< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 24 >

ئۇ مۇساغا يەنە: ــ «سەن بېرىپ، ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ھارۇن، ناداب، ئابىھۇنى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىدىن يەتمىش ئادەمنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، يىراقتا تۇرۇپ سەجدە قىلىڭلار. 1
И рече Мојсију: Изађи горе ка Господу ти и Арон и Надав и Авијуд и седамдесет старешина Израиљевих, и поклоните се издалека.
پەقەت مۇسالا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىن كەلسۇن؛ باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن، خەلق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستىگە چىقمىسۇن، ــ دېدى. 2
И Мојсије сам нека приступи ка Господу, а они нека не приступе; и народ нека не иде на горе с њим.
مۇسا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق سۆزلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنى خالايىققا دەپ بەردى؛ پۈتكۈل خالايىق بىر ئاۋازدا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 3
И дође Мојсије, и каза народу све речи Господње и све законе. И одговори народ једним гласом и рекоше: Чинићемо све што је рекао Господ.
ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزىنى خاتىرىلىۋېلىپ، ئەتىسى سەھەر قوپۇپ تاغنىڭ تۈۋىدە بىر قۇربانگاھنى ياساپ، شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاش تۈۋرۈكنى تىكلىدى. 4
И написа Мојсије све речи Господње, и уставши рано начини олтар под гором и дванаест ступова за дванаест племена Израиљевих.
يەنە ئىسرائىللارنىڭ بىرنەچچە يىگىتلىرىنى ئەۋەتتى، ئۇلار بېرىپ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇندى، ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىرنەچچە تورپاقنىمۇ سويۇپ سۇندى. 5
И посла младиће између синова Израиљевих, који принесоше жртве паљенице и принесоше теоце на жртве захвалне Господу.
ئاندىن مۇسا قاننىڭ يېرىمىنى قاچىلارغا قاچىلىدى، يەنە يېرىمىنى قۇربانگاھ ئۈستىگە چاچتى. 6
И узевши Мојсије половину крви, метну у зделе, а половину крви изли на олтар.
ئاندىن ئۇ ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە ئوقۇپ بەردى. ئۇلار جاۋابەن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سېلىپ، ئىتائەت قىلىمىز! ــ دېيىشتى. 7
И узе књигу заветну и прочита народу. А они рекоше: Шта је год рекао Господ чинићемо и слушаћемо.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قاچىلاردىكى قاننى ئېلىپ، خەلققە سېپىپ: ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن سىلەر بىلەن باغلىغان ئەھدىنىڭ قېنىدۇر، دېدى. 8
А Мојсије узе крв, и покропи њом народ, и рече: Ево крв завета, који учини Господ с вама за све речи ове.
ئاندىن كېيىن مۇسا ۋە ھارۇن، ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش ئادەم بىلەن بىللە تاغ ئۈستىگە چىقىشتى. 9
Потом отиде горе Мојсије и Арон, Надав и Авијуд, и седамдесет старешина Израиљевих.
ئۇلار شۇ يەردە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنى كۆردى؛ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا خۇددى كۆك ياقۇتتىن ياسالغان نەپىس پاياندازدەك، ئاسمان گۈمبىزىدەك سۈپسۈزۈك بىر جىسىم بار ئىدى. 10
И видеше Бога Израиљевог, и под ногама Његовим као дело од камена сафира и као небо кад је ведро.
لېكىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مۆتىۋەرلىرىگە قول تەگكۈزمىدى؛ ئۇلار خۇدانى كۆرۈپ تۇردى ھەمدە يەپ-ئىچىشتى. 11
И не пружи руке своје на изабране између синова Израиљевих, него видеше Бога, па једоше и пише.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ تاغ ئۈستىگە، قېشىمغا چىقىپ شۇ يەردە تۇرغىن. ساڭا ئۇلارغا ئۆگىتىشكە تاش تاختايلارنى، يەنى مەن يېزىپ قويغان قانۇن-ئەمرنى بېرىمەن، دېدى. 12
И рече Господ Мојсију: Попни се к мени на гору, и остани овде, и даћу ти плоче од камена, закон и заповести, које сам написао да их учиш.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قوپۇپ، ياردەمچىسى يەشۇئانى ئېلىپ ماڭدى. مۇسا خۇدانىڭ تېغىغا چىقتى. 13
Тада уста Мојсије с Исусом, који га служаше, и изађе Мојсије на гору Божију.
ئۇ ئاۋۋال ئاقساقاللارغا: بىز يېنىپ كەلگۈچە مۇشۇ يەردە بىزنى ساقلاپ تۇرۇڭلار. مانا، ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ؛ ئەگەر بىرسىنىڭ ئىش-دەۋاسى چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسۇن، ــ دېدى. 14
А старешинама рече: Седите ту док се вратимо к вама; а ето Арон и Ор с вама; ко би имао шта, нека иде к њима.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا تاغنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە تاغنى بۇلۇت قاپلىدى. 15
И отиде Мојсије на гору, а облак покри гору.
پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى سىناي تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى؛ بۇلۇت ئۇنى ئالتە كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى؛ يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسانى چاقىردى؛ 16
И беше слава Господња на гори Синајској, и облак је покриваше шест дана; а у седми дан викну Мојсија испред облака.
پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسىنىڭ قىياپىتى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا تاغنىڭ چوققىسىدا ھەممىنى يۇتقۇچى ئوتتەك كۆرۈندى. 17
И слава Господња беше по виђењу као огањ који сажиже на врх горе пред синовима Израиљевим.
مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتتى. مۇسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاغدا تۇردى. 18
И Мојсије уђе усред облака, и попе се на гору; и оста Мојсије на гори четрдесет дана и четрдесет ноћи.

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 24 >