< مىسىردىن چىقىش 35 >
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمرلەر مۇنۇلاردۇر: ــ | 1 |
Musa Israillarning pütkül jamaitini yiƣip ularƣa: — Pǝrwǝrdigar silǝrgǝ ⱪilixⱪa buyruƣan ǝmrlǝr munulardur: —
ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك كۈنى بولسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى سىلەرگە نىسبەتەن مۇقەددەس بىر كۈن بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولسۇن. ھەركىم شۇ كۈنىدە ئىش-ئەمگەك قىلسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. | 2 |
Altǝ kün ix-ǝmgǝk küni bolsun; lekin yǝttinqi küni silǝrgǝ nisbǝtǝn muⱪǝddǝs bir kün bolup, Pǝrwǝrdigarƣa atalƣan aram alidiƣan xabat küni bolsun. Ⱨǝrkim xu künidǝ ix-ǝmgǝk ⱪilsa ɵlümgǝ mǝⱨkum ⱪilinsun.
شابات كۈنىدە بارلىق تۇرالغۇلىرىڭلاردا ھەرگىز ئوت قالىماڭلار، ــ دېدى. | 3 |
Xabat künidǝ barliⱪ turalƣuliringlarda ⱨǝrgiz ot ⱪalimanglar, — dedi.
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئەمر مانا شۇكى: ــ | 4 |
Musa Israillarning pütkül jamaitigǝ sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: — «Pǝrwǝrdigar buyruƣan ǝmr mana xuki: —
ئۆزۈڭلارنىڭ ئاراڭلاردىن پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» كەلتۈرۈڭلار؛ كۆڭلى خالىغانلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىنى كەلتۈرسۇن: يەنى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، | 5 |
Ɵzünglarning aranglardin Pǝrwǝrdigarƣa bir «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» kǝltürünglar; kɵngli haliƣanlarning ⱨǝrbiri Pǝrwǝrdigarƣa bir «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ»sini kǝltürsun: yǝni altun, kümüx, mis,
كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ، ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، | 6 |
kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yip, aⱪ kanap rǝht, ɵqkǝ tiwiti,
قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، دېلفىن تېرىسى، ئاكاتسىيە ياغىچى، | 7 |
ⱪizil boyalƣan ⱪoqⱪar terisi, delfin terisi, akatsiyǝ yaƣiqi,
چىراغدان ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» بىلەن خۇشبۇي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەر، | 8 |
qiraƣdan üqün zǝytun meyi, «mǝsiⱨlǝx meyi» bilǝn huxbuy üqün ixlitilidiƣan esil dora-dǝrmǝklǝr,
ئەفودقا ھەم قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىق ۋە باشقا ياقۇتلارنى كەلتۈرۈڭلار». | 9 |
ǝfodⱪa ⱨǝm ⱪoxenƣa ornitilidiƣan ⱨeⱪiⱪ wǝ baxⱪa yaⱪutlarni kǝltürünglar».
ــ «ئاراڭلاردىكى بارلىق ماھىر ئۇستىلار كېلىپ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ياساپ بەرسۇن: | 10 |
— «Aranglardiki barliⱪ maⱨir ustilar kelip Pǝrwǝrdigar buyruƣanning ⱨǝmmisini yasap bǝrsun:
ــ [مۇقەددەس] چېدىر بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى يوپۇقلىرىنى، ئىلغۇلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، | 11 |
— [muⱪǝddǝs] qedir bilǝn uning iqki wǝ taxⱪi yopuⱪlirini, ilƣulirini, tahtaylirini, baldaⱪlirini, hadilirini wǝ bularning tǝgliklirini,
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى، | 12 |
ǝⱨdǝ sanduⱪi wǝ uning baldaⱪlirini, «kafarǝt tǝhti»ni, «ayrima pǝrdǝ-yopuⱪ»ni,
شىرە ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى ۋە «تەقدىم نانلىرى»نى، | 13 |
xirǝ wǝ uning baldaⱪlirini, uning barliⱪ ⱪaqa-ⱪuqilirini wǝ «tǝⱪdim nanliri»ni,
يورۇقلۇق ئۈچۈن ياسالغان چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، ئۇنىڭ چىراغلىرى ۋە چىراغ مېيىنى، | 14 |
yoruⱪluⱪ üqün yasalƣan qiraƣdan wǝ uning ǝswablirini, uning qiraƣliri wǝ qiraƣ meyini,
خۇشبۇيگاھ ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، دورا-دەرمەكلەردىن ئىشلەنگەن خۇشبۇينى، مۇقەددەس چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «ئىشىك پەردىسى»نى، | 15 |
huxbuygaⱨ wǝ uning baldaⱪlirini, «Mǝsiⱨlǝx meyi»ni, dora-dǝrmǝklǝrdin ixlǝngǝn huxbuyni, muⱪǝddǝs qedirining kirix eƣizidiki «ixik pǝrdisi»ni,
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، بالداقلىرىنى ۋە بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى، | 16 |
kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ ⱪurbangaⱨi wǝ uning mis xalasini, baldaⱪlirini wǝ barliⱪ ǝswablirini, yuyunux desi wǝ uning tǝglikini,
ھويلىنىڭ پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىنى، | 17 |
ⱨoylining pǝrdilirini, uning hadiliri wǝ ularning tǝgliklirini, ⱨoylining kirix eƣizidiki pǝrdini,
چېدىرنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، ھويلىنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق تانىلىرىنى، | 18 |
qedirning mih-ⱪozuⱪlirini, ⱨoylining mih-ⱪozuⱪlirini, xundaⱪla barliⱪ tanilirini,
توقۇلىدىغان كىيىملەر، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىگە كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرىنى تەييار قىلسۇن». | 19 |
toⱪulidiƣan kiyimlǝr, yǝni muⱪǝddǝs jayning hizmitigǝ kaⱨinliⱪ hizmitidǝ kiyilidiƣan, Ⱨarun kaⱨinning muⱪǝddǝs kiyimlirini ⱨǝm uning oƣullirining kiyimlirini tǝyyar ⱪilsun».
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسانىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى. | 20 |
Xuning bilǝn pütkül Israil jamaiti Musaning yenidin qiⱪip ketixti.
ئاندىن كۆڭلى تارتقانلارنىڭ ھەربىرى، روھى ئۆزلىرىگە تۈرتكە بولغانلارنىڭ ھەربىرى كېلىپ، جامائەت چېدىرىنى ياساشقا، شۇنداقلا چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سەرەمجانلارنى ياساشقا ۋە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پۇلاڭلاتما ھەدىيە»نى كەلتۈرگىلى تۇردى. | 21 |
Andin kɵngli tartⱪanlarning ⱨǝrbiri, roⱨi ɵzlirigǝ türtkǝ bolƣanlarning ⱨǝrbiri kelip, jamaǝt qedirini yasaxⱪa, xundaⱪla qedirning hizmitidǝ ixlitilidiƣan barliⱪ sǝrǝmjanlarni yasaxⱪa wǝ muⱪǝddǝs kiyimlǝrni tikixkǝ Pǝrwǝrdigarƣa atalƣan «pulanglatma ⱨǝdiyǝ»ni kǝltürgili turdi.
ئۇلار ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كېلىپ، سۇنۇشقا كۆڭلى خۇش بولغانلارنىڭ ھەربىرى ھەدىيە كەلتۈرۈپ، بۇلاپكا، زىرە-ھالقا، ئۈزۈك، زۇننار-بىلەزۈك قاتارلىق ھەرخىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى؛ ئالتۇننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ بېرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى ئۇنى پەرۋەردىگارغا سۇندى. | 22 |
Ular ǝrlǝrmu, ayallarmu kelip, sunuxⱪa kɵngli hux bolƣanlarning ⱨǝrbiri ⱨǝdiyǝ kǝltürüp, bulapka, zirǝ-ⱨalⱪa, üzük, zunnar-bilǝzük ⱪatarliⱪ ⱨǝrhil altun buyumlarni elip kǝldi; altunni «kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ» ⱪilip berǝy degǝnlǝrning ⱨǝrbiri uni Pǝrwǝrdigarƣa sundi.
كىمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە دېلفىن تېرىسى بولسا، شۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى. | 23 |
Kimdǝ kɵk, sɵsün, ⱪizil yip bilǝn aⱪ kanap rǝht, ɵqkǝ tiwiti, ⱪizil boyalƣan ⱪoqⱪar terisi wǝ delfin terisi bolsa, xularni elip kelixti.
كۈمۈش يا مىستىن كۆتۈرمە ھەدىيە كەلتۈرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى شۇنى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ سۇندى. كىمدە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سەرەمجانلارغا يارىغۇدەك ئاكاتسىيە ياغىچى بولسا، ئۇنى ئېلىپ كەلدى. | 24 |
Kümüx ya mistin kɵtürmǝ ⱨǝdiyǝ kǝltürǝy degǝnlǝrning ⱨǝrbiri xuni Pǝrwǝrdigarƣa ⱨǝdiyǝ ⱪilip sundi. Kimdǝ qedirning hizmitidǝ ixlitilidiƣan ⱨǝrhil sǝrǝmjanlarƣa yariƣudǝk akatsiyǝ yaƣiqi bolsa, uni elip kǝldi.
قولى چېۋەر ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېگىرىپ، شۇ ئېگىرگەن يىپ ۋە رەختلەرنى، يەنى كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەختلەرنى كەلتۈردى، | 25 |
Ⱪoli qewǝr ayallarning ⱨǝrbiri ɵz ⱪolliri bilǝn egirip, xu egirgǝn yip wǝ rǝhtlǝrni, yǝni kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yip bilǝn aⱪ kanap rǝhtlǝrni kǝltürdi,
شۇنىڭدەك كۆڭلى قوزغالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. | 26 |
Xuningdǝk kɵngli ⱪozƣalƣan ayallarning ⱨǝmmisi ⱨünirini ixlitip ɵqkǝ tiwitidin yip egirixti.
ئەمىرلەر ئەفود ۋە قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىقلار ۋە ياقۇتلارنى، | 27 |
Əmirlǝr ǝfod wǝ ⱪoxenƣa ornitilidiƣan ⱨeⱪiⱪlar wǝ yaⱪutlarni,
دورا-دەرمەكلەرنى، چىراغقا ۋە مەسىھلەش مېيىغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن مېيىنى، خۇشبۇيغا ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەرنى كەلتۈردى. | 28 |
dora-dǝrmǝklǝrni, qiraƣⱪa wǝ mǝsiⱨlǝx meyiƣa ixlitilidiƣan zǝytun meyini, huxbuyƣa ixlitilidiƣan esil dora-dǝrmǝklǝrni kǝltürdi.
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەرقايسىغا بىر نەرسە بېرىشكە كۆڭلى تارتقان بولسا، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەربىرى شۇنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىختىيارىي ھەدىيە بەردى. | 29 |
Xu tǝriⱪidǝ Israillar Pǝrwǝrdigar Musaning wasitisi bilǝn buyruƣan ixlarning ⱨǝrⱪaysiƣa bir nǝrsǝ berixkǝ kɵngli tartⱪan bolsa, ǝr bolsun ayal bolsun ⱨǝrbiri xuni elip kelip, Pǝrwǝrdigarƣa atap ihtiyariy ⱨǝdiyǝ bǝrdi.
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىپ، | 30 |
Andin Musa Israillarƣa mundaⱪ dedi: — «Mana, Pǝrwǝrdigar Yǝⱨuda ⱪǝbilisidin hurning nǝwrisi, Urining oƣli Bǝzalǝlni ismini atap qaⱪirip,
ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، | 31 |
uni Hudaning Roⱨi bilǝn toldurup, uningƣa danaliⱪ, ǝⱪil-parasǝt, ilim-ⱨekmǝt igilitip, uni ⱨǝrtürlük ixni ⱪilixⱪa ⱪabiliyǝtlik ⱪilip,
ئۇنى تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان ــ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، | 32 |
uni türlük-türlük ⱨünǝrlǝrni ⱪilalaydiƣan — altun, kümüx wǝ mis ixlirini ⱪilalaydiƣan,
ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدى. | 33 |
yaⱪutlarni kesip-oyalaydiƣan, zinnǝt buyumliriƣa ornitalaydiƣan, yaƣaqlarƣa nǝⱪix qiⱪiralaydiƣan, ⱨǝrhil ⱨünǝr ixlirini ⱪamlaxturalaydiƣan ⱪildi.
ئۇ يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىگە، شۇنىڭدەك ھەم دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭ كۆڭلىگە [باشقىلارغا] ھۈنەر ئۆگىتىش نىيەت-ئىستىكىنى سېلىپ، | 34 |
U yǝnǝ uning kɵngligǝ, xuningdǝk ⱨǝm Dan ⱪǝbilisidin bolƣan Aⱨisamaⱪning oƣli Oⱨoliyabning kɵngligǝ [baxⱪilarƣa] ⱨünǝr ɵgitix niyǝt-istikini selip,
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى دانالىق-ھېكمەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرخىل نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر قىلىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت بىلەن كەشتىچىلىك قىلىشقا ھەمدە باپكارلىققا ئىقتىدارلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەرخىل لايىھىلەش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدى. | 35 |
ularning kɵngüllirini danaliⱪ-ⱨekmǝt bilǝn toldurup, ularni ⱨǝrhil nǝⱪⱪaxliⱪ-oymiqiliⱪ ixliriƣa maⱨir ⱪilip, kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yip bilǝn aⱪ kanap rǝht bilǝn kǝxtiqilik ⱪilixⱪa ⱨǝmdǝ bapkarliⱪⱪa iⱪtidarliⱪ ⱪildi. Xuning bilǝn ular ⱨǝrhil ⱨünǝr ixlirining wǝ ⱨǝrhil layiⱨilǝx ixlirining ⱨɵddisidin qiⱪalaydiƣan boldi.