< مىسىردىن چىقىش 34 >
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن ئاۋۋالقىغا ئوخشاش ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ كەل؛ مەن بۇ تاختايلارغا سەن ئىلگىرى چېقىۋەتكەن تاختايلاردىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويىمەن. | 1 |
Perwerdigar Musagha: — Sen awwalqigha oxshash özüng üchün tashtin ikki taxtayni yonup kel; Men bu taxtaylargha sen ilgiri chéqiwetken taxtaylardiki sözlerni yézip qoyimen.
سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سەھەردە سىناي تېغىغا چىقىپ، شۇ يەردە تاغنىڭ چوققىسىدا مېنىڭ ئالدىمدا ھازىر بولغىن. | 2 |
Sen ete etigen’giche teyyar bolup, seherde Sinay téghigha chiqip, shu yerde taghning choqqisida Méning aldimda hazir bolghin.
لېكىن ھېچ كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن ۋە ياكى تاغنىڭ ھېچ يېرىدە باشقا ئادەم كۆرۈنمىسۇن، قوي-كالىلارمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، ــ دېدى. | 3 |
Lékin héch kishi sen bilen bille chiqmisun we yaki taghning héch yéride bashqa adem körünmisun, qoy-kalilarmu taghning tüwide otlimisun, — dédi.
مۇسا ئاۋۋالقىغا ئوخشاش تاشتىن ئىككى تاختاينى يونۇپ، ئەتىسى تاڭ سەھەر قوپۇپ، بۇ ئىككى تاش تاختاينى قولىدا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىناي تېغىغا چىقتى. | 4 |
Musa awwalqigha oxshash tashtin ikki taxtayni yonup, etisi tang seher qopup, bu ikki tash taxtayni qolida élip, Perwerdigarning buyrughini boyiche Sinay téghigha chiqti.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بۇلۇتتا چۈشۈپ، شۇ يەردە مۇسانىڭ قېشىدا تۇرۇپ، «ياھۋەھ» دېگەن نامىنى جاكارلىدى. | 5 |
Shuning bilen Perwerdigar bulutta chüshüp, shu yerde Musaning qéshida turup, «Yahweh» dégen namini jakarlidi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر، | 6 |
Perwerdigar uning köz aldidin ötüp: — «Perwerdigar, Perwerdigar, rehimdil we méhir-shepqetliktur, asan ghezeplenmeydighan, shapaet bilen wapasi keng Tengridur,
مىڭلىغان-ئون مىڭلىغانلارغا رەھىم-شاپائەت كۆرسىتىپ، قەبىھلىك، ئاسىيلىق ۋە گۇناھنى كەچۈرگۈچىدۇر؛ لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى ھەرگىز گۇناھسىز دەپ قارىمايدىغان، بەلكى ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى بالىلىرى ۋە نەۋرلىرىگىچە، شۇنداقلا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە يۈكلەيدىغان [تەڭرىدۇر]» ــ دەپ جاكارلىدى. | 7 |
minglighan-on minglighanlargha rehim-shapaet körsitip, qebihlik, asiyliq we gunahni kechürgüchidur; lékin u gunahkarlarni hergiz gunahsiz dep qarimaydighan, belki atilarning qebihlikining jazasini baliliri we newrlirigiche, shundaqla üchinchi we tötinchi ewladighiche yükleydighan [Tengridur]» — dep jakarlidi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىپ: ــ | 8 |
Shuning bilen Musa derhal yerge bash qoyup sejde qilip: —
ــ ئەي رەب، ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۇنداقتا ئى رەب، ئارىمىزدا بىز بىلەن ماڭغايسەن؛ چۈنكى بۇ خەلق دەرۋەقە بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر؛ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىزنى ۋە گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيسەن، بىزنى ئۆز مىراسىڭ بولۇشقا قوبۇل قىلغايسەن! ــ دېدى. | 9 |
— Ey Reb, eger men rasttinla neziringde iltipat tapqan bolsam, undaqta i Reb, arimizda biz bilen mangghaysen; chünki bu xelq derweqe boyni qattiq bir xelqtur; bizning qebihlikimizni we gunahimizni kechürgeysen, bizni Öz mirasing bolushqa qobul qilghaysen! — dédi.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇساغا: ــ مانا، مەن بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ سېنىڭ بارلىق خەلقىڭ ئالدىدا پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ ھېچبىر جايىدا ياكى ھېچبىر ئەل ئارىسىدا قىلىنىپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن سەن ئارىسىدا بولغان خەلقىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ [كارامەت] ئەمەلىنى كۆرىدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئەمەلىم دەرۋەقە دەھشەتلىك ئىش بولىدۇ. | 10 |
Shuning bilen u Musagha: — Mana, Men bir ehde tüzimen; séning barliq xelqing aldida pütkül yer yüzining héchbir jayida yaki héchbir el arisida qilinip baqmighan möjizilerni yaritimen. Shuning bilen sen arisida bolghan xelqingning hemmisi Perwerdigarning [karamet] emelini köridu; chünki Méning silerge qilidighan emelim derweqe dehshetlik ish bolidu.
مەن بۈگۈن ساڭا تاپىلايدىغان ئەمرلىرىمنى تۇتقىن؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئامورىي، قانائانىي، ھىتتىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. | 11 |
Men bügün sanga tapilaydighan emrlirimni tutqin; mana, Men silerning aldinglardin Amoriy, Qanaaniy, Hittiy, Perizziy, Hiwiy we Yebusiylarni heydep chiqirimen.
ئەمدى ھېزى بولغىنكى، سەن بارىدىغان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ھېچ ئەھدە باغلاشمىغىن؛ بولمىسا، بۇ ئىش سىلەرگە تۇزاق بولىدۇ؛ | 12 |
Emdi hézi bolghinki, sen baridighan zéminda turuwatqanlar bilen héch ehde baghlashmighin; bolmisa, bu ish silerge tuzaq bolidu;
بەلكى سىلەر ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى چۆۋۈپ، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى سۇندۇرۇپ، «ئاشەراھ» بۇتلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار. | 13 |
belki siler ularning qurban’gahlirini chöwüp, but tüwrüklirini sundurup, «asherah» butlirini késip tashlanglar.
چۈنكى سەن ھېچقانداق باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىقىڭ كېرەك ــ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ نامى «ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى» بولۇپ، ھەسەت قىلغۇچى بىر ئىلاھدۇرمەن. | 14 |
Chünki sen héchqandaq bashqa ilahqa ibadet qilmasliqing kérek — chünki Menki Perwerdigarning nami «Wapasizliqqa Heset Qilghuchi» bolup, heset qilghuchi bir ilahdurmen.
بولمىسا، شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ئەھدە تۈزۈشۈڭ مۇمكىن؛ ئاندىن ئۇلار ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىلاھلىرىغا قۇربانلىقلار ئۆتكۈزگىنىدە، سىلەرنى چاقىرسا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىدىن يەپ كېتىشىڭلار مۇمكىن؛ | 15 |
Bolmisa, shu zéminda turuwatqanlar bilen ehde tüzüshüng mumkin; andin ular ilahlirining keynidin yürüp buzuqchiliq qilip, ilahlirigha qurbanliqlar ötküzginide, silerni chaqirsa ularning qurbanliqliridin yep kétishinglar mumkin;
سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن. | 16 |
sen shundaqla yene ularning qizlirini oghulliringgha xotunluqqa élip bérishing mumkin; u qizlar öz ilahlirining keynidin yürüp buzuqchiliq qilghinida, ular oghulliringnimu öz ilahlirining arqisidin mangghuzup, buzuqchiliq qildurushi mumkin.
ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق قۇيما بۇتلارنى ياساتمىغىن. | 17 |
Özüng üchün héchqandaq quyma butlarni yasatmighin.
پېتىر نان ھېيتىنى تۇتۇڭلار؛ مېنىڭ ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. چۈنكى سىلەر ئابىب ئېيىدا مىسىردىن چىققانسىلەر. | 18 |
Pétir nan héytini tutunglar; Méning emr qilghinimdek Abib éyida, békitilgen waqitta yette kün pétir nan yenglar. Chünki siler Abib éyida Misirdin chiqqansiler.
بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى مېنىڭكى بولىدۇ؛ چارپاي ماللىرىڭنىڭ ئىچىدىن دەسلەپ تۇغۇلغان ئەركەكلەر، كالا بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭكى بولسۇن. | 19 |
Baliyatquning tunji méwisi Méningki bolidu; charpay malliringning ichidin deslep tughulghan erkekler, kala bolsun, qoy bolsun ularning tunjilirining hemmisi Méningki bolsun.
لېكىن ئېشەكلەرنىڭ تۇنجى تەخەيلىرىنىڭ ئورنىغا قوزا بىلەن بەدەل تۆلىشىڭ لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئورنىغا [قوزا] بەرمىسەڭ، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. تۇنجى ئوغۇللىرىڭنى بولسا، ئۇلارغا بەدەل تۆلەپ قايتۇرۇۋال. ھېچكىم مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن. | 20 |
Lékin ésheklerning tunji texeylirining ornigha qoza bilen bedel tölishing lazim bolidu. Eger ornigha [qoza] bermiseng, texeyning boynini sunduruwetkin. Tunji oghulliringni bolsa, ulargha bedel tölep qayturuwal. Héchkim Méning huzurumgha quruq qol kelmisun.
سەن ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش-ئەمەلىڭنى قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر؛ يەر ھەيدەش ۋاقتى بولسۇن، ئورما ۋاقتى بولسۇن، ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. | 21 |
Sen alte kün ichide ish-emelingni qilip, yettinchi küni aram élishing zörür; yer heydesh waqti bolsun, orma waqti bolsun, aram élishing zörür.
يېڭى بۇغداينىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى تەبرىكلەيدىغان «ھەپتىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار؛ يىلنىڭ ئاخىرىدا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار. | 22 |
Yéngi bughdayning tunji hosulini tebrikleydighan «heptiler héyti»ni ötküzünglar; yilning axirida «hosul yighish héyti»ni ötküzünglar.
سېنىڭ ھەربىر ئەركەك كىشىلىرىڭ يىلدا ئۈچ قېتىم ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر بولسۇن. | 23 |
Séning herbir erkek kishiliring yilda üch qétim Israilning Xudasi bolghan Reb Perwerdigarning aldigha hazir bolsun.
چۈنكى مەن تائىپىلەرنى ئالدىڭدىن ھەيدىۋېتىپ، چېگرالىرىڭنى كېڭەيتىمەن؛ شۇنىڭدەك سەن يىلدا ئۈچ قېتىم پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشقا چىقىپ بارساڭ، ھېچكىم يېرىڭگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ. | 24 |
Chünki Men taipilerni aldingdin heydiwétip, chégraliringni kéngeytimen; shuningdek sen yilda üch qétim Perwerdigar Xudayingning aldigha hazir bolushqa chiqip barsang, héchkim yéringge köz qirini salmaydu.
ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى بولدۇرۇلغان نان بىلەن بىللە سۇنمىغىن؛ ياكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى ئەتىگە قالدۇرما. | 25 |
Manga sunulidighan qurbanliqning qénini boldurulghan nan bilen bille sunmighin; yaki ötüp kétish héytining qurbanliqining göshini etige qaldurma.
زېمىنىڭنىڭ دەسلەپكى ھوسۇلىدىن تۇنجى مەھسۇلاتلارنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈپ ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما. | 26 |
Zéminingning deslepki hosulidin tunji mehsulatlarni Perwerdigar Xudayingning öyige keltürüp ata. Oghlaqni anisining sütide qaynitip pishurma.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن يېزىۋالغىن؛ چۈنكى مەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ سەن بىلەن ۋە ئىسرائىل بىلەن ئەھدە باغلىدىم، دېدى. | 27 |
Perwerdigar Musagha: — Bu sözlerni özüng üchün yéziwalghin; chünki Men mushu sözlerni asas qilip sen bilen we Israil bilen ehde baghlidim, dédi.
ئۇ ۋاقىتتا مۇسا شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى؛ ئۇ ھېچنەرسە يېمىدى، ھېچ سۇ ئىچمىدى. ئۇ يەردە [پەرۋەردىگار] تاختايلارغا ئەھدىنىڭ سۆزلىرى بولغان ئون ئەمرنى پۈتتى. | 28 |
U waqitta Musa shu yerde Perwerdigarning huzurida qiriq kéche-kündüz turdi; u héchnerse yémidi, héch su ichmidi. U yerde [Perwerdigar] taxtaylargha ehdining sözliri bolghan on emrni pütti.
مۇسا سىناي تېغىدىن چۈشكەندە شۇنداق بولدىكى (ئۇ تاغدىن چۈشكەندە ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۆزىنىڭ [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن يۈزىنىڭ پارقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى. | 29 |
Musa Sinay téghidin chüshkende shundaq boldiki (u taghdin chüshkende ikki höküm-guwahliq taxtiyi uning qolida idi), özining [Perwerdigar] bilen sözleshkini üchün yüzining parqirap ketkinini bilmeytti.
ئەمدى ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىللار مۇسانى كۆردى، مانا، ئۇنىڭ يۈز تېرىسى پارقىراپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىن بېرىشتىن قورقۇشتى. | 30 |
Emdi Harun we barliq Israillar Musani kördi, mana, uning yüz térisi parqirap turatti; ular uninggha yéqin bérishtin qorqushti.
لېكىن مۇسا ئۇلارنى چاقىرىۋىدى، ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ بارلىق باشلىرى يېنىپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى؛ مۇسا ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى. | 31 |
Lékin Musa ularni chaqiriwidi, Harun we jamaetning barliq bashliri yénip, uning qéshigha keldi; Musa ular bilen sözleshti.
شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ۋاقىتتا مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە سىناي تېغىدا سۆز قىلغىنىدا تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرنى ئۇلارغا تاپىلىدى. | 32 |
Shuningdin kéyin, barliq Israillar uning yénigha keldi; u waqitta Musa Perwerdigar özige Sinay téghida söz qilghinida tapshurghan barliq emrlerni ulargha tapilidi.
مۇسا ئۇلارغا دەيدىغىنىنى دەپ تۈگەتتى. ئۇ [سۆزلىگەندە] يۈزىگە بىر چۈمپەردە تارتىۋالغانىدى؛ | 33 |
Musa ulargha deydighinini dep tügetti. U [sözligende] yüzige bir chümperde tartiwalghanidi;
قاچانكى مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، چۈمپەردىنى ئېلىۋېتەتتى، تاكى ئۇ يېنىپ چىققۇچە شۇنداق بولاتتى؛ يېنىپ چىققاندا ئۆزىگە نېمە تاپىلانغان بولسا، شۇنى ئىسرائىللارغا ئېيتىپ بېرەتتى. | 34 |
Qachanki Musa Perwerdigar bilen sözlishishke uning huzurigha kirse, chümperdini éliwétetti, taki u yénip chiqquche shundaq bolatti; yénip chiqqanda özige néme tapilan’ghan bolsa, shuni Israillargha éytip béretti.
ئىسرائىللار مۇسانىڭ يۈز تېرىسىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرەتتى؛ شۇڭا مۇسا يەنە تاكى پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچە يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالاتتى. | 35 |
Israillar Musaning yüz térisining parqirap turghinini köretti; shunga Musa yene taki Perwerdigar bilen sözleshkili uning huzurigha kirgüche yüzige chümperde tartiwalatti.