< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 27 >

سەن قۇربانگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىغىن. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىنسۇن. 1
應用皂莢木做一祭壇:長五肘,寬五肘,祭壇為方形,高三肘。
ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىغىن؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىغىن. 2
在祭壇四角上做四翹角,四翹角應由祭壇突出,祭壇要包上銅。
قۇربانگاھنىڭ ياغ [ۋە كۈلىنى] ئېلىشقا داسلارنى ياسىغىن؛ ئۇنىڭغا خاس بولغان گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىغىن؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ياساشقا مىس ئىشلەتكىن. 3
再做收灰的盆、、盤、肉叉和火盆:這一切用具都應是銅做的。
قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىغىن؛ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت مىس ھالقا ياساپ بېكىتىپ قويغىن. 4
為祭壇要做一架銅格子,好像網的製法,在網的四角上安上四個銅環,
شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلغىن، شۇنداقتا شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. 5
將網安在壇下方的圍腰下,直到祭壇半腰。
قۇربانگاھقا ئىككى بالداق ياسىغىن؛ ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بولسۇن، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىغىن. 6
再為祭壇做兩根扛桿,杠桿是皂莢木的,包上銅。
قۇربانگاھنى كۆتۈرگەندە، بالداقلار ئۇنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىن. 7
杠桿應穿在環子內;抬祭壇時,杠桿常在祭壇兩邊。
قۇربانگاھنى تاختايلاردىن ياسىغىن، ئىچى بوش بولسۇن؛ ئۇ تاغدا ساڭا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە [ھۈنەرۋەنلەر] تەييار قىلسۇن. 8
祭應用木板做成,中心是空的。在山上怎樣指示了給你,就怎樣去做。庭院式樣
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىغىن. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى توقۇغىن؛ شۇ تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز بولسۇن. 9
應做帳棚的庭院:為向陽的一面,即南面,用捻的細麻做庭院的帷幔;這一面長一百肘。
پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. 10
柱子二十根,銅卯座二十個,柱鉤和橫棍是銀的。
شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ياسالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە قويۇشقا يىگىرمە مىس تەگلىك ياسالسۇن؛ خادىلارنىڭ ئىلمىكى بىلەن بالداقلار بولسا كۈمۈشتىن ياسالسۇن. 11
為北面也是一樣:帳幔長一百肘,柱子二十根,銅卯座二十個,柱鉤和橫棍是銀的。
ھويلىنىڭ غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئون خادىسى ۋە ئون تەگلىكى بولسۇن. 12
庭院的西面,帷幔寬五十肘,柱子十根,卯座十個。
ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز بولسۇن. 13
庭院的前面即東面,寬五十肘;
بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. 14
這一邊帷幔十五肘,柱子三根,卯座三個;
يەنە بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بولسۇن. 15
另一邊帷幔也十五肘,柱子三根,卯座三個。
ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىگىرمە گەز كېلىدىغان بىر پەردە قويۇلسۇن؛ پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن تۆت تەگلىكى بولسۇن. 16
庭院的大門:門簾寬二十肘,是用紫色、紅色、朱紅色的毛線和捻的細麻織成的:柱子四根,卯座四個。
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن، تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. 17
庭院所有的柱子,周圍用銀橫棍連貫起來;所有的鉤子是銀的,卯座是銅的。
ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى ھەر ئىككى تەرىپى ئەللىك گەز بولسۇن؛ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ئىشلەنگەن پەردىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز قىلىنسۇن؛ خادىلارنىڭ تەگلىكلىرى مىستىن ياسالسۇن. 18
庭院長一百肘,寬五十肘,高五肘;幃幔是細麻捻的,卯座是銅的。
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرى ھەمدە بارلىق مىق-قوزۇقلىرى، شۇنداقلا ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن بولسۇن. 19
帳棚內凡是敬禮用的一切器物,帳棚和庭院的一切橛子,都是銅的。燃登規定
ــ چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىق تۇرۇشى ئۈچۈن، چىراغقا ئىشلىتىشكە زەيتۇندىن سوقۇپ چىقىرىلغان ساپ ماينى قېشىڭغا كەلتۈرۈشكە ئىسرائىللارنى بۇيرۇغىن. 20
你應吩咐以色列子民,叫他們把榨得的橄欖清油給你送來,為點燈用,好使燈時常點著。
جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەردىنىڭ تاشقىرىدا ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ھەر كېچىسى ئەتىگەنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا چىراغلارنىڭ يېنىق تۇرغۇزۇش ئىشىدا بولسۇن. بۇ ئىش دەۋردىن-دەۋرگىچە ئىسرائىللارغا ئەبەدىي بىر قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن. 21
在會幕內,在約櫃前的帳幔外,亞郎和他的子孫應使這燈,由晚上到早晨,常在上主前點燃:這是以色列子民世世代代當守的常例。

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 27 >