< مىسىردىن چىقىش 3 >
مۇسا بولسا قېينئاتىسى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترونىڭ قوي پادىسىنى باقاتتى. ئۇ قويلارنى باشلاپ چۆلنىڭ ئەڭ چېتىگە خۇدانىڭ تېغى، يەنى ھورەب تېغىنىڭ باغرىغا كەلدى. | 1 |
Musa bolsa ⱪeynatisi Midiyanning kaⱨini Yǝtroning ⱪoy padisini baⱪatti. U ⱪoylarni baxlap qɵlning ǝng qetigǝ Hudaning teƣi, yǝni Ⱨorǝb teƣining baƣriƣa kǝldi.
شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. مانا، ئازغانلىق ئوتتا كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئازغان ئۆزى كۆيۈپ كەتمىگەنىدى. | 2 |
Xu yǝrdǝ bir azƣanliⱪtin ɵrlǝp qiⱪiwatⱪan ot yalⱪuni iqidin Pǝrwǝrdigarning Pǝrixtisi uningƣa kɵründi. Mana, azƣanliⱪ otta kɵyüwatⱪan bolsimu, lekin azƣan ɵzi kɵyüp kǝtmigǝnidi.
مۇسا: ــ مەن بېرىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ باقاي؛ ئازغانلىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ــ دەپ ئويلىدى. | 3 |
Musa: — Mǝn berip, bu ajayip mǝnzirini kɵrüp baⱪay; azƣanliⱪ nemixⱪa kɵyüp kǝtmǝydiƣandu? — dǝp oylidi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇنى كۆرگىلى يولدىن چەتنەپ [ئازغانلىققا] كەلگىنىنى كۆردى؛ خۇدا ئازغانلىق ئىچىدىن ئۇنى: ــ مۇسا! مۇسا! ــ دەپ چاقىردى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 4 |
Pǝrwǝrdigar uning buni kɵrgili yoldin qǝtnǝp [azƣanliⱪⱪa] kǝlginini kɵrdi; Huda azƣanliⱪ iqidin uni: — Musa! Musa! — dǝp qaⱪirdi. U: Mana mǝn! — dǝp jawab bǝrdi.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە؛ پۇتلىرىڭدىن كەشىڭنى سالغىن؛ چۈنكى سەن تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس جايدۇر. | 5 |
U uningƣa: — Bu yǝrgǝ yeⱪin kǝlmǝ; putliringdin kǝxingni salƣin; qünki sǝn turƣan bu yǝr muⱪǝddǝs jaydur.
مەن ئاتاڭنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسا خۇداغا قاراشتىن قورقۇپ، يۈزىنى ئېتىۋالدى. | 6 |
Mǝn atangning Hudasi, Ibraⱨimning Hudasi, Isⱨaⱪning Hudasi wǝ Yaⱪupning Hudasidurmǝn, — dedi. Buni anglap Musa Hudaƣa ⱪaraxtin ⱪorⱪup, yüzini etiwaldi.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن مىسىردا تۇرۇۋاتقان قوۋمىمنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆردۇم، نازارەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى [خارلاۋاتقانلىقىدىن] قىلغان پەريادىنى ئاڭلىدىم؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى بىلىمەن. | 7 |
Pǝrwǝrdigar uningƣa mundaⱪ dedi: — Bǝrⱨǝⱪ, Mǝn Misirda turuwatⱪan ⱪowmimning tartiwatⱪan azab-oⱪubǝtlirini kɵrdum, nazarǝtqilǝrning ularni [harlawatⱪanliⱪidin] ⱪilƣan pǝryadini anglidim; qünki Mǝn ularning dǝrdlirini bilimǝn.
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم. | 8 |
Xunga Mǝn ularni misirliⱪlarning ⱪolidin ⱪutⱪuzup, xu zemindin qiⱪirip, yahxi ⱨǝm kǝng bir zeminƣa, süt bilǝn ⱨǝsǝl eⱪip turidiƣan bir zeminƣa, yǝni Ⱪanaaniy, Ⱨittiy, Amoriy, Pǝrizziy, Ⱨiwiylar wǝ Yǝbusiylarning yurtiƣa elip berixⱪa qüxtüm.
مانا ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ نالە-پەريادى ماڭا يەتتى، مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق زۇلۇم قىلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. | 9 |
Mana ǝmdi Israillarning nalǝ-pǝryadi Manga yǝtti, misirliⱪlarning ularƣa ⱪandaⱪ zulum ⱪilƣanliⱪinimu kɵrdüm.
ئەمدى سەن كەل، مەن سېنى خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىرىش ئۈچۈن پىرەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. | 10 |
Əmdi sǝn kǝl, Mǝn seni hǝlⱪim Israillarni Misirdin elip qiⱪirix üqün Pirǝwnning aldiƣa ǝwǝtimǝn, — dedi.
لېكىن مۇسا خۇداغا: ــ مەن كىم ئىدىم، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقىرالىغۇدەك؟ ــ دېدى. | 11 |
Lekin Musa Hudaƣa: — Mǝn kim idim, Pirǝwnning aldiƣa berip Israillarni Misirdin qiⱪiraliƣudǝk? — dedi.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ سەن قوۋمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش مانا ئۆزۈڭگە مېنىڭ سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئىسپات-بەلگىسى بولىدۇ، ــ دېدى. ۈ | 12 |
U jawab berip: — Bǝrⱨǝⱪ, Mǝn sǝn bilǝn billǝ bolimǝn; sǝn ⱪowmni Misirdin elip qiⱪⱪandin keyin bu taƣda Hudaƣa ibadǝt ⱪilisilǝr; bu ix mana ɵzünggǝ Mening seni ǝwǝtkinimning ispat-bǝlgisi bolidu, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خۇداغا: ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار مەندىن: «ئۇنىڭ نامى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ــ دېدى. | 13 |
Xuning bilǝn Musa Hudaƣa: — Mǝn Israillarning ⱪexiƣa berip ularƣa: «Ata-bowiliringlarning Hudasi meni ⱪexinglarƣa ǝwǝtti» desǝm, ular mǝndin: «Uning nami nemǝ?» — dǝp sorisa, ularƣa nemǝ dǝp jawab berimǝn? — dedi.
خۇدا مۇساغا: ــ مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن ــ دېدى. ئاندىن ئۇ: ــ بېرىپ، ئىسرائىللارغا: ««ئەزەلدىن بار بولغۇچى» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دەپ ئېيتقىن، دېدى. | 14 |
Huda Musaƣa: — Mǝn «Əzǝldin bar Bolƣuqi»durmǝn — dedi. Andin U: — Berip, Israillarƣa: ««Əzǝldin bar Bolƣuqi» meni ⱪexinglarƣa ǝwǝtti» dǝp eytⱪin, dedi.
خۇدا مۇساغا يەنە: ــ ئىسرائىللارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: [ياھۋەھ دېگەن] بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» ــ دېگىن. | 15 |
Huda Musaƣa yǝnǝ: — Israillarƣa: — «Ata-bowiliringlarning Hudasi, Ibraⱨimning Hudasi, Isⱨaⱪning Hudasi wǝ Yaⱪupning Hudasi bolƣan «Yaⱨwǝⱨ» meni ⱪexinglarƣa ǝwǝtti; U: [Yaⱨwǝⱨ degǝn] bu nam ǝbǝdgiqǝ Mening namim bolidu, dǝwrdin-dǝwrgiqǝ Mǝn xu nam bilǝn ǝskǝ elinimǝn, dǝydu» — degin.
ــ بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: ــ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مىسىردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم؛ | 16 |
— Berip, Israilning aⱪsaⱪallirini yiƣip ularƣa: — «Ata-bowiliringlarning Hudasi, yǝni Ibraⱨim, Isⱨaⱪ wǝ Yaⱪupning Hudasi bolƣan Pǝrwǝrdigar manga kɵrünüp: — Mǝn silǝrni yoⱪlap kǝldim, Misirda silǝrgǝ ⱪandaⱪ muamilǝ ⱪiliniwatⱪanliⱪini kɵrdüm;
شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۈم شۇدۇركى، مەن سىلەرنى مىسىرنىڭ زۇلۇمىدىن چىقىرىپ، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن، دېدى، ــ دېگىن، دېدى. | 17 |
xuning üqün sɵzüm xudurki, Mǝn silǝrni Misirning zulumidin qiⱪirip, Ⱪanaaniylar, Ⱨittiylar, Amoriylar, Pǝrizziylǝr, Ⱨiwiylar wǝ Yǝbusiylarning zemini, yǝni süt bilǝn ⱨǝsǝl eⱪip turidiƣan zeminƣa elip barimǝn, dedi, — degin, dedi.
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدىغان بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سەن، ئۆزۈڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئەمدى سىزدىن ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلگە بېرىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيسىز» ــ دەڭلار. | 18 |
— Xuning bilǝn ular sening sɵzünggǝ ⱪulaⱪ salidiƣan bolidu. U waⱪitta sǝn, ɵzüng wǝ Israilning aⱪsaⱪalliri bilǝn birgǝ Misir padixaⱨining aldiƣa berip, uningƣa: «Ibraniylarning Hudasi Pǝrwǝrdigar biz bilǝn kɵrüxti. Əmdi sizdin ɵtünimizki, bizgǝ üq künlük yolni besip, qɵlgǝ berip, Hudayimiz Pǝrwǝrdigarƣa ⱪurbanliⱪ ⱪilixⱪa ijazǝt bǝrgǝysiz» — dǝnglar.
لېكىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ھەتتا قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ ئاستىدا تۇرۇپمۇ، سىلەرنى يەنىلا قويۇپ بەرمەيدىغىنىنى بىلىمەن. | 19 |
Lekin Misir padixaⱨining ⱨǝtta ⱪudrǝtlik bir ⱪolning astida turupmu, silǝrni yǝnila ⱪoyup bǝrmǝydiƣinini bilimǝn.
شۇڭا قولۇمنى ئۇزىتىپ، مىسىرلىقلارنى مەن ئۆز زېمىنى ئىچىدە كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرخىل كارامەت-مۆجىزىلىرىم بىلەن ئۇرىمەن؛ ئاندىن [پىرەۋن] سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ. | 20 |
Xunga ⱪolumni uzitip, misirliⱪlarni Mǝn ɵz zemini iqidǝ kɵrsǝtmǝkqi bolƣan ⱨǝrhil karamǝt-mɵjizilirim bilǝn urimǝn; andin [Pirǝwn] silǝrni ⱪoyup beridu.
بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتۇرىمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر شۇ يەردىن چىققىنىڭلاردا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. | 21 |
Bu ⱪowmni misirliⱪlarning aldida iltipat tapturimǝn wǝ xuning bilǝn xundaⱪ boliduki, silǝr xu yǝrdin qiⱪⱪininglarda, ⱪuruⱪ ⱪol qiⱪmaysilǝr.
بەلكى ھەربىر ئايال كىشى ئۆز قوشنىسىدىن ۋە ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق يات ئايالدىن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلارغا تاقايسىلەر، كىيدۈرىسىلەر؛ شۇ تەرىقىدە مىسىرلىقلاردىن ئولجا ئالغان بولىسىلەر، ــ دېدى. | 22 |
Bǝlki ⱨǝrbir ayal kixi ɵz ⱪoxnisidin wǝ ɵz ɵyidǝ olturuxluⱪ yat ayaldin kümüx zinnǝt buyumliri, altun zinnǝt buyumliri wǝ kiyim-keqǝklǝrni tǝlǝp ⱪilidu. Bu nǝrsilǝrni oƣul-ⱪizliringlarƣa taⱪaysilǝr, kiydürisilǝr; xu tǝriⱪidǝ misirliⱪlardin olja alƣan bolisilǝr, — dedi.