< مىسىردىن چىقىش 25 >
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
耶和华晓谕摩西说:
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار ماڭا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كەلتۈرسۇن؛ كىمنىڭ كۆڭلى ھەدىيە سۇنۇشقا خۇش بولسا، ئۇنىڭدىن ماڭا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار. | 2 |
“你告诉以色列人当为我送礼物来;凡甘心乐意的,你们就可以收下归我。
سىلەر ئۇلاردىن تاپشۇرۇۋالىدىغان كۆتۈرمە ھەدىيە: ــ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، | 3 |
所要收的礼物:就是金、银、铜,
كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل رەڭلىك يىپ، كاناپ رەخت، تىۋىت، | 4 |
蓝色、紫色、朱红色线,细麻,山羊毛,
قىزىل بويالغان قوچقارنىڭ تېرىلىرى، دېلفىننىڭ تېرىلىرى، ئاكاتسىيە ياغىچى، | 5 |
染红的公羊皮,海狗皮,皂荚木,
چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، | 6 |
点灯的油并做膏油和香的香料,
ئەفود بىلەن «قوشېن»غا ئورنىتىلىدىغان ئاق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن. | 7 |
红玛瑙与别样的宝石,可以镶嵌在以弗得和胸牌上。
مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن [شۇلاردىن] ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن. | 8 |
又当为我造圣所,使我可以住在他们中间。
ئۇنى مەن ساڭا بارلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىمغا ئاساسەن، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسى ۋە بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرىنىڭ نۇسخىسىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساڭلار. | 9 |
制造帐幕和其中的一切器具都要照我所指示你的样式。”
ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. | 10 |
“要用皂荚木做一柜,长二肘半,宽一肘半,高一肘半。
سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ئىچى ۋە سىرتىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. | 11 |
要里外包上精金,四围镶上金牙边。
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، تۆت چېتىقىغا بېكىتكىن. بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بولسۇن. | 12 |
也要铸四个金环,安在柜的四脚上;这边两环,那边两环。
سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ | 13 |
要用皂荚木做两根杠,用金包裹。
ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىن. | 14 |
要把杠穿在柜旁的环内,以便抬柜。
بالداقلار ھەمىشە ساندۇقتىكى ھالقىدا تۇرسۇن؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن. | 15 |
这杠要常在柜的环内,不可抽出来。
مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇققا قويغىن. | 16 |
必将我所要赐给你的法版放在柜里。
ساندۇقنىڭ [ياپقۇچى سۈپىتىدە] سەن ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىغىن. | 17 |
要用精金做施恩座,长二肘半,宽一肘半。
ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن. | 18 |
要用金子锤出两个基路伯来,安在施恩座的两头。
بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. | 19 |
这头做一个基路伯,那头做一个基路伯,二基路伯要接连一块,在施恩座的两头。
كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلسۇن. | 20 |
二基路伯要高张翅膀,遮掩施恩座。基路伯要脸对脸,朝着施恩座。
سەن كافارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. | 21 |
要将施恩座安在柜的上边,又将我所要赐给你的法版放在柜里。
مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن. | 22 |
我要在那里与你相会,又要从法柜施恩座上二基路伯中间,和你说我所要吩咐你传给以色列人的一切事。”
ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن. | 23 |
“要用皂荚木做一张桌子,长二肘,宽一肘,高一肘半。
ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. | 24 |
要包上精金,四围镶上金牙边。
سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىغىن؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقار. | 25 |
桌子的四围各做一掌宽的横梁,横梁上镶着金牙边。
سەن ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتقىن. | 26 |
要做四个金环,安在桌子的四角上,就是桌子四脚上的四角。
شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلسۇن. | 27 |
安环子的地方要挨近横梁,可以穿杠抬桌子。
بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ شىرە ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرىلىدۇ. | 28 |
要用皂荚木做两根杠,用金包裹,以便抬桌子。
شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە «شاراب ھەدىيەلىرى»نى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن. | 29 |
要做桌子上的盘子、调羹,并奠酒的爵和瓶;这都要用精金制作。
مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇشقا سەن شىرەگە ھەمىشە «تەقدىم نان»نى قويغىن. | 30 |
又要在桌子上,在我面前,常摆陈设饼。”
سەن ھەم ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىغىن. ئۇ چىراغدان سوقۇپ ياسالسۇن؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى پۈتۈن بىر ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. | 31 |
“要用精金做一个灯台。灯台的座和干与杯、球、花,都要接连一块锤出来。
چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، چىراغداننىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلسۇن؛ | 32 |
灯台两旁要杈出六个枝子:这旁三个,那旁三个。
بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. | 33 |
这旁每枝上有三个杯,形状像杏花,有球,有花;那旁每枝上也有三个杯,形状像杏花,有球,有花。从灯台杈出来的六个枝子都是如此。
چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلسۇن. | 34 |
灯台上有四个杯,形状像杏花,有球,有花。
بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە بولسۇن؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن. | 35 |
灯台每两个枝子以下有球与枝子接连一块。灯台出的六个枝子都是如此。
ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن. | 36 |
球和枝子要接连一块,都是一块精金锤出来的。
سەن چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى ياسىغىن؛ چىراغلار ئۇدۇلغا يورۇق چۈشۈرەلىشى ئۈچۈن ئۈستى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن. | 37 |
要做灯台的七个灯盏。祭司要点这灯,使灯光对照。
ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. | 38 |
灯台的蜡剪和蜡花盘也是要精金的。
چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. | 39 |
做灯台和这一切的器具要用精金一他连得。
ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە بۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ياسىغىن. | 40 |
要谨慎做这些物件,都要照着在山上指示你的样式。”