< مىسىردىن چىقىش 4 >
مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي تۇرۇپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمايدۇ، بەلكى: «پەرۋەردىگار ساڭا كۆرۈنمىدى»، دېيىشى مۇمكىن، دېدى. | 1 |
Musa jawab bérip: — Mana, ular manga ishenmey turup, sözümge qulaq salmaydu, belki: «Perwerdigar sanga körünmidi», déyishi mumkin, dédi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭدىكى بۇ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ بۇ بىر ھاسا، دەپ جاۋاب بەردى. | 2 |
Perwerdigar uninggha: — Qolungdiki bu néme? — dep soridi. U: — Bu bir hasa, dep jawab berdi.
ئۇ: ــ ئۇنى يەرگە تاشلا، دېدى. ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ بىر يىلانغا ئايلاندى؛ مۇسا ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. | 3 |
U: — Uni yerge tashla, dédi. Uni yerge tashliwidi, u bir yilan’gha aylandi; Musa uning aldidin qachti.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ئۇنى قۇيرۇقىدىن تۇت، دېۋىدى، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتتى. ئۇ يەنە ئۇنىڭ قولىدا ھاسىغا ئايلاندى. | 4 |
Andin Perwerdigar Musagha: — Qolungni uzitip, uni quyruqidin tut, déwidi, u qolini uzitip, uni tutti. U yene uning qolida hasigha aylandi.
[پەرۋەردىگار يەنە]: ــ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنىگە ئىشىنىدۇ، ــ دېدى. | 5 |
[Perwerdigar yene]: — Buning bilen ular ata-bowilirining Xudasi, yeni Ibrahimning Xudasi, Ishaqning Xudasi we Yaqupning Xudasi bolghan Perwerdigarning sanga körün’ginige ishinidu, — dédi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، مانا، قولى پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. | 6 |
Perwerdigar uninggha yene: — Qolungni qoynunggha salghin, déwidi, u qolini qoynigha sélip chiqiriwidi, mana, qoli pése-maxaw késilige giriptar bolup qardek aqirip ketti.
ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، قولىنى قوينىغا سالدى. ئۇنى يەنە قوينىدىن چىقىرىۋىدى، مانا، ئۆز ئەكسىگە كېلىپ ئەتلىرىنىڭ باشقا يەرلىرىدەك بولدى. | 7 |
Andin uninggha: — Qolungni yene qoynunggha salghin, déwidi, qolini qoynigha saldi. Uni yene qoynidin chiqiriwidi, mana, öz eksige kélip etlirining bashqa yerliridek boldi.
پەرۋەردىگار يەنە: ــ شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمەي، ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ. | 8 |
Perwerdigar yene: — Shundaq boliduki, eger ular sanga ishenmey, aldinqi möjizilik alametke köngülshimise, ular ikkinchi möjizilik alametke ishinidu.
ھالبۇكى، ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە يەنىلا ئىشەنمىسە ۋە يا سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنداقتا سەن [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆككىن. شۇنىڭ بىلەن سەن دەريادىن ئالغان سۇ قۇرۇق يەر ئۈستىدە قانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. | 9 |
Halbuki, ular bu ikki möjizige yenila ishenmise we ya sözüngge qulaq salmisa, undaqta sen [Nil] deryasining süyidin élip, quruq yerge tökkin. Shuning bilen sen deryadin alghan su quruq yer üstide qan’gha aylinidu, dédi.
ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ ئەي ئىگەم، مەن ئەسلىدىنلا گەپكە ئۇستا ئەمەستىم، سەن قۇلۇڭغا سۆز قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق؛ چۈنكى مەن ئاغزىم كالۋا ۋە تىلىم ئېغىر ئادەممەن، ــ دېدى. | 10 |
Andin Musa Perwerdigargha: — Ey Igem, men eslidinla gepke usta emestim, sen qulunggha söz qilghandin kéyinmu yenila shundaq; chünki men aghzim kalwa we tilim éghir ademmen, — dédi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىم ئىنسانغا ئېغىز بەرگەن؟ كىم ئادەمنى گاچا ياكى گاس، كۆرگۈچى ياكى كور قىلغان؟ شۇنداق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ | 11 |
Perwerdigar uninggha: — Kim insan’gha éghiz bergen? Kim ademni gacha yaki gas, körgüchi yaki kor qilghan? Shundaq qilghuchi Men Perwerdigar emesmu?
ئەمدى سەن بارغىن، مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە سۆزلەيدىغىنىڭنى ساڭا ئۆگىتىپ تۇرىمەن، ــ دېدى. | 12 |
Emdi sen barghin, Men Özüm séning aghzing bilen bille bolimen, néme sözleydighiningni sanga ögitip turimen, — dédi.
لېكىن ئۇ: ــ ئەي ئىگەم! سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن [بۇ ئىشقا] خالىغان [باشقا] بىرسىنى ئەۋەتىپ، شۇنىڭ قولى بىلەن قىلغىن! ــ دېدى. | 13 |
Lékin u: — Ey Igem! Sendin ötünüp qalay, Sen [bu ishqa] xalighan [bashqa] birsini ewetip, shuning qoli bilen qilghin! — dédi.
بۇنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى مۇساغا تۇتىشىپ: ــ لاۋىيلاردىن بولغان ئاكاڭ ھارۇن بار ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ گەپنى ئوبدان قىلالايدىغىنىنى بىلىمەن. مانا، ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭغا چىقىشقا ئاللىقاچان يولغا چىقتى؛ ئۇ سېنى كۆرسە، كۆڭلى تولىمۇ خۇش بولىدۇ. | 14 |
Buni anglap Perwerdigarning ghezipi Musagha tutiship: — Lawiylardin bolghan akang Harun bar emesmu? Uning gepni obdan qilalaydighinini bilimen. Mana, u emdi séning aldinggha chiqishqa alliqachan yolgha chiqti; u séni körse, köngli tolimu xush bolidu.
ئەمدى دەيدىغان گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئېيت؛ مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە قىلىش كېرەكلىكىڭلارنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن. | 15 |
Emdi deydighan geplerni uninggha éyt; Men Özüm séning aghzing bilen bille we uning aghzi bilen bille bolimen, néme qilish kéreklikinglarni silerge ögitimen.
ھارۇن سېنىڭ ئورنۇڭدا خەلققە سۆزلەيدۇ؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ ساڭا ئېغىز بولىدۇ، سەن ئۇنىڭغا خۇدادەك بولىسەن. | 16 |
Harun séning ornungda xelqqe sözleydu; shundaq boliduki, u sanga éghiz bolidu, sen uninggha Xudadek bolisen.
بۇ ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىسەن، ــ دېدى. | 17 |
Bu hasini qolunggha élip, uning bilen shu möjizilik alametlerni körsitisen, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېينئاتىسى يەترونىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىجازەت بەرگەيلا، مىسىردىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا باراي، ئۇلار ھاياتمۇ، ئەمەسمۇ كۆرۈپ كېلەي، دېدى. يەترو مۇساغا: ــ ئامان-ئېسەن بېرىپ كەلگىن، ــ دېدى. | 18 |
Shuning bilen Musa qéynatisi Yetroning qéshigha yénip bérip, uninggha: — Manga ijazet bergeyla, Misirdiki qérindashlirimning qéshigha baray, ular hayatmu, emesmu körüp kéley, dédi. Yetro Musagha: — Aman-ésen bérip kelgin, — dédi.
مۇسا تېخى مىدىياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــمىسىرغا يېنىپ بارغىن! چۈنكى سېنىڭ جېنىڭنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، ــ دېدى. | 19 |
Musa téxi Midiyandiki waqtida, Perwerdigar uninggha yene: — Misirgha yénip barghin! Chünki séning jéningni istigen kishiler ölüp ketti, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى بىر ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىر زېمىنىغا بېرىشقا يولغا چىقتى. ماڭغاندا مۇسا خۇدانىڭ ھاسىسىنى ئالغاچ كەتتى. | 20 |
Shuning bilen Musa ayali we oghullirini élip, ularni bir éshekke mindürüp, Misir zéminigha bérishqa yolgha chiqti. Mangghanda Musa Xudaning hasisini alghach ketti.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىرغا يېنىپ بارغىنىڭدا سەن ئاگاھ بول، مەن قولۇڭغا تاپشۇرغان بارلىق كارامەتلەرنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خەلقنى قويۇپ بەرمىگۈدەك قاتتىق قىلىمەن. | 21 |
Perwerdigar Musagha: — Misirgha yénip barghiningda sen agah bol, Men qolunggha tapshurghan barliq karametlerni Pirewnning aldida körsetkin. Lékin Men uning könglini xelqni qoyup bermigüdek qattiq qilimen.
سەن پىرەۋنگە: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم بولىدۇ. | 22 |
Sen Pirewn’ge: — «Perwerdigar mundaq deydu: — Israil Méning oghlum, Méning tunji oghlum bolidu.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا: ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر، دېدىم. ئۇنىڭغا يول قويۇشنى رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن» ــ دېگىن، ــ دېدى. | 23 |
Shuning üchün Men sanga: Oghlumni Özümge ibadet qilishqa qoyup ber, dédim. Uninggha yol qoyushni ret qilidighan bolsang, séning tunji oghlungni öltürimen» — dégin, — dédi.
ئەمما مۇسا سەپەر قىلىپ بىر قونالغۇغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. | 24 |
Emma Musa seper qilip bir qonalghugha kelgende, Perwerdigar uninggha uchrap, uni öltürüwetmekchi boldi.
شۇنىڭ بىلەن زىپپوراھ بىر چاقماق تېشىنى ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ، ئۇنى ئېرىنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ: ــ سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر ئەر ئىكەنسەن! ــ دېدى. | 25 |
Shuning bilen Zipporah bir chaqmaq téshini élip, oghlining xetnilikini késip, uni érining ayighigha tashlap: — Sen derweqe aldimda qan töker er ikensen! — dédi.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى). | 26 |
Shuning bilen Perwerdigar uni qoyup berdi (bu chaghda Zipporah uninggha: «Sen derweqe aldimda qan töker bir er ikensen!» — dédi. Bu sözini u xetne tüpeylidin éytti).
پەرۋەردىگار ھارۇنغا: ــ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسا بىلەن كۆرۈشكىن، دېۋىدى، ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ تېغىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى سۆيدى. | 27 |
Perwerdigar Harun’gha: — Sen chöl-bayawan’gha bérip, Musa bilen körüshkin, déwidi, u bérip Xudaning téghida uning bilen uchriship, uni söydi.
مۇسا ئۆزىنى ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرى بىلەن قىلىشقا بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھارۇنغا دەپ بەردى. | 28 |
Musa özini ewetken Perwerdigarning hemme sözliri bilen qilishqa buyrughan barliq möjizilik alametlerni Harun’gha dep berdi.
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بېرىپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى. | 29 |
Andin Musa bilen Harun bérip, Israillarning barliq aqsaqallirini yighdi.
ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى بايان قىلدى ۋە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. | 30 |
Harun Perwerdigarning Musagha éytqan hemme sözlirini bayan qildi we xelqning köz aldida shu möjizilik alametlerni körsetti.
بۇنى كۆرۈپ، خەلق ئىشەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى يوقلاپ، ئۇلار ئۇچرىغان خارلىقلارنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. | 31 |
Buni körüp, xelq ishendi; Perwerdigarning Israillarni yoqlap, ular uchrighan xarliqlarni körgenlikini anglighan haman, bashlirini égip sejde qilishti.