< مىسىردىن چىقىش 5 >
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «ئۇلارنىڭ بېرىپ چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە قوۋمىمغا يول قويسۇن» دەيدۇ، ــ دېدى. | 1 |
Andin Musa bilen Harun Pirewnning aldigha bérip, uninggha: — Israilning Xudasi Perwerdigar sanga: — «Ularning bérip chölde Manga ibadet qilip, héyt ötküzüshige qowmimgha yol qoysun» deydu, — dédi.
لېكىن پىرەۋن جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مېنى ئىسرائىلغا يول قويغۇزىدىغان قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن ھەم ئىسرائىلغىمۇ يول قويمايمەن، دېدى. | 2 |
Lékin Pirewn jawab bérip: — Uning sözige qulaq sélip, méni Israilgha yol qoyghuzidighan qandaq Perwerdigar iken u? Men u Perwerdigarni tonumaymen hem Israilghimu yol qoymaymen, dédi.
ئۇلار سۆز قىلىپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن بىزگە چۆلگە بېرىشقا ئۈچ كۈنلۈك يولغا رۇخسەت بەرگەيسىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ياكى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى. | 3 |
Ular söz qilip: — Ibraniylarning Xudasi biz bilen körüshti. Shunga ötünimizki, bizge Perwerdigar Xudayimizgha qurbanliq sunush üchün bizge chölge bérishqa üch künlük yolgha ruxset bergeysiz. Bolmisa, U bizni waba yaki qilich bilen urushi mumkin, — dédi.
لېكىن مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي مۇسا ۋە ھارۇن، نېمىشقا ئىككىڭلار خەلقنى ئىشلىرىدىن توختىتىپ قويماقچى بولىسىلەر؟ بېرىپ ئۆز ئەپكىشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! ــ دېدى. | 4 |
Lékin Misirning padishahi ulargha jawab bérip: — Ey Musa we Harun, némishqa ikkinglar xelqni ishliridin toxtitip qoymaqchi bolisiler? Bérip öz epkishinglarni kötürünglar! — dédi.
پىرەۋن يەنە: ــ مانا، خەلق يۇرتتا زىيادە ئاۋۇپ كەتتى. سىلەر بولساڭلار، ئۇلارنى ئەپكەشلىرىدىن خالاس قىلماقچىسىلەر، دېدى. | 5 |
Pirewn yene: — Mana, xelq yurtta ziyade awup ketti. Siler bolsanglar, ularni epkeshliridin xalas qilmaqchisiler, dédi.
شۇ كۈنى پىرەۋن نازارەتچىلەرگە ۋە نازارەتچىلەرنىڭ قول ئاستىدىكى ئىش باشلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ــ | 6 |
Shu küni Pirewn nazaretchilerge we nazaretchilerning qol astidiki ish bashlirigha buyruq chüshürüp: —
ھازىردىن باشلاپ خەلققە ئىلگىرىكىدەك كېسەك قۇيۇشقا سامان بەرمەڭلار! ئۇلار ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. | 7 |
Hazirdin bashlap xelqqe ilgirikidek kések quyushqa saman bermenglar! Ular samanni özliri yighsun.
لېكىن ئىلگىرى قانچىلىك كېسەك قۇيۇپ كەلگەن بولسا، ھېلىھەم كەم قىلماي شۇنچىلىك كېسەك قۇيدۇرۇڭلار؛ چۈنكى ئۇلار ھۇرۇنلىشىپ: «خۇدايىمىزغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە بىزنى بارغىلى قوي» دەپ غەلۋە قىلىشىۋاتىدۇ. | 8 |
Lékin ilgiri qanchilik kések quyup kelgen bolsa, hélihem kem qilmay shunchilik kések quydurunglar; chünki ular hurunliship: «Xudayimizgha qurbanliq ötküzüshke bizni barghili qoy» dep ghelwe qilishiwatidu.
ئەمدى ئۇلارنى ئۆز ئىشىغا تولۇق بەند بولۇپ، يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە قۇلاق سالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ ئېغىر ئەمگەكلەرنى يۈكلەڭلار، ــ دېدى. | 9 |
Emdi ularni öz ishigha toluq bend bolup, yalghan-yawidaq geplerge qulaq salmasliqi üchün, bu ademlerning üstige téximu éghir emgeklerni yüklenglar, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى نازارەتچىلەر بىلەن ئىش باشلىرى چىقىپ خەلققە: پىرەۋن شۇنداق دېدىكى، مەن ئەمدى سىلەرگە سامان بەرمەيدىغان بولدۇم. | 10 |
Shuning bilen xelqning üstidiki nazaretchiler bilen ish bashliri chiqip xelqqe: Pirewn shundaq dédiki, men emdi silerge saman bermeydighan boldum.
ئۆزۈڭلار بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قەيەردىن سامان تاپالىساڭلار، شۇ يەردىن ئېلىپ كېلىڭلار؛ لېكىن قىلىدىغان ئىشلىرىڭلار بولسا قىلچىلىكمۇ كېمەيتىلمەيدۇ، ــ دېدى. | 11 |
Özünglar béringlar, özünglar üchün qeyerdin saman tapalisanglar, shu yerdin élip kélinglar; lékin qilidighan ishliringlar bolsa qilchilikmu kémeytilmeydu, — dédi.
بۇنىڭ بىلەن خەلق پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تارىلىپ، ساماننىڭ ئورنىغا پاخال يىغىشقا باشلىدى. | 12 |
Buning bilen xelq pütkül Misir zéminigha tarilip, samanning ornigha paxal yighishqa bashlidi.
نازارەتچىلەر بولسا ئۇلارنى قىستاپ: سىلەرگە سامان بېرىلگەن چاغدىكىدەك ھازىرمۇ ھەر كۈنلۈك ئىشنى شۇ كۈنى قىلىڭلار، دېدى. | 13 |
Nazaretchiler bolsa ularni qistap: Silerge saman bérilgen chaghdikidek hazirmu her künlük ishni shu küni qilinglar, dédi.
ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە پىرەۋننىڭ نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى تاياق يېدى ۋە: ــ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن نېمىشقا كېسەك قۇيۇش ۋەزىپسىنى بۇرۇنقىدەك توشقۇزۇپ ئورۇنلىمىدىڭلار؟! ــ دەپ تىل ئىشىتتى. | 14 |
Israillarning üstige Pirewnning nazaretchiliri teripidin qoyulghan Israilliq ish bashliri tayaq yédi we: — Tünügün we bügün némishqa kések quyush wezipsini burunqidek toshquzup orunlimidinglar?! — dep til ishitti.
ئاندىن ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ: نېمىشقا ئۆز قۇللىرىغا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ | 15 |
Andin Israilliq ish bashliri Pirewnning aldigha bérip: Némishqa öz qullirigha mundaq muamile qilidila?
ئۆز قۇللىرىغا ھېچ سامان بېرىلمىدى. لېكىن [نازارەتچىلەر] يەنىلا «كېسەك قۇيدۇرۇڭلار» دەپ بىزنى بۇيرۇيدۇ. مانا، ئۆز قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ، ئەمما ئەيىب بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىدە، دەپ پەرياد قىلدى. | 16 |
Öz qullirigha héch saman bérilmidi. Lékin [nazaretchiler] yenila «kések quydurunglar» dep bizni buyruydu. Mana, öz qulliri tayaq yewatidu, emma eyib bolsa özlirining ademliride, dep peryad qildi.
لېكىن ئۇ يەنە: ــ سىلەر ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! ھۇرۇن ئىكەنسىلەر! شۇڭا سىلەر: «بېرىپ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشىمىزگە ئىجازەت بەر دەۋاتىسىلەر. | 17 |
Lékin u yene: — Siler hurun ikensiler! Hurun ikensiler! Shunga siler: «Bérip Perwerdigargha qurbanliq ötküzüshimizge ijazet ber dewatisiler.
قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! سىلەرگە سامان بېرىلمەيدۇ، بىراق كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن سان بويىچە [ئاۋۋالقىدەك] تولۇق تاپشۇرۇشىسەن، دېدى. | 18 |
Qaytip bérip ishingni qilish! Silerge saman bérilmeydu, biraq késeklerni belgilen’gen san boyiche [awwalqidek] toluq tapshurushisen, dédi.
ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى [پىرەۋننىڭ]: «سىلەر ھەركۈنلۈك ۋەزىپەڭلارنى، يەنى تەلەپ قىلغان كېسەكلەرنى بەلگىلەنگەن ساندىن كېمەيتسەڭلار قەتىي بولمايدۇ» دېگىنىگە قاراپ، بېشىغا بالا-قازانىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلىشتى. | 19 |
Israilliq ish bashliri [Pirewnning]: «Siler herkünlük wezipenglarni, yeni telep qilghan késeklerni belgilen’gen sandin kémeytsenglar qet’iy bolmaydu» déginige qarap, béshigha bala-qazaning chüshidighanliqini bilishti.
ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېلىۋاتقىنىدا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىپ شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. | 20 |
Ular Pirewnning aldidin chiqip kéliwatqinida, ular bilen körüshüshke kélip shu yerde saqlap turghan Musa we Harun bilen uchriship qaldi.
ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: ــ بىزنى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە سېسىتىپ، بىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇلارنىڭ قولىغا قىلىچ تۇتقۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم قىلسۇن! ــ دېدى. | 21 |
Ular Musa bilen Harun’gha: — Bizni Pirewnning neziride we uning emeldarlirining neziride sésitip, bizni öltürüshke ularning qoligha qilich tutquzghininglar üchün, Perwerdigar silerning üstünglargha höküm qilsun! — dédi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېنىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىگەم، نېمىشقا بۇ خەلقنى بالاغا تىقتىڭ؟ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئەۋەتتىڭ؟ | 22 |
Shuning bilen Musa Perwerdigarning aldigha yénip bérip uninggha: — Ey Igem, némishqa bu xelqni balagha tiqting? Sen néme üchün méni ewetting?
چۈنكى مەن پىرەۋننىڭ ئالدىغا كىرىپ سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ، ئۇ بۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ زىيادە ئازاب قىلغىلى تۇردى. ئەمما سەن تېخىچە قوۋمىڭنى ھېچ قۇتقۇزمىدىڭ، ــ دېدى. | 23 |
Chünki men Pirewnning aldigha kirip Séning naming bilen söz qilghinimdin tartip, u bu xelqning üstige téximu ziyade azab qilghili turdi. Emma Sen téxiche qowmingni héch qutquzmiding, — dédi.