< مىسىردىن چىقىش 29 >
ئۇلارنىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك: ــ سەن بىر ياش ئەركەك تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى تاللا (ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن) | 1 |
Le zao ty hanoe’o hañeferañe iareo hitoroñe ahy ho mpisoroñe. Andrambeso bania naho añondrilahy roe tsy aman-kandra;
ھەمدە پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلارنى تەييارلا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ئۇنىدىن قىلغىن؛ | 2 |
le mofo po-dalivay naho mofo vonga’e po-dalivay nilaroañe menake vaho mofo pisake po-dalivay hinosotse menake: nanoeñe ami’ty monam-bare-bolè.
نانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، سېۋەتنى، تورپاقنى ۋە ئىككى قوچقارنى بىللە ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرگىن. | 3 |
Ajoñe ami’ty hàroñe irezay le aseseo mb’etoa an-karoñe naho i baniay vaho i añondrilahy roe rey.
سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ | 4 |
Endeso mb’ an-dalan-kibohom-pamantañam-b’ etoy t’i Aharone naho o ana’eo vaho isasao an-drano.
ئاندىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ھارۇنغا خالتا كۆڭلەك، ئەفود تونى ۋە ئەفودنى كىيدۈرگىن، قوشېننى تاقىغىن؛ ئاندىن بېلىگە ئەفودنىڭ كەشتىلەنگەن بەلۋېغىنى باغلىغىن. | 5 |
Le rambeso i saroñe rey vaho aombeo amy Aharone i sikiñey naho ty saro’ i kitambey naho i kitambey naho i takon’ arañañey vaho aombeo ama’e i fièn-kitambe vinahotsey;
بېشىغا سەللىنى يۆگەپ، سەللىگە مۇقەددەس ئوتۇغاتنى تاقاپ قويغىن. | 6 |
le aombeo añ’ ambone’e i sabakay vaho asampezo amy sabakay i viloñe miavakey.
ئاندىن مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ، بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى مەسىھلىگىن. | 7 |
Rambeso i mena-pañorizañey le adoaño añ’ambone’e vaho orizo.
ئاندىن سەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرگىن؛ | 8 |
Aseseo mb’eo ka i ana’e rey le aombeo am’ iereo o saro’iareoo;
ئۇلارغا، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەلۋاغلارنى باغلاپ، ئېگىز بۆكلەرنى كىيدۈرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە، كاھىنلىق خىزمىتى ئۇلارنىڭكى بولىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى خۇداغا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىپ تەيىنلىگىن. | 9 |
le ampidiaño fiètse t’i Aharone naho o ana’eo, le feheo am’ iereo o sabakao; ie fañe nainai’e tsy modo ho a iareo i fisoroñañey. Le orizo t’i Aharone naho o ana’eo.
— سەن تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن؛ ئېلىپ كەلگىنىڭدە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن. | 10 |
Aseseo aolo’ i kibohom-pamantañañey i baniay le hanampe fitàñe andoha’ i baniay t’i Aharone naho o ana’eo.
ئاندىن سەن بۇ تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا بوغۇزلىغىن؛ | 11 |
Le lentao añatrefa’ Iehovà i baniay, an-dalan-kibohom-pamantañañe eo.
تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ بارمىقىڭ بىلەن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ، قالغان قاننىڭ ھەممىسىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قۇيغىن. | 12 |
Andrambeso ty lio’ i baniay le apetaho an-drambo-pità’o amo tsifan-kitrelio vaho adoaño am-poto’ i kitreliy iaby ze lio sisa.
ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماينى، شۇنداقلا جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى ئاجرىتىپ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. | 13 |
Le rambeso o safo’e mañohoñe o aova’eoo naho ty ova mipetak’ ambone’ i ate’ey, ty tsapavoa’e roe reke-tsafo’e vaho orò amy kitreliy.
تورپاقنىڭ گۆشى، تېرىسى ۋە تېزىكىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكىن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. | 14 |
Le sodoro añ’afo alafe’ i tobey ty vata’ i baniay naho ty holi’e vaho ty tai’e. Soron-kakeo izay.
ئاندىن سەن قوچقارلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ | 15 |
Rambeso amy zao ty añondrilahy, le hampitongoa fitàñe ami’ty loha’ i añondrilahiy t’i Aharone naho o ana’eo;
ئاندىن سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىدىن قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. | 16 |
Le lentao i añondrilahiy naho rambeso ty lio’e vaho afitsezo amy kitreliy añariary aze.
قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى گۆش پارچىلىرى ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، | 17 |
Lilio i añondrilahiy, sasao o aova’eo naho o tombo’eo le asampezo amo linilio naho amy loha’ey,
پۈتۈن قوچقارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ــ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يەتكۈزىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. | 18 |
fonga soroño amy kitreliy i añondrilahiy, ho enga horoañe am’ Iehovà; hàñitse mandrifondrifoñe, nisoroñañe añ’afo am’ Iehovà.
كېيىن سەن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. | 19 |
Rambeso ka i añondrilahy raikey, le hanampe-pità’ amy añondrilahiy t’i Aharone naho o ana’eo.
ئاندىن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ قېنىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. | 20 |
Lentao amy zao i añondrilahiy; le andrambeso ty lio’e naho atenteno andengon-dravembia havana’ i Aharone naho andengon-dravembia havana’ o ana’eo naho an-tondrobeim-pitàn-kavana naho an-tondrobeim-pandia havana’ iareo vaho afitsezo añ’ariari’ i kitreliy i lio’ey.
ئاندىن قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قاندىن ۋە مەسىھلەش مېيىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كىيىملىرىگە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگىمۇ سەپكىن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان بولىدۇ. | 21 |
Andrambeso ty lio amy kitreliy naho i menake fañorizañey, le afitsezo amy Aharone naho an-tsaro’e naho amo ana’eo naho an-tsaro’ o ana’e mindre ama’eo; le hiavake re naho o saro’eo naho o ana’e mindre ama’eo vaho o saron’ ana’eo.
ئاندىن سەن قوچقارنىڭ مېيى، قۇيرۇق مېيى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى چىقار ھەمدە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئالغىن ــ (چۈنكى بۇ قوچقار كاھىنلىققا تىكلەش [قۇربانلىقىغا ئاتالغان] قوچقاردۇر) ــ | 22 |
Rambeso ka ty safo’ i añondrilahiy naho ty hofa’e naho ty safo’e mañohok’ o ova’eo naho ty lengon’ ate’e, ty voa’e roe reketse ty solik’ ama’e vaho ty tso’e havana, ie añondrilahy fitokanañe;
— بۇنىڭدىن باشقا سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قويۇلغان پېتىر نان سېۋىتىدىن بىر گىردىنى، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچتىن بىرنى ۋە پېتىر ھەمەك ناندىن بىرنى ئېلىپ، | 23 |
le ty mofo vonga’e naho ty mofomamy nihosorañe menake vaho ty mofo pisake boak’ an-karo’ o mofo po-dalivay añatrefa’ Iehovào;
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇننىڭ قوللىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا قويۇپ، ئۇلارنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتقۇزغىن. | 24 |
le apoho am-pità’ i Aharone naho an-tañan’ ana’e irezay vaho ahelakelaño ho engan-kelahela añ’ atrefa’ Iehovà.
ئاندىن سەن بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈرگىن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. | 25 |
Rambeso am-pità’ iareo izay vaho orò amy kitreliy ambone’ i enga horoañey ho hàñitse mandrifondrifoñe añ’atrefa’ Iehovà ho soroñe añ’afo amy Iehovà.
سەن ھارۇننى كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ تۆشىنى ئېلىپ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلاتقىن؛ بۇ سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولىدۇ. | 26 |
Le rambeso ty tratra’ i añondrilahim-pitokana’ i Aharoney vaho ahelakelaño ho engan-kelahela añ’atrefa’ Iehovà, ie o anjara’oo.
شۇنىڭدەك، سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىلغان تۆشى بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىلغان ئارقا پۇتىنى، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان شۇ ئۈلۈشلەرنى «مۇقەددەس» دەپ ئايرىپ بېكىتكىن. | 27 |
Aa le aviho ty tratra’ i engan-kelahelay naho i feim-pitokanañey, i nahelahelay vaho i navoañe boak’ amy añondrilahim-pitokanañeiy, ho anjara’ i Aharone naho o ana’eo;
شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىللار تەرىپىدىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان نېسىۋە بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ كۆتۈرمە ھەدىيەدۇر. بۇلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن ئايرىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ «ئېگىز كۆتۈرگەن ھەدىيە»سى ھېسابلىنىپ، «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. | 28 |
ie ty anjara’ i Aharone naho o ana’eo, ho fañè nainai’e boak’ amo ana’ Israeleo, izay ty fanolora’ o ana’ Israeleo boak’ amo engam-panintsiña’ iareoo, toe o engan-kavoa’ iareo am’ Iehovào.
ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە كېيىن ئوغۇللىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇلار مەسىھلىنىپ، كاھىنلىققا تەيىنلەنگەندە شۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. | 29 |
Le ho limbezañe amo ana’e manonjohy azeo o saro-masi’ i Aharoneo, horizañ’ ama’e iereo vaho ho tokanañ’ ama’e.
ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىن بولسا، جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشكەندە، بۇ كىيىملەرنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيىپ يۈرسۇن. | 30 |
Ho sikina’ i anadahy mandimbe aze ho mpisoroñe fito àndroy izay, ie mimoak’ amy kibohom-pamantañañey hitoroñe amy miavakey.
سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا پىشۇرغىن؛ | 31 |
Rambeso i añondrilahim-pitokanañey le ahandrò an-toe-miavake ao o hena’eo;
ئاندىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى بىلەن سېۋەتتىكى نانلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يېسۇن؛ | 32 |
vaho ho kamae’ i Aharone naho o ana’eo ty hena’ i añondrilahiy naho i mofo an-karoñey, an-dalan-kibohom-pamantañañe ao.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشىدە خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغاندا كافارەتكە ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى يېسۇن، لېكىن بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، يات كىشى بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى يېمىسۇن. | 33 |
Ho kamae’ iereo o raha nanoeñe ho fijebańañe, hanokanañe naho hampiavahañe iareo; fe tsy hikama’ ze alafe’e ao amy te miavake.
ئەگەر كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىق گۆشىدىن ياكى ناندىن ئەتىگە ئازراق ئېشىپ قالسا، ئېشىپ قالغاننى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەت؛ بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. | 34 |
Aa naho eo ty tsy ri’e amy henam-pañorizañey, ndra amy mofoy, ie miporea’ ty maraindray, le horoa’o añ’afo ao i sisay; tsy ho kamaeñe fa miavake.
سەن شۇ تەرىقىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئۇدا يەتتە كۈنگىچە ئۇلارنى كاھىنلىققا تىكلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغىن. | 35 |
Izay ty hanoe’o amy Aharone naho amo ana’eo, i hene nandiliako azoy. Fito andro ty hanokanañe iareo.
ھەر كۈنى كافارەت قىلىنىشقا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنغىن. قۇربانگاھنىڭ ئۆزىنى گۇناھتىن پاك قىلىشقا ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرگىن، مۇقەددەس قىلىنسۇن دەپ، ئۇنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھلىگىن. | 36 |
Le hentseño boak’ andro ty bania ho soron-kakeo fijebańañe. Ho lioveñe i kitreliy, le ijebaño vaho orizo hampiavahañe aze.
يەتتە كۈنگىچە سەن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا تەگكەن ھەممە نەرسە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. | 37 |
Fito andro ty hijebaña’o i kitreliy hañavak’ aze vaho hiava-do’e i kitreliy. Hiavake ze hene mitsapa i kit relit.
مانا، قۇربانگاھتا ھەمىشە سۇنىدىغانلىرىڭ مۇنۇلار: ــ ھەر كۈنى بىر ياشلىق ئىككى قوزا قۇربانلىق قىلىنسۇن. | 38 |
Zao ty hisoroña’o amy kitreliy: vik’añondry roe boak’ andro nainai’e.
بىرىنى ئەتىگەندە، يەنە بىرىنى گۇگۇمدا قۇربانلىق قىلىپ سۇنغىن. | 39 |
Hengae’o maraindraiñe ty vi’e, le hisoroñañe folakandro ka ty vi’e.
بىرىنچى قوزا بىلەن بىرگە زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن بۇغداي ئۇنىدىن [ئەفاھنىڭ] ئوندىن بىرى ۋە يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شاراب قۇشۇپ سۇنۇلسۇن. | 40 |
Hampindreze’o soroñe amy vi’e valoha’ey ty mona’e faha-folo ty efà linaro menake linisañe fahefa’ ty hine vaho divay fahefa’ ty hine ho enga-rano.
ئىككىنچى قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنلىك قۇربانلىقنىڭكىدەك، خۇشبۇي بولۇشى ئۈچۈن ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيە بىلەن قوشۇپ سۇنغىن. | 41 |
Le hisoroña’o folakandro ka ty vi’e raike; le ampanahafo amy enga-mahakama naho amy enga-rano’ i maraindraiñeiy, ho hàñitse mandrifondrifoñe, enga horoañe am’ Iehovà.
شۇ تەرىقىدە بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق نەسىلدىن-نەسىلگە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ دائىملىق قۇربانلىق بولسۇن؛ مەن [پەرۋەردىگار] شۇ يەردە سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. | 42 |
Ho enga horoañe nainai’e izay amo hene tarira’ areo mifandimbeo, amy lalan-kibohom-pamantañañey, añatrefa’ Iehovà, amy hifañaoñan-tikañe naho fitaroñako ama’oy.
شۇنىڭدەك مەن شۇ يەردە ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي مېنىڭ شان-شەرىپىم بىلەن مۇقەددەس قىلىنىدۇ. | 43 |
Eo ty hifañaoñako amo ana’ Israeleo le hampiavahe’ ty engeko i toetsey.
مەن جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى ئۆزۈمگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلىمەن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆزۈمگە كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشقا ئايرىپ مۇقەددەس قىلىمەن. | 44 |
Ho tokaneko i kibohom-pamantañañey naho i kitreliy vaho horizako ka t’i Aharone naho o ana’eo hitoroñ’ ahy ho mpisoroñe.
شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. | 45 |
Le himoneñe amo ana’Israeleo iraho vaho ho Andrianañahare’ iareo.
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇداسى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 46 |
Le ho fohi’ iareo te Izaho Iehovà Andrianañahare’ iareo ro nañavotse iareo an-tane Mitsraime añe himoneñako am’ iereo ao. Izaho Iehovà Andrianañahare’ iareo.