< مىسىردىن چىقىش 26 >
مۇقەددەس چېدىرنى ئون پارچە يوپۇقتىن ياساتقىن؛ يوپۇقلار نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنسۇن؛ ئۇنىڭغا كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقارغۇزغىن. | 1 |
Muⱪǝddǝs qedirni on parqǝ yopuⱪtin yasatⱪin; yopuⱪlar nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhtkǝ kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yiplar arilaxturulup ixlǝnsun; uningƣa kerublarning süritini qewǝr ⱪollarƣa nǝpis ⱪilip kǝxtilǝp qiⱪarƣuzƣin.
ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. | 2 |
Ⱨǝrbir yopuⱪning uzunluⱪi yigirmǝ sǝkkiz gǝz, kǝngliki tɵt gǝz bolup, ⱨǝrbir yopuⱪ ohxax qong-kiqikliktǝ bolsun.
يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن، قالغان بەش يوپۇقمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن. | 3 |
Yopuⱪlarning bǝxi bir-birigǝ ulansun, ⱪalƣan bǝx yopuⱪmu ⱨǝm bir-birigǝ ulansun.
سەن ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمە قادىغىن، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ ھەم شۇنداق قىلغىن. | 4 |
Sǝn ulap qiⱪilƣan birinqi qong parqining ǝng qetidiki ⱪismiƣa bir tǝripigǝ rǝnggi kɵk izmǝ ⱪadiƣin, xuningdǝk ulap qiⱪilƣan ikkinqi qong parqining ǝng qetidikisining bir tǝripigimu ⱨǝm xundaⱪ ⱪilƣin.
بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل بولسۇن. | 5 |
Birinqi qong parqining ǝng qetidiki ⱪismiƣa ǝllik izmǝ ⱪadiƣin, ikkinqi qong parqining ǝng qetidikisigimu ǝllik izmǝ ⱪadiƣin. Izmilǝr bir-birigǝ udulmuudul bolsun.
مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغىن. | 6 |
Muⱪǝddǝs qedir bir pütün bolsun üqün altundin ǝllik ilƣu yasap, ikki qong parqǝ yopuⱪni xu ilƣular bilǝn bir-birigǝ tutaxturƣin.
مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىغىن؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىغىن. | 7 |
Muⱪǝddǝs qedirni yepix üqün ɵqkǝ tiwitidin yopuⱪlarni yasiƣin; yopuⱪtin on bir parqǝ yasiƣin.
يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. | 8 |
Yopuⱪlarning ⱨǝrbirining uzunluⱪi ottuz gǝz, kǝngliki tɵt gǝz bolup, on bir yopuⱪning ⱨǝmmisi ohxax qong-kiqikliktǝ bolsun.
يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، ئالتىنچى يوپۇقنى ئىككى قات قىلىپ، چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويغىن. | 9 |
Yopuⱪlarning bǝxini ulap bir ⱪilip, ⱪalƣan altǝ yopuⱪnimu ulap bir ⱪilip, altinqi yopuⱪni ikki ⱪat ⱪilip, qedirning aldi tǝripigǝ sanggilitip ⱪoyƣin.
سەن بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن. | 10 |
Sǝn birinqi ulap qiⱪilƣan qong parqining ǝng qetidiki ⱪismiƣa ǝllik izmǝ, ikkinqi ulap qiⱪilƣan qong parqining ǝng qetidiki ⱪismiƣa ǝllik izmǝ ⱪadiƣin.
سەن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويغىن. | 11 |
Sǝn ⱨǝm mistin ǝllik ilƣu yasap, qedir bir pütün bolsun üqün ularni izmilǝrgǝ ɵtküzüp ikki qong parqini ulap ⱪoyƣin.
لېكىن يوپۇقنىڭ چېدىرنىڭ كەينىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى، يەنى ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. | 12 |
Lekin yopuⱪning qedirning kǝynidin exip ⱪalƣan ⱪismi, yǝni exip ⱪalƣan yerim parqisi qedirning kǝyni tǝripidǝ sanggilap tursun.
چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ چېدىرنىڭ بويىدىن ئارتۇق قىسمى، يەنى ئۇ تەرىپىدىن بىر گەز، بۇ تەرىپىدىن بىر گەز، چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ، ئۇنى [تولۇق] ياپسۇن. | 13 |
Qedir yopuⱪlirining qedirning boyidin artuⱪ ⱪismi, yǝni u tǝripidin bir gǝz, bu tǝripidin bir gǝz, qedirning ikki tǝripidin sanggilap, uni [toluⱪ] yapsun.
بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپقىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىغىن. | 14 |
Buningdin baxⱪa, qedirƣa ⱪizil boyalƣan ⱪoqⱪar terisidin yopuⱪ yasap yapⱪin, andin uning üstidinmu delfin terisidin yasalƣan yǝnǝ bir yopuⱪni ⱪapliƣin.
مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىگىن. | 15 |
Muⱪǝddǝs qedirning tik tahtaylirini akatsiyǝ yaƣiqidin yasap tikligin.
ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. | 16 |
Ⱨǝrbir tahtayning uzunluⱪi on gǝz, kǝngliki bir yerim gǝz bolsun.
ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بولسۇن، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن. | 17 |
Ⱨǝrbir tahtayning ikkidin turumi bolsun, ⱨǝr ikki tahtay xular bilǝn bir-birigǝ qetilsun; qedirning barliⱪ tahtaylirini xundaⱪ yasiƣin.
چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن؛ يىگىرمىسىنى جەنۇب تەرەپكە تىكلىگىن؛ | 18 |
Qedirning tahtaylirini xundaⱪ yasiƣin; yigirmisini jǝnub tǝrǝpkǝ tikligin;
بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىغىن؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك ياسىغىن. | 19 |
bu yigirmǝ tahtayning tegigǝ kümüxtin ⱪiriⱪ tǝglik yasiƣin; bir tahtayning [astidiki] ikki turumi üqün ikkidin tǝglik, yǝnǝ bir tahtayning ikki turumi üqün ikkidin tǝglik yasiƣin.
شۇنىڭدەك چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە، يەنى شىمال تەرىپىدە يىگىرمە تاختاي بولسۇن؛ | 20 |
Xuningdǝk qedirning udul tǝripidǝ, yǝni ximal tǝripidǝ yigirmǝ tahtay bolsun;
بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكى كۈمۈشتىن بولسۇن؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. | 21 |
bularning ⱪiriⱪ tǝgliki kümüxtin bolsun; bir tahtayning tegigǝ ikkidin tǝglik, yǝnǝ bir tahtayning tegigǝ ikkidin tǝglik orunlaxturulsun.
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاي ياساپ تىكلىگىن. | 22 |
Qedirning kǝyni tǝripigǝ, yǝni ƣǝrb tǝrǝpkǝ altǝ tahtay yasap tikligin.
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاي ياساپ ئورناتقىن. | 23 |
Qedirning kǝyni tǝripidiki ikki bulungƣa ikki tahtay yasap ornatⱪin.
بۇ [بۇلۇڭ تاختايلىرى] ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىنىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇرسۇن، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلسۇن. ھەر ئىككىسى شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا تىكلەنسۇن. | 24 |
Bu [bulung tahtayliri] astidin üstigiqǝ ikki ⱪat ⱪilinip [tahtaylarni] ɵzara qetixtursun, üsti bir ⱨalⱪiƣa bekitilsun. Ⱨǝr ikkisi xundaⱪ ⱪilinip, ikki bulungƣa tiklǝnsun.
ئارقا تەرەپتە سەككىز تاختاي بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بولىدۇ؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بولىدۇ. | 25 |
Arⱪa tǝrǝptǝ sǝkkiz tahtay bolidu, ularning kümüxtin yasalƣan on altǝ tǝgliki bolidu; bir tahtayning tegidǝ ikki tǝglik, yǝnǝ bir tahtayning tegidǝ ikki tǝglik bolidu.
بۇنىڭدىن باشقا سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىغىن؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، | 26 |
Buningdin baxⱪa sǝn akatsiyǝ yaƣiqidin baldaⱪ yasiƣin; qedirning bu tǝripidiki tahtaylarƣa bǝx baldaⱪni,
چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى ياسىغىن. | 27 |
qedirning u tǝripidiki tahtaylarƣa bǝx baldaⱪni, qedirning arⱪa tǝripidiki tahtaylarƣa, yǝni ƣǝrb tǝripidiki tahtaylarƣa bǝx baldaⱪni yasiƣin.
تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا بالداق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يېتىدىغان بولسۇن. | 28 |
Tahtaylarning otturisidiki ottura baldaⱪ bu tǝrǝptin u tǝrǝpkǝ yetidiƣan bolsun.
تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. | 29 |
Tahtaylarni altun bilǝn ⱪaplap, baldaⱪlar ɵtküzülidiƣan ⱨalⱪilarni altundin yasap, baldaⱪlarni altun bilǝn ⱪapliƣin.
چېدىرنى ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە ياساپ تىكلىگىن. | 30 |
Qedirni sanga taƣda ayan ⱪilinƣan nusha boyiqǝ yasap tikligin.
سەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇنى چېۋەر قوللار كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ كەشتىلەپ چىقسۇن. | 31 |
Sǝn nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhtkǝ kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yiplar arilaxturulup ixlǝngǝn bir pǝrdǝ yasiƣin; uni qewǝr ⱪollar kerublarning süritini nǝpis ⱪilip qüxürüp kǝxtilǝp qiⱪsun.
ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت خادىغا ئېسىپ قويغىن. بۇ خادىلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت تەگلىككە ئورنىتىلسۇن. | 32 |
Uni akatsiyǝ yaƣiqidin yasalƣan tɵt hadiƣa esip ⱪoyƣin. Bu hadilar altun bilǝn ⱪaplansun, ⱨǝrbirining altun ilmiki bolsun; hadilar kümüxtin yasalƣan tɵt tǝglikkǝ ornitilsun.
پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى ئىلمەكلەرگە ئېسىلىپ ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن؛ ئاندىن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى شۇ يەرگە كەلتۈرۈپ، پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن پەردە سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئايرىما پەردە بولسۇن. | 33 |
Pǝrdǝ qedir yopuⱪidiki ilmǝklǝrgǝ esilip sanggilitip ⱪoyulsun; andin ⱨɵküm-guwaⱨliⱪ sanduⱪini xu yǝrgǝ kǝltürüp, pǝrdining iqigǝ elip kirgin. Xuning bilǝn pǝrdǝ silǝr üqün muⱪǝddǝs jay bilǝn ǝng muⱪǝddǝs jayning otturisidiki bir ayrima pǝrdǝ bolsun.
ئاندىن سەن «كافارەت تەختى»نى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغىن. | 34 |
Andin sǝn «kafarǝt tǝhti»ni ǝng muⱪǝddǝs jaydiki ⱨɵküm-guwaⱨliⱪ sanduⱪining üstigǝ ⱪoyƣin.
شىرە بولسا پەردىنىڭ تېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن؛ چىراغداننى شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا، چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويغىن؛ شىرەنى شىمال تەرىپىگە قويغىن. | 35 |
Xirǝ bolsa pǝrdining texiƣa orunlaxturulsun; qiraƣdanni xirǝning uduliƣa, qedirning jǝnub tǝripigǝ ⱪoyƣin; xirǝni ximal tǝripigǝ ⱪoyƣin.
بۇنىڭدىن باشقا سەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇ كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. | 36 |
Buningdin baxⱪa sǝn qedirning kirix eƣiziƣa nepiz toⱪulƣan aⱪ kanap rǝhtkǝ kɵk, sɵsün wǝ ⱪizil yiplar arilaxturulup ixlǝngǝn bir pǝrdǝ yasiƣin; u kǝxtiqi tǝripidin kǝxtilǝnsun.
بۇ پەردە ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش خادا ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە بەش دانە تەگلىكنى مىستىن قۇيۇپ تەييارلاتقىن. | 37 |
Bu pǝrdǝ üqün akatsiyǝ yaƣiqidin bǝx hada yasap, ularni altun bilǝn ⱪapliƣin; ⱨǝrbirining altun ilmiki bolsun; ularning tegigǝ bǝx danǝ tǝglikni mistin ⱪuyup tǝyyarlatⱪin.