹצֵאתִי אֶתְכֶם מִתַּחַת סִבְלֹת מִצְרַיִם וְהִצַּלְתִּי אֶתְכֶם מֵעֲבֹדָתָם וְגָאַלְתִּי אֶתְכֶם בִּזְרוֹעַ נְטוּיָה וּבִשְׁפָטִים גְּדֹלִֽים׃ |
سىلەرنى ئۆز قوۋمىم بولۇشقا قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۆزۈم خۇدايىڭلار بولىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى مىسىرلىقلارنىڭ يۈكلىرىنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغۇچىنىڭ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. | 7 |
וְלָקַחְתִּי אֶתְכֶם לִי לְעָם וְהָיִיתִי לָכֶם לֵֽאלֹהִים וִֽידַעְתֶּם כִּי אֲנִי יְהֹוָה אֱלֹהֵיכֶם הַמּוֹצִיא אֶתְכֶם מִתַּחַת סִבְלוֹת מִצְרָֽיִם׃ |
مەن شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى قول كۆتۈرۈپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن؛ مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ زېمىنلىققا بېرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». | 8 |
וְהֵבֵאתִי אֶתְכֶם אֶל־הָאָרֶץ אֲשֶׁר נָשָׂאתִי אֶת־יָדִי לָתֵת אֹתָהּ לְאַבְרָהָם לְיִצְחָק וּֽלְיַעֲקֹב וְנָתַתִּי אֹתָהּ לָכֶם מוֹרָשָׁה אֲנִי יְהֹוָֽה׃ |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسا ئىسرائىللارغا دەپ بەردى؛ لېكىن ئۇلار ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن پىغانغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. | 9 |
וַיְדַבֵּר מֹשֶׁה כֵּן אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְלֹא שָֽׁמְעוּ אֶל־מֹשֶׁה מִקֹּצֶר רוּחַ וּמֵעֲבֹדָה קָשָֽׁה׃ |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ | 10 |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹֽר׃ |
بېرىپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە: «ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىڭدىن كېتىشىگە يول قوي»، دەپ ئېيتقىن، دېدى. | 11 |
בֹּא דַבֵּר אֶל־פַּרְעֹה מֶלֶךְ מִצְרָיִם וִֽישַׁלַּח אֶת־בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל מֵאַרְצֽוֹ׃ |
لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: مانا، ئىسرائىللار ماڭا قۇلاق سالمىغان يەردە، پىرەۋن قانداقمۇ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر ئادەمگە قۇلاق سالسۇن؟ ــ دېدى. | 12 |
וַיְדַבֵּר מֹשֶׁה לִפְנֵי יְהֹוָה לֵאמֹר הֵן בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל לֹֽא־שָׁמְעוּ אֵלַי וְאֵיךְ יִשְׁמָעֵנִי פַרְעֹה וַאֲנִי עֲרַל שְׂפָתָֽיִם׃ |
ئەمما پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارغا ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە ئىسرائىللار توغرۇلۇق: ــ «ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىرىلسۇن» دېگەن ئەمر يەتكۈزۈشىنى بۇيرۇدى. | 13 |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה וְאֶֽל־אַהֲרֹן וַיְצַוֵּם אֶל־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל וְאֶל־פַּרְעֹה מֶלֶךְ מִצְרָיִם לְהוֹצִיא אֶת־בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל מֵאֶרֶץ מִצְרָֽיִם׃ |
تۆۋەندىكىلەر جەمەت باشلىقلىرى: ــ ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغان رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانۇق، پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى. بۇلار بولسا رۇبەننىڭ نەسىللىرى ئىدى. | 14 |
אֵלֶּה רָאשֵׁי בֵית־אֲבֹתָם בְּנֵי רְאוּבֵן בְּכֹר יִשְׂרָאֵל חֲנוֹךְ וּפַלּוּא חֶצְרֹן וְכַרְמִי אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת רְאוּבֵֽן׃ |
شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانلىق ئايالدىن بولغان سائۇللار ئىدى؛ بۇلار شىمېئوننىڭ نەسىللىرى ئىدى. | 15 |
וּבְנֵי שִׁמְעוֹן יְמוּאֵל וְיָמִין וְאֹהַד וְיָכִין וְצֹחַר וְשָׁאוּל בֶּן־הַֽכְּנַעֲנִית אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת שִׁמְעֽוֹן׃ |
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى، نەسەبنامىلىرىگە ئاساسەن: گەرشون، كوھات ۋە مەرارى؛ لاۋىينىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى. | 16 |
וְאֵלֶּה שְׁמוֹת בְּנֵֽי־לֵוִי לְתֹלְדֹתָם גֵּרְשׁוֹן וּקְהָת וּמְרָרִי וּשְׁנֵי חַיֵּי לֵוִי שֶׁבַע וּשְׁלֹשִׁים וּמְאַת שָׁנָֽה׃ |
گەرشوننىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە: ــ لىبنى ۋە شىمەي. | 17 |
בְּנֵי גֵרְשׁוֹן לִבְנִי וְשִׁמְעִי לְמִשְׁפְּחֹתָֽם׃ |
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئامرام، يىزھار، ھېبرون بىلەن ئۇززىئەل. كوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى. | 18 |
וּבְנֵי קְהָת עַמְרָם וְיִצְהָר וְחֶבְרוֹן וְעֻזִּיאֵל וּשְׁנֵי חַיֵּי קְהָת שָׁלֹשׁ וּשְׁלֹשִׁים וּמְאַת שָׁנָֽה׃ |
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ماھلى ۋە مۇشى. بۇلار نەسەبنامىلىرى بويىچە لاۋىينىڭ نەسىللىرى ئىدى. | 19 |
וּבְנֵי מְרָרִי מַחְלִי וּמוּשִׁי אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת הַלֵּוִי לְתֹלְדֹתָֽם׃ |
ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى خوتۇنلۇققا ئالدى، يوكەبەد ئۇنىڭغا ھارۇن ۋە مۇسانى تۇغۇپ بەردى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. | 20 |
וַיִּקַּח עַמְרָם אֶת־יוֹכֶבֶד דֹּֽדָתוֹ לוֹ לְאִשָּׁה וַתֵּלֶד לוֹ אֶֽת־אַהֲרֹן וְאֶת־מֹשֶׁה וּשְׁנֵי חַיֵּי עַמְרָם שֶׁבַע וּשְׁלֹשִׁים וּמְאַת שָׁנָֽה׃ |
يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىدى. | 21 |
וּבְנֵי יִצְהָר קֹרַח וָנֶפֶג וְזִכְרִֽי׃ |
ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ مىشائەل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىدى. | 22 |
וּבְנֵי עֻזִּיאֵל מִֽישָׁאֵל וְאֶלְצָפָן וְסִתְרִֽי׃ |
ھارۇن بولسا ناھشوننىڭ سىڭلىسىنى، يەنى ئاممىنادابنىڭ قىزى ئېلىشېبانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئۇنىڭغا ناداب بىلەن ئابىھۇنى، ۋە ئەلىئازار بىلەن ئىتامارنى تۇغۇپ بەردى. | 23 |
וַיִּקַּח אַהֲרֹן אֶת־אֱלִישֶׁבַע בַּת־עַמִּינָדָב אֲחוֹת נַחְשׁוֹן לוֹ לְאִשָּׁה וַתֵּלֶד לוֹ אֶת־נָדָב וְאֶת־אֲבִיהוּא אֶת־אֶלְעָזָר וְאֶת־אִֽיתָמָֽר׃ |
كوراھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاسسىر، ئەلكاناھ ۋە ئابىئاساف؛ بۇلار كوراھلارنىڭ نەسىللىرى ئىدى. | 24 |
וּבְנֵי קֹרַח אַסִּיר וְאֶלְקָנָה וַאֲבִיאָסָף אֵלֶּה מִשְׁפְּחֹת הַקׇּרְחִֽי׃ |
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتىئەلنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا فىنىھاسنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلار بولسا ئۆز نەسەبى بويىچە ھەممىسى لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلقلىرى ئىدى. | 25 |
וְאֶלְעָזָר בֶּֽן־אַהֲרֹן לָקַֽח־לוֹ מִבְּנוֹת פּֽוּטִיאֵל לוֹ לְאִשָּׁה וַתֵּלֶד לוֹ אֶת־פִּֽינְחָס אֵלֶּה רָאשֵׁי אֲבוֹת הַלְוִיִּם לְמִשְׁפְּחֹתָֽם׃ |
پەرۋەردىگارنىڭ: ــ ئىسرائىللارنى قوشۇنلاردەك توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىقىڭلار، دېگەن ئەمرىنى تاپشۇرىۋالغۇچىلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. | 26 |
הוּא אַהֲרֹן וּמֹשֶׁה אֲשֶׁר אָמַר יְהֹוָה לָהֶם הוֹצִיאוּ אֶת־בְּנֵי יִשְׂרָאֵל מֵאֶרֶץ מִצְרַיִם עַל־צִבְאֹתָֽם׃ |
ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىرىلسۇن، دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە سۆز قىلغانلار دەل بۇ كىشىلەر، يەنى مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇن ئىدى. | 27 |
הֵם הַֽמְדַבְּרִים אֶל־פַּרְעֹה מֶֽלֶךְ־מִצְרַיִם לְהוֹצִיא אֶת־בְּנֵֽי־יִשְׂרָאֵל מִמִּצְרָיִם הוּא מֹשֶׁה וְאַהֲרֹֽן׃ |
پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ زېمىنىدا مۇساغا سۆز قىلغان ۋاقتىدا | 28 |
וַיְהִי בְּיוֹם דִּבֶּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה בְּאֶרֶץ מִצְרָֽיִם׃ |
مۇساغا: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋنگە دېگىن»، دەپ ئەمر قىلدى. | 29 |
וַיְדַבֵּר יְהֹוָה אֶל־מֹשֶׁה לֵּאמֹר אֲנִי יְהֹוָה דַּבֵּר אֶל־פַּרְעֹה מֶלֶךְ מִצְרַיִם אֵת כׇּל־אֲשֶׁר אֲנִי דֹּבֵר אֵלֶֽיךָ׃ |
لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: ــ مەندەك كالپۇكى خەتنە قىلىنمىغان بىر كىشىگە پىرەۋن قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟» ــ دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. | 30 |
וַיֹּאמֶר מֹשֶׁה לִפְנֵי יְהֹוָה הֵן אֲנִי עֲרַל שְׂפָתַיִם וְאֵיךְ יִשְׁמַע אֵלַי פַּרְעֹֽה׃ |