< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 31 >

پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ 1
Տէրը խօսեց Մովսէսի հետ ու ասաց.
مانا، مەن ئۆزۈم يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم؛ 2
«Ես, ահա, Յուդայի ազգից ընտրեցի Բեսելիէլին, որը որդին է Ուրիի, իսկ սա՝ որդին Ովրի:
ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، 3
Ես նրան լցրի ամէն գործի համար անհրաժեշտ գիտութեան, հանճարի եւ իմաստութեան աստուածային ոգով,
تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، 4
որպէսզի նա մտածի ու ստեղծագործի,
ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدىم. 5
որպէսզի մշակի ոսկին, արծաթն ու պղինձը, մանի կապոյտ, ծիրանի ու կարմիր կտաւը, զբաղուի արհեստի կատարելութիւն հանդիսացող ակնագործութեամբ, նաեւ ատաղձագործութեամբ, որ գործի դնի ամէն մի արհեստ:
شۇنىڭدەك مانا، مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم، شۇنداقلا مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەممە نەرسىلەرنى ياسىسۇن دەپ، بارلىق پەم-پاراسەتلىك كىشىكەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدىم؛ 6
Ահա ես նրան օգնական եմ տալիս Դանի ցեղից Աքիսամի որդի Եղիաբին: Ամէն մի ուշիմ մարդու հոգու մէջ դրի շնորհ, որպէսզի անի այն, ինչ պատուիրել եմ քեզ, այսինքն՝
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى، چېدىرىنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرىنى، 7
պատրաստի վկայութեան խորանը, կտակարանների տապանակն ու նրա կափարիչը, խորանի ամբողջ սպասքն ու զոհարանը,
شىرە بىلەن ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، 8
զոհասեղանն ու նրա ամբողջ սպասքը, սուրբ աշտանակն ու նրա բոլոր զարդերը, խնկարկութեան սեղանը,
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى ياسىيالايدىغان، 9
ողջակէզների սեղանն ու նրա բոլոր մասերը, աւազանն ու նրա պատուանդանը,
خىزمەت كىيىملىرى، يەنى كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى توقۇيالايدىغان، 10
ծիսակատարութեան զգեստները, Ահարոն քահանայի սրբազան զգեստներն ու նրա որդիների՝ ինձ համար քահանայութիւն անելու զգեստները,
مەسىھلەش مېيى ۋە مۇقەددەس جايغا تەييارلىنىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەردىن خۇشبۇينى ياسىيالايدىغان بولدى. مەن ساڭا ئەمر قىلغىنىم بويىچە ئۇلار بارلىق ئىشنى بەجا كەلتۈرىدۇ. 11
օծութեան իւղն ու սրբարանի խնկի համեմունքները: Այս բոլորը, ինչ մի անգամ պատուիրել եմ քեզ, կը պատրաստես»:
پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 12
Տէրը խօսեց Մովսէսի հետ եւ ասաց. «Իսրայէլի որդիներին հաղորդի՛ր հետեւեալը. «Զգո՛յշ եղէք, պահեցէ՛ք իմ շաբաթ օրերը,
سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ ئۇلارغا: ــ «سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى چوقۇم تۇتۇڭلار؛ چۈنكى بۇلار سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ. 13
որովհետեւ դա ձեր սերնդի մէջ իմ ու ձեր միջեւ դրուած պայմանն է, որպէսզի ճանաչէք, թէ ե՛ս եմ ձեզ սրբագործող Տէրը:
شابات كۈنى سىلەرگە مۇقەددەس قىلىپ بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنى تۇتۇڭلار؛ كىمكى ئۇنى بۇزسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ؛ بەرھەق، كىمكى ئۇ كۈنىدە ھەرقانداق ئىشنى قىلسا، ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن. 14
Կը պահէք շաբաթ օրերը, որովհետեւ Տիրոջ եւ ձեզ համար դա սրբութիւն է: Ով այն պղծի, թող մահուան դատապարտուի: Ամէն ոք, ով այդ օրը գործ կ՚անի, թող վերանայ իր ժողովրդի միջից:
ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ كىمكى شابات كۈنىدە بىرەر ئىش قىلسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ. 15
Վեց օր գործ կ՚անես, իսկ եօթներորդ օրը Տիրոջ սուրբ հանգստեան շաբաթ օրն է: Ով որ շաբաթ օրը գործ կ՚անի, թող մահուան դատապարտուի:
ئىسرائىللار شابات كۈنىنى تۇتۇشى كېرەك؛ ئۇلار ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تۇتسۇن. 16
Իսրայէլի որդիները թող պահեն շաբաթ օրերը, որպէսզի դրանք ձեր սերնդի մէջ ի կատար ածուեն որպէս յաւիտենական ուխտ
بۇ مەن بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىي بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان بىلەن زېمىننى يارىتىپ، يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئېلىپ راھەت تاپقانىدى»، ــ دېگىن. 17
իմ ու Իսրայէլի որդիների միջեւ: Դա իմ յաւիտենական պայմանն է, որովհետեւ Տէրը վեց օրում ստեղծեց երկինքն ու երկիրը, իսկ եօթներորդ օրը դադար տուեց եւ հանգստացաւ»:
خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاختايلار تاشتىن بولۇپ، [سۆزلەر] خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن ئۇلارغا پۈتۈلگەنىدى. 18
Երբ Աստուած Սինա լերան վրայ աւարտեց իր խօսքը, Մովսէսին տուեց վկայութեան երկու տախտակները՝ Աստծու մատով գրուած քարէ տախտակները:

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 31 >