< مىسىردىن چىقىش 23 >
يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن. | 1 |
Yalghan gepni yaymighin we ya yalghan guwahliq bérip rezil ademge yan basmighin.
توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما. | 2 |
Topqa egiship rezil ishta bolma yaki dewa-desturlarda guwahliq bergende topqa egiship heqiqetni burmilima.
كەمبەغەل دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا يان باسما. | 3 |
Kembeghel dewa qilsa, uninggha yan basma.
دۈشمىنىڭنىڭ كالا يا ئېشىكى ئېزىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئىگىسىگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بەر. | 4 |
Düshminingning kala ya éshiki ézip kétip, sanga uchrap qalsa, uni élip kélip, igisige choqum tapshurup ber.
ئەگەر ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يۈكنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلىماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ زۆرۈر. | 5 |
Eger sanga öch bolghanning éshiki yükni kötürelmey yükning astida yatqinini körseng, uni yardemsiz tashlimay, belki uninggha yardemliship éshikini qopurushup bérishing zörür.
ئاراڭدىكى كەمبەغەلنىڭ دەۋاسىدا ئادالەتنى بۇرمىلىما. | 6 |
Arangdiki kembeghelning dewasida adaletni burmilima.
ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن. | 7 |
Herqandaq saxta ishtin özüngni néri tart; bigunah adem bilen heqqaniy ademni öltürmigin; chünki Men rezil ademni hergiz adil dep aqlimaymen.
شۇنىڭدەك ھېچقانداق پارا يېمە؛ چۈنكى پارا كۆزى ئوچۇقلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ. | 8 |
Shuningdek héchqandaq para yéme; chünki para közi ochuqlarni kor qilip, heqqaniylarning sözlirini burmilaydu.
مۇساپىر كىشىلەرگە زۇلۇم قىلما؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، مۇساپىرنىڭ روھىي ھالىنى بىلىسىلەر. | 9 |
Musapir kishilerge zulum qilma; chünki özünglar Misir zéminida musapir bolup turghan bolghachqa, musapirning rohiy halini bilisiler.
ئالتە يىل ئۆز يېرىڭنى تېرىپ، ھوسۇللىرىنى ئال. | 10 |
Alte yil öz yéringni térip, hosullirini al.
لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛ خەلقىڭنىڭ نامراتلىرى ئۇنىڭدىن يىغىپ يېسۇن، ئۇلاردىن ئاشقىنىنى جاڭگالدىكى ھايۋانلار يېسۇن؛ شۇنداقلا ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنزارلىقىڭنىمۇ شۇنداق قىلغىن. | 11 |
Lékin yettinchi yili yerge aram bérip uni bosh qoy; xelqingning namratliri uningdin yighip yésun, ulardin ashqinini janggaldiki haywanlar yésun; shundaqla üzümzarliqing bilen zeytunzarliqingnimu shundaq qilghin.
ئالتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىشىڭنى ئادا قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن كالا-ئېشەكلىرىڭ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى بىلەن مۇساپىر كىشىمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ. | 12 |
Alte kün ichide öz ishingni ada qilip, yettinchi küni aram élishing zörür. Buning bilen kala-éshekliring aram tapidu, dédikingning oghli bilen musapir kishimu harduqini chiqiridu.
مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل؛ باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئالما؛ بۇلار ھەتتا ئاغزىڭغىمۇ چىقمىسۇن. | 13 |
Men sanga éytqinimning hemmisini köngül bölüp ada qil; bashqa ilahlarning namini tilinggha alma; bular hetta aghzingghimu chiqmisun.
ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىن. | 14 |
Her yilda üch qétim méning üchün héyt ötküzgin.
ئالدى بىلەن «پېتىر نان ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدىكى بېكىتىلگەن كۈنلەردە يەتتە كۈن پېتىر نان يېگىن؛ چۈنكى شۇ ئايدا سەن مىسىردىن چىققانىدىڭ. شۇ ھېيتتا ھېچكىشى ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن. | 15 |
Aldi bilen «pétir nan héyti»ni ötküz; sanga emr qilghinimdek Abib éyidiki békitilgen künlerde yette kün pétir nan yégin; chünki shu ayda sen Misirdin chiqqaniding. Shu héytta héchkishi aldimgha quruq qol kelmisun.
سەن ئەجىر قىلىپ تېرىغان ئېتىزدىكى زىرائىتىڭنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا «ئورما ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ شۇنداقلا سەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ يەردىن ئاخىرقى ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭنى يىل ئاخىرىدا يىغقاندا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈز. | 16 |
Sen ejir qilip térighan étizdiki ziraitingning tunji hosulini orghanda «orma héyti»ni ötküz; shundaqla sen ejir singdürüp yerdin axirqi hosul-mehsulatliringni yil axirida yighqanda «hosul yighish héyti»ni ötküz.
يىلدا ئۈچ قېتىم ئەركەكلىرىڭنىڭ ھەممىسى رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولسۇن. | 17 |
Yilda üch qétim erkekliringning hemmisi Reb Perwerdigarning huzurigha hazir bolsun.
سەن ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن سۇنمىغىن؛ ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى بولسا كېچىچە قوندۇرۇپ ئەتىگىچىگە ساقلىما. | 18 |
Sen manga atalghan qurbanliqning qénini xémirturuch sélin’ghan nan bilen sunmighin; héyt qurbanliqining yéghini bolsa kéchiche qondurup etigichige saqlima.
زېمىنىڭدىكى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ ئەڭ ياخشسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەل. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما. | 19 |
Zéminingdiki deslepki hosulning eng yaxshsini Perwerdigar Xudayingning öyige élip kel. Oghlaqni anisining sütide qaynitip pishurma.
مانا، مەن بىر پەرىشتىنى يولدا سېنى قوغداپ، مەن ساڭا تەييارلىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. | 20 |
Mana, Men bir Perishtini yolda séni qoghdap, Men sanga teyyarlighan yerge élip barsun dep, aldingda yürüshke ewetimen.
سەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال. ئۇنىڭ زىتىغا تەگمە؛ بولمىسا، ئۇ ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى كەچۈرمەيدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدىدۇر. | 21 |
Sen uning aldida özüngge agah bol, uning awazigha qulaq sal. Uning zitigha tegme; bolmisa, u itaetsizlikliringni kechürmeydu; chünki Méning namim uningdidur.
لېكىن ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، مەن دۈشمەنلىرىڭگە دۈشمەن، كۈشەندىلىرىڭگە كۈشەندە بولىمەن. | 22 |
Lékin eger sen uning awazigha qulaq sélip, Méning barliq buyrughanlirimgha emel qilsang, Men düshmenliringge düshmen, küshendiliringge küshende bolimen.
چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يۈرۈپ، سېنى ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىي، قانائانىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. | 23 |
Chünki Méning Perishtem aldingda yürüp, séni Amoriy, Hittiy, Perizziy, Qanaaniy, Hiwiy we Yebusiylarning zéminigha bashlap kiridu; Men ularni yoqitimen.
سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئۇرۇپ ئىبادەت قىلما ۋە ياكى ئۇلار قىلغاندەك قىلما؛ بەلكى ئۇلارنىڭ [بۇتلىرىنى] ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل كۇكۇم-تالغان قىلىۋەت؛ | 24 |
Sen ularning ilahlirigha bash urup ibadet qilma we yaki ular qilghandek qilma; belki ularning [butlirini] üzül-késil chéqiwet, but tüwrüklirini üzül-késil kukum-talghan qiliwet;
لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ؛ مەن بارلىق كېسەللىكنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن. | 25 |
Lékin Xudayinglar Perwerdigarning ibaditide bolunglar. Shundaq qilsanglar U nan bilen süyünglarni beriketleydu; Men barliq késellikni aranglardin chiqirip tashlaymen.
بۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ھېچبىر ئايال ياكى چارپاي بولمايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ كۈنلىرىنى تولۇق قىلىمەن. | 26 |
Buning bilen zéminingda boyidin ajrap kétidighan yaki tughmas héchbir ayal yaki charpay bolmaydu; ömrüngning künlirini toluq qilimen.
مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ۋەھىمىمنى ئەۋەتىمەن، قايسى تائىپىگە يېقىنلاشساڭ شۇلارنى پاراكەندە قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە دۈشمەنلىرىڭنى كەينىگە ياندۇرۇپ قاچۇرىمەن. | 27 |
Men séning aldingda wehimimni ewetimen, qaysi taipige yéqinlashsang shularni parakende qilimen; shuning bilen hemme düshmenliringni keynige yandurup qachurimen.
ھىۋىيلار، قانائانىيلار ۋە ھىتتىيلارنى ئالدىڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە سېرىق ھەرىلەرنى ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. | 28 |
Hiwiylar, Qanaaniylar we hittiylarni aldingdin qoghlap chiqiriwétishke sériq herilerni aldingda yürüshke ewetimen.
ئەمما زېمىننىڭ خارابىلىشىپ، دالادا ۋەھشىي ھايۋانلار ئاۋۇپ ساڭا خەۋپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن بىر يىلغىچە ھەيدىۋەتمەيمەن، | 29 |
Emma zéminning Xarabiliship, dalada wehshiy haywanlar awup sanga xewp bolup qalmasliqi üchün, shu ellerni aldingdin bir yilghiche heydiwetmeymen,
بەلكى سەن ئاۋۇپ، زېمىننى [پۈتۈنلەي] مىراس قىلىپ بولغۇچە، ئاز-ئازدىن ھەيدەپ تۇرىمەن. | 30 |
Belki sen awup, zéminni [pütünley] miras qilip bolghuche, az-azdin heydep turimen.
سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگرىلىرىنى قىزىل دېڭىزدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزىغىچە، شۇنىڭدەك چۆلدىن تارتىپ [ئەفرات] دەرياسىغىچە بېكىتىمەن؛ چۈنكى زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ھەيدىۋېتىپ يېرىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. | 31 |
Séning zéminingning chégrilirini Qizil Déngizdin tartip Filistiylerning déngizighiche, shuningdek chöldin tartip [Efrat] deryasighiche békitimen; chünki zéminda turuwatqanlarni heydiwétip yérini igilishing üchün, ularni qolunggha tapshurimen.
سەن ئۇلار بىلەن ۋە ياكى ئىلاھلىرى بىلەن ھېچقانداق بىر ئەھدە تۈزمە. | 32 |
Sen ular bilen we yaki ilahliri bilen héchqandaq bir ehde tüzme.
ئۇلارنىڭ سېنى ئالدىمدا گۇناھقا پاتقۇزماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى زېمىنىڭدا قەتئىي تۇرغۇزما. چۈنكى مۇبادا سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولساڭ، بۇ ئىش ساڭا تۇزاق بولىدۇ. | 33 |
Ularning séni aldimda gunahqa patquzmasliqi üchün ularni zéminingda qet’iy turghuzma. Chünki mubada sen ularning ilahlirining ibaditide bolsang, bu ish sanga tuzaq bolidu.