< مىسىردىن چىقىش 39 >
پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئىشلىتىلىپ، مۇقەددەس چېدىرنىڭ خىزمىتىدە كىيىلىدىغان [كاھىنلىق] كىيىملەر، شۇنداقلا ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى تەييار قىلىندى. | 1 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa buyruƣinidǝk kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yiplar ixlitilip, muⱪǝddǝs qedirning hizmitidǝ kiyilidiƣan [kaⱨinliⱪ] kiyimlǝr, xundaⱪla Ⱨarunning muⱪǝddǝs kiyimliri tǝyyar ⱪilindi.
[بەزالەل] ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەردىن ئەفودنى ياساپ تەييارلىدى. | 2 |
[Bǝzalǝl] altun wǝ kɵk, sɵsün, ⱪizil yiplar bilǝn nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhtlǝrdin ǝfodni yasap tǝyyarlidi.
ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىز قىلىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلدى، ئاندىن بۇلارنى ماھىرلىق بىلەن كۆك يىپلار، سۆسۈن يىپلار ۋە قىزىل يىپلاردىن ئاق كاناپ رەختكە لاھايىلەنگەن نۇسخىلار ئۈستىگە توقۇدى. | 3 |
Ular altunni soⱪup nepiz ⱪilip, uni kesip yip ⱪildi, andin bularni maⱨirliⱪ bilǝn kɵk yiplar, sɵsün yiplar wǝ ⱪizil yiplardin aⱪ kanap rǝhtkǝ laⱨayilǝngǝn nushilar üstigǝ toⱪudi.
ئۇلار ئەفودنىڭ [ئالدى ۋە كەينى] قىسمىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىككى مۈرىلىك تاسما ياسىدى؛ ئەفودنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى. | 4 |
Ular ǝfodning [aldi wǝ kǝyni] ⱪismini bir-birgǝ tutaxturup turidiƣan ikki mürilik tasma yasidi; ǝfodning ikki tǝripi bir-birigǝ tutaxturuldi.
ئەفودنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. | 5 |
Əfodning üstigǝ baƣlaydiƣan bǝlwaƣ ǝfod bilǝn bir pütün ⱪilinƣan bolup, uningƣa ohxax sipta ixlinip, altun wǝ kɵk, sɵsün, ⱪizil yiplar wǝ nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhttin yasaldi; ⱨǝmmisi Pǝrwǝrdigarning Musaƣa buyruƣinidǝk ⱪilindi.
ئۇلار ئىككى ئاق ھېقىقنى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى مۆھۈر ئويغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويۇپ ياسىدى. | 6 |
Ular ikki aⱪ ⱨeⱪiⱪni ikki altun kɵzlükkǝ ornitip, ularning üstigǝ huddi mɵⱨür oyƣandǝk Israilning oƣullirining namlirini oyup yasidi.
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا بېكىتىپ قويدى. | 7 |
Israilning oƣulliriƣa ǝslǝtmǝ tax bolsun üqün, Pǝrwǝrdigar Musaƣa buyruƣandǝk ikki yaⱪutni ǝfodning ikki mürilik tasmisiƣa bekitip ⱪoydi.
ئۇ قوشېننى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياسىدى؛ ئۇنى ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىدى. | 8 |
U ⱪoxenni qewǝr ⱪollarƣa nǝpis ⱪilip kǝxtilitip yasidi; uni ǝfodni ixligǝn usulda altun wǝ kɵk, sɵsün, ⱪizil yiplar bilǝn nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhttin yasidi.
ئۇلار قوشېننى ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىپ ياسىدى؛ ئىككى قات قىلىنغاندا ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ كېلەتتى. | 9 |
Ular ⱪoxenni ikki ⱪat, tɵt qasa ⱪilip yasidi; ikki ⱪat ⱪilinƣanda uzunluⱪi bir ƣeriq, kǝnglikimu bir ƣeriq kelǝtti.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتتى: ــ بىر قاتاردىكىسى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەتلەر ئىدى؛ بۇ بىرىنچى قاتار ئىدى. | 10 |
Uning üstigǝ tɵt ⱪatar ⱪilip gɵⱨǝrlǝrni ornatti: — bir ⱪatardikisi ⱪizil yaⱪut, seriⱪ gɵⱨǝr wǝ zumrǝtlǝr idi; bu birinqi ⱪatar idi.
ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس، | 11 |
Ikkinqi ⱪatarƣa kɵk ⱪaxtexi, kɵk yaⱪut wǝ almas,
ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس، | 12 |
üqinqi ⱪatarƣa sɵsün yaⱪut, piroza wǝ sɵsün kwarts,
تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە بېكىتىلدى. | 13 |
tɵtinqi ⱪatarƣa beril yaⱪut, aⱪ ⱨeⱪiⱪ wǝ anartax ornitildi; bularning ⱨǝmmisi altun kɵzlükkǝ bekitildi.
بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلدى. | 14 |
Bu gɵⱨǝrlǝr Israilning oƣullirining namliriƣa wǝkil ⱪilinip, ularning sanidǝk on ikki bolup, mɵⱨür oyƣandǝk ⱨǝrbir gɵⱨǝrgǝ on ikki ⱪǝbilining nami birdin-birdin pütüldi.
ئۇلار قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن [ئىككى] ئېشىلمە زەنجىر ياسىدى؛ | 15 |
Ular ⱪoxenƣa xoynidǝk exilgǝn sap altundin [ikki] exilmǝ zǝnjir yasidi;
ئۇلار قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ۋە ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ | 16 |
ular ⱪoxenƣa altundin ikki kɵzlük wǝ ikki ⱨalⱪa etip, ikki ⱨalⱪini ⱪoxenning [yuⱪiriⱪi] ikki burjikigǝ bekitti;
ئاندىن شۇ ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، | 17 |
andin xu altundin exilip yasalƣan ikki zǝnjirni ⱪoxenning [yuⱪiriⱪi] ikki burjikidiki ⱨalⱪidin ɵtküzüp,
ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، [كۆزلۈكلەرنى] ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتتى. | 18 |
exilgǝn xu zǝnjirlǝrning ikki uqini ikki kɵzlükkǝ bekitip, [kɵzlüklǝrni] ǝfodning ikki mürilik tasmisining aldi ⱪismiƣa ornatti.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ [ئاستى تەرىپىدىكى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالدى. | 19 |
Buningdin baxⱪa ular altundin ikki ⱨalⱪa yasap, ularni ⱪoxenning [asti tǝripidiki] ikki burjikigǝ bekitti; ular ǝfodⱪa tegixip turidiƣan ⱪilinip iqigǝ ⱪadaldi.
مۇندىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن [يەنە] ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتتى. | 20 |
Mundin baxⱪa ular altundin [yǝnǝ] ikki ⱨalⱪa yasap, ularni ǝfodning ikki mürilik tasmisining aldi tɵwǝnki ⱪismiƣa, ǝfodⱪa ulinidiƣan jayƣa yeⱪin, kǝxitilǝngǝn bǝlwaƣdin egizrǝk ⱪilip bekitti.
ئۇلار قوشېننىڭ ئەفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆك شوينا بىلەن قوشېننىڭ ھالقىسىنى ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. | 21 |
Ular ⱪoxenning ǝfodning bǝlweƣidin yuⱪiriraⱪ turuxi, ⱪoxenning ǝfodtin ajrap kǝtmǝsliki üqün kɵk xoyna bilǝn ⱪoxenning ⱨalⱪisini ǝfodning ⱨalⱪisiƣa qetip ⱪoydi. Bularning ⱨǝmmisi Pǝrwǝrdigarning Musaƣa buyruƣinidǝk ⱪilindi.
[بەزالەل] ئەفودنىڭ [ئىچىدىكى] توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلدى. | 22 |
[Bǝzalǝl] ǝfodning [iqidiki] tonni pütünlǝy kɵk rǝnglik ⱪildi.
توننىڭ [باشقا كىيىلىدىغان] تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا، خۇددى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك ئىشلەنگەنىدى؛ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز ئىشلەندى. | 23 |
Tonning [baxⱪa kiyilidiƣan] tɵxüki dǝl otturisida, huddi sawutning yaⱪisidǝk ixlǝngǝnidi; yirtilip kǝtmǝsliki üqün uning qɵrisigǝ pǝwaz ixlǝndi.
ئۇلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئېسىپ قويدى. | 24 |
Ular tonning etikining qɵrisigǝ kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yiptin anarlarni toⱪup esip ⱪoydi.
ئۇلار ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، قوڭغۇراقلارنى توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە، ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويدى؛ ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇلدى. | 25 |
Ular ⱨǝmdǝ altun ⱪongƣuraⱪlarni yasap, ⱪongƣuraⱪlarni tonning etikining qɵrisigǝ, anarlarning ariliⱪiƣa birdin esip ⱪoydi; ⱨǝr ikki anarning otturisiƣa bir ⱪongƣuraⱪ esip ⱪoyuldi.
[كاھىنلىق] خىزمىتىگە ئائىت [قوڭغۇراقلار] توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلدى؛ بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار قىلىپ بېكىتىلدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. | 26 |
[Ⱪaⱨinliⱪ] hizmitigǝ ait [ⱪongƣuraⱪlar] tonning etikining qɵrisigǝ bekitildi; bir altun ⱪongƣuraⱪ, bir anar, bir altun ⱪongƣuraⱪ, bir anar ⱪilip bekitildi; ⱨǝmmisi Pǝrwǝrdigarning Musaƣa buyruƣinidǝk ⱪilindi.
ئۇلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن خالتا كۆڭلەكلەرنى تىكتى؛ | 27 |
Ular Ⱨarun bilǝn uning oƣulliriƣa nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhttin halta kɵnglǝklǝrni tikti;
سەللىنى ئاق كاناپ رەختتە ياسىدى، شۇنداقلا چىرايلىق ئېگىز بۆكلەرنى ئاق كاناپ رەختتە، تامباللارنى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ | 28 |
sǝllini aⱪ kanap rǝhttǝ yasidi, xundaⱪla qirayliⱪ egiz bɵklǝrni aⱪ kanap rǝhttǝ, tamballarni nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhttǝ tǝyyarlidi;
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بەلۋاغنىمۇ كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ كەشتىلەنگەن، نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. | 29 |
buningdin baxⱪa ular bǝlwaƣnimu kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yip arilaxturulup kǝxtilǝngǝn, nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhttǝ tǝyyarlidi; bularning ⱨǝmmisi Pǝrwǝrdigarning Musaƣa buyruƣinidǝk ⱪilindi.
ئۇلار يەنە نەپىس تاختاينى، يەنى مۇقەددەس ئوتۇغاتنى ساپ ئالتۇندىن ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويغاندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويۇپ پۈتتى؛ | 30 |
Ular yǝnǝ nǝpis tahtayni, yǝni muⱪǝddǝs otuƣatni sap altundin yasap, uning üstigǝ mɵⱨür oyƣandǝk: «Pǝrwǝrdigarƣa muⱪǝddǝs ⱪilindi» dǝp oyup pütti;
ئۇلار ئوتۇغاتقا كۆك رەڭلىك يىپنى باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇغاتنى سەللىگە تاقىدى، بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. | 31 |
ular otuƣatⱪa kɵk rǝnglik yipni baƣlap, uning bilǝn otuƣatni sǝlligǝ taⱪidi, bular Pǝrwǝrdigarning Musaƣa buyruƣinidǝk ⱪilindi.
شۇ تەرىقىدە جامائەتنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى؛ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى شۇ بويىچە قىلدى؛ شۇ تەرىقىدە ھەممىسىنى پۈتتۈردى. | 32 |
Xu tǝriⱪidǝ jamaǝtning ibadǝt qedirining ⱨǝmmǝ ⱪuruluxi pütküzüldi; Israillar Pǝrwǝrdigarning Musaƣa buyruƣinining ⱨǝmmisini xu boyiqǝ ⱪildi; xu tǝriⱪidǝ ⱨǝmmisini püttürdi.
ئۇلار چېدىرنى مۇسانىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ــ چېدىر يوپۇقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، ئىلمەكلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرى بىلەن تەگلىكلىرىنى، | 33 |
Ular qedirni Musaning yeniƣa elip kǝldi — qedir yopuⱪlirini, uning barliⱪ ǝswablirini, ilmǝklirini, tahtaylirini, baldaⱪlirini, hadiliri bilǝn tǝgliklirini,
شۇنىڭدەك قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق بىلەن دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇقنى، «ئايرىما پەردە»نى، | 34 |
xuningdǝk ⱪizil boyalƣan ⱪoqⱪar terisidin yasalƣan yopuⱪ bilǝn delfin terisidin yasalƣan yopuⱪni, «ayrima pǝrdǝ»ni,
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، | 35 |
ǝⱨdǝ sanduⱪi wǝ uning baldaⱪlirini, «kafarǝt tǝhti»ni,
شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، شۇنداقلا «تەقدىم نانلار»نى، | 36 |
xirǝ wǝ uning barliⱪ ǝswablirini, xundaⱪla «tǝⱪdim nanlar»ni,
ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ چىراغلىرىنى، يەنى ئۈستىگە تىزىلغان چىراغلارنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى ھەم چىراغ مېيىنى، | 37 |
sap altundin yasalƣan qiraƣdan bilǝn uning qiraƣlirini, yǝni üstigǝ tizilƣan qiraƣlarni, uning barliⱪ ǝswabliri ⱨǝm qiraƣ meyini,
ئالتۇن خۇشبۇيگاھ، مەسىھلەش مېيى، دورا-دەرمەكلەردىن ياسالغان خۇشبۇينى، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى، | 38 |
altun huxbuygaⱨ, mǝsiⱨlǝx meyi, dora-dǝrmǝklǝrdin yasalƣan huxbuyni, qedirning kirix eƣizining pǝrdisini,
مىس قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، ئۇنىڭ بالداقلىرى بىلەن ھەممە ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى، | 39 |
mis ⱪurbangaⱨ bilǝn uning mis xalasini, uning baldaⱪliri bilǝn ⱨǝmmǝ ǝswablirini, yuyux desi bilǝn uning tǝglikini,
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى بىلەن ھويلىنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرىنى، مۇقەددەس چېدىرنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىغا ئائىت خىزمەتكە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋابلارنى، | 40 |
ⱨoylining qɵrisidiki pǝrdilǝrni, uning hadiliri wǝ ularning tǝgliklirini, ⱨoylining kirix eƣizining pǝrdisi bilǝn ⱨoylining taniliri wǝ ⱪozuⱪlirini, muⱪǝddǝs qedirning, yǝni jamaǝt qediriƣa ait hizmǝtkǝ ixlitilidiƣan barliⱪ ǝswablarni,
مۇقەددەس جايغا ئائىت خىزمەت ئۈچۈن تىكىلگەن كاھىنلىق كىيىمىنى، يەنى ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى بولسا، ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى. | 41 |
muⱪǝddǝs jayƣa ait hizmǝt üqün tikilgǝn kaⱨinliⱪ kiyimini, yǝni Ⱨarun kaⱨinning muⱪǝddǝs kiyimliri bilǝn uning oƣullirining kaⱨinliⱪ kiyimlirini bolsa, ⱨǝmmisini elip kǝldi.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بارلىق بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئەنە شۇنداق ئادا قىلغانىدى. | 42 |
Bu ixlarning ⱨǝmmisini Israillar Pǝrwǝrdigarning Musaƣa barliⱪ buyruƣanliri boyiqǝ ǝnǝ xundaⱪ ada ⱪilƣanidi.
مۇسا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي قارىدى، مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزگەنىدى؛ بۇيرۇلغاندەك، دەل شۇنداق قىلغانىدى؛ مۇسا بۇلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. | 43 |
Musa ixlarning ⱨǝmmisigǝ tǝpsiliy ⱪaridi, mana, ular Pǝrwǝrdigarning buyruƣini boyiqǝ bu ixlarni pütküzgǝnidi; buyrulƣandǝk, dǝl xundaⱪ ⱪilƣanidi; Musa bularni kɵrüp, ularƣa bǝht-bǝrikǝt tilǝp dua ⱪildi.