< مىسىردىن چىقىش 36 >
شۇنىڭ بىلەن بەزالەل ۋە ئوھولىيابلار، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار مۇقەددەس چېدىر ياساشنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا كېرەك بولغان دانالىق-ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاتا قىلغان ماھىر ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». | 1 |
Bết-sa-lê-ên, Ô-hô-li-áp và các người khôn khéo, tức là người Đức Giê-hô-va đã phú cho sự khôn ngoan và sự thông sáng đặng làm các công việc định dùng về việc tế lễ nơi thánh, đều làm mọi việc mà Đức Giê-hô-va đã phán dặn.
شۇ ۋاقىتتا مۇسا بەزالەل ۋە ئوھولىيابنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار دانالىق-ھېكمەت بىلەن كۆڭۈللىرىنى تولدۇرغان، كۆڭلى ئۆزىنى شۇ ئىشنى قىلىشقا قاتنىشىشقا دالالەت قىلغان بارلىق ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى چاقىرىپ يىغدى. | 2 |
Vậy, Môi-se bèn gọi Bết-sa-lê-ên, Ô-hô-li-áp, và các người khôn khéo mà trong lòng họ Đức Giê-hô-va phú sự thông sáng cùng các người có lòng cảm động xui mình đến gần, đặng làm công việc.
ئۇلار كېلىپ مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش-خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك سەرەمجانلارنى ياساشقا ئىسرائىللار ئېلىپ كەلتۈرگەن بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى مۇسادىن تاپشۇرۇۋالدى. ئىسرائىل خەلقى يەنىلا ئۆز مەيلى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى مۇساغا ئىختىيارىي ھەدىيە كەلتۈرۈپ تۇراتتى. | 3 |
Trước mặt Môi-se, họ thâu các lễ vật của dân Y-sơ-ra-ên đã đem đến, để làm các công việc định dùng và sự tế lễ nơi thánh. Nhưng mỗi buổi sớm mai, dân sự lại đem đến lễ vật tình nguyện nữa.
ئاندىن مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ قويۇپ كېلىپ، | 4 |
Thế thì, các người khôn khéo làm mọi công việc của nơi thánh, đều tạm đình,
مۇساغا: ــ خەلقنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەرۋەردىگار بىزگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزۈشكە ئېھتىياج بولغىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى! ــ دېيىشتى. | 5 |
đến nỗi cùng Môi-se rằng: Dân sự đem đến dư bội phần đặng làm các công việc mà Đức Giê-hô-va đã phán dặn.
ئاندىن مۇسا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل چېدىرگاھ بويىچە: «مانا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس چېدىرنى ياساش ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە يەنە ھېچقانداق نەرسە تەييارلاپ كەلمىسۇن!» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشتىن توختىتىلدى. | 6 |
Theo lịnh truyền của Môi-se, họ bèn đi rao từ trại quân rằng: Bất k” người nam hay nữ, chớ làm công việc về lễ vật của nơi thánh nữa! Vậy họ cấm dân sự không cho đem đến chi thêm nữa hết.
چۈنكى ئۇلار تەييارلىغان ماتېرىياللار پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىشىغا يېتەتتى، ھەتتا ئېشىپ قالاتتى. | 7 |
Vì đã đủ các vật liệu đặng làm hết thảy công việc, cho đến đỗi còn dư lại nữa.
مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن ئون پارچە يوپۇق ياساپ، كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى يوپۇقلارغا چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقتى. | 8 |
Các người khôn khéo trong vòng những người làm công việc, dùng mười bức màn bằng vải gai đậu mịn, chỉ tím, đỏ điều, đỏ sặm, thêu hình chê-ru-bin cực xảo, mà dựng đền tạm.
ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. | 9 |
Mỗi bức màn đều dài hai mươi tám thước, rộng bốn thước; các bức đều đồng cỡ nhau.
[بەزالەل] يوپۇقلارنىڭ بەشىنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى، قالغان بەش يوپۇقنىمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلىدى. | 10 |
Họ kết mỗi năm bức màn dính lại nhau;
ئۇ ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمىلەرنى قادىدى، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ شۇنداق قىلدى. | 11 |
thắt vòng bằng chỉ tím nơi triêng của bức màn thứ nhất, ở đầu bức nguyên; và cũng làm như vậy cho triêng của bức màn ở nơi chót trong bức nguyên thứ nhì.
بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىدى. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىندى. | 12 |
Họ thắt năm chục vòng theo triêng của bức màn ở đầu của bức nguyên thứ nhất, và năm chục vòng theo triêng bức màn ở chót của bức nguyên thứ nhì; các vòng đối nhau.
مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇ ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى. | 13 |
Đoạn chế năm chục cái móc bằng vàng, móc bức nầy với bức kia, để cho đền tạm kết lại thành một.
ئۇ مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىدى؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىدى. | 14 |
Kế đó, họ dùng lông dê kết mười một bức màn, để làm bong trên đền tạm.
يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. | 15 |
Bề dài mỗi bức màn ba mươi thước, bề rộng bốn thước: mười một bức màn đều đồng cỡ nhau.
يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلدى. | 16 |
Họ kết năm bức màn riêng ra; và sáu bức màn khác riêng ra;
ئۇ بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى. | 17 |
thắt năm chục cái vòng nơi triêng bức chót của bức nguyên thứ nhất, và năm chục vòng nơi triêng bức ở đầu của bức nguyên thứ nhì;
ئۇ چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويدى. | 18 |
làm năm chục cái móc bằng đồng, móc bức bong hiệp lại thành một.
ئۇ بۇنىڭدىن باشقا چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىدى. | 19 |
Họ cũng làm cho đền tạm một tấm lá phủ bằng da chiên đực nhuộm đỏ, và một tấm lá phủ bằng da cá nược đắp lên trên.
ئۇ مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىدى. | 20 |
Họ dùng ván bằng cây si-tim làm vách cho đền tạm.
ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز قىلىندى. | 21 |
Mỗi tấm ván mười thước về dài, một thước rưỡi bề ngang.
ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بار ئىدى، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى؛ ئۇ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى. | 22 |
Mỗi tấm có hai cái mộng liên nhau: cả ván đền tạm đều làm một cách.
ئۇ چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى؛ يىگىرمىسى جەنۇب تەرەپكە ئورنىتىلدى؛ | 23 |
Vậy, họ làm ván cho đền tạm: hai chục tấm về phía nam;
ئۇ بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىكنى ياسىدى. | 24 |
dưới hai chục tấm làm bốn chục lỗ mộng bằng bạc: dưới mỗi tấm có hai lỗ mộng, để chịu hai cái mộng.
شۇنىڭدەك ئۇ چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاي ياسىدى، | 25 |
Họ cũng làm hai chục tấm ván ở phía bắc đền tạm,
شۇنداقلا بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكىنى كۈمۈشتىن ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. | 26 |
và bốn chục lỗ mộng bằng bạc; dưới mỗi tấm có hai lỗ mộng.
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاينى ياساپ ئورناتتى. | 27 |
Về phía đằng sau của đền tạm, tức là phía tây, họ làm sáu tấm ván,
ئۇ چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاينى ياساپ ئورناتتى. | 28 |
và về hai góc sau thì làm hai tấm ván.
بۇ بۇلۇڭ تاختايلىرى ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇردى، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلدى. ئۇ ھەر ئىككىسىنى شۇنداق ياساپ، ئىككى بۇلۇڭغا ئورناتتى. | 29 |
Hai tấm ván góc ra khít với nhau từ dưới chí trên bởi một cái khoen ở nơi đầu; hai góc hai bên đều làm như vậy.
شۇڭلاشقىمۇ ئۇ تەرىپىدە سەككىز تاختاي بولدى، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بار ئىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بار ئىدى. | 30 |
Thế thì, có tám tấm ván và mười sáu lỗ mộng bằng bạc, dưới mỗi tấm có hai lỗ mộng.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىدى؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، | 31 |
Họ làm năm cây xà ngang bằng gỗ si-tim cặp mấy tấm ván về phía bên nầy của đền tạm,
چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغىمۇ بەش بالداقنى ياسىدى. | 32 |
năm cây xà ngang khác về phía bên kia, và năm cây xà ngang khác nữa về phía sau đền tạm, tức là phía tây.
ئۇ تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرا بالداقنى بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يەتكۈزۈپ ياسىدى. | 33 |
Họ làm cây xà ngang giữa, đặng lòn qua thân giữa các tấm ván từ đầu nầy đến đầu kia,
ئۇ تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. | 34 |
và bọc vàng mấy tấm ván. Họ làm các khoen của ván bằng vàng, đặng xỏ xà ngang qua, và bọc vàng các cây xà ngang.
ئۇ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى؛ ئۇنى كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ، كەشتىلەپ چىقاردى. | 35 |
Họ lại chế một bức màn bằng chỉ tím, đỏ điều, đỏ sặm, và vải gai đậu mịn, thêu hình chê-ru-bin cực xảo,
ئۇنى ئېسىشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت خادا ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن ياسالدى؛ خادىلارغا ئۇ كۈمۈشتىن تۆت تەگلىكنى قۇيۇپ ياسىدى. | 36 |
rồi làm bốn cây trụ bằng gỗ si-tim, bọc vàng, cùng đinh bằng vàng; đúc bốn lỗ trụ bằng bạc cho mấy cây trụ đó.
ئۇ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نەپىس توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى، ئۇنى كەشتىچىگە كەشتىلەتتى. | 37 |
Họ cũng chế cho cửa vào Trại một tấm màn bằng chỉ tím, đỏ điều, đỏ sặm, và vải gai đậu mịn: ấy là một công việc thêu thùa.
ئۇ يەنە بۇ پەردىنىڭ بەش خادىسىنى ئىلمەكلىرى بىلەن قوشۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە بالداقلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇلارنىڭ بەش تەگلىكى مىستىن ياسالدى. | 38 |
Họ cũng làm năm cây trụ cùng đinh, rồi bọc vàng trên đầu trụ, và các cây nuông; còn năm lỗ trụ thì bằng đồng.