< مىسىردىن چىقىش 22 >
ئەگەر بىرسى بىر كالا ياكى قوينى ئوغرىلاپ، ئۇنى سويسا يا سېتىۋەتسە، ئۇ بىر كالىنىڭ ئورنىغا بەش كالا، بىر قوينىڭ ئورنىغا تۆت قوي تۆلىسۇن. | 1 |
If any man steal an ox or a sheep, and kill or sell it: he shall restore five oxen for one ox, and four sheep for one sheep.
ئوغرى تام تەشكەندە تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاياق يەپ ئۆلۈپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچىگە خۇن جازاسى كەلمىسۇن. | 2 |
If a thief be found breaking open a house or undermining it, and be wounded so as to die: he that slew him shall not be guilty of blood.
لېكىن شۇ ۋەقە بولغان پەيتتە كۈن چىقىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆلتۈرگۈچى خۇن جازاسىغا تارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغىنىنى تۆلەپ زىياننى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدا بىر نېمە بولمىسا، قۇللۇققا سېتىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى تۆلىشى كېرەك. | 3 |
But if he did this when the sun is risen, he hath committed murder, and he shall die. If he have not wherewith to make restitution for the theft, he shall be sold.
ئوغرى تۇتۇلغاندا ئوغرىلىغان نەرسە، كالا بولسۇن، ئېشەك بولسۇن، قوي بولسۇن ئۇنىڭ قولىدا تىرىك ھالەتتە تېپىلسا، ئۇ ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. | 4 |
If that which he stole be found with him, alive, either ox, or ass, or sheep: he shall restore double.
ئەگەر بىرسى ئۆز مال-چارۋىلىرىنى ئېتىزلىققا ياكى ئۈزۈمزارلىققا ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، باشقىلارنىڭ باغ-ئېتىزلىقىدا ئوتلاشقا يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل مەھسۇلاتلىرىدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل مېۋىسىدىن زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. | 5 |
If any man hurt a field or a vineyard, and put in his beast to feed upon that which is other men’s: he shall restore the best of whatsoever he hath in his own field, or in his vineyard, according to the estimation of the damage.
ئەگەر ئوت كېتىپ، تىكەنلىككە تۇتىشىپ كېتىپ، ئاندىن ئۆنچىلەرنى، باش تارتىپ پىشقان زىرائەتنى كۆيدۈرۈپ، پۈتكۈل ئېتىزلىقنى كۈل قىلىۋەتسە، ئۇنداقتا ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. | 6 |
If a fire breaking out light upon thorns, and catch stacks of corn, or corn standing in the fields, he that kindled the fire shall make good the loss.
ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا پۇل ياكى مال-دۇنياسىنى ئامانەت قىلغان بولسا، بۇلار ئۆيىدىن ئوغرىلىنىپ كەتسە، شۇنداقلا ئوغرى كېيىن تۇتۇلسا، ئۇ ئوغرىلىغىنىنى ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. | 7 |
If a man deliver money, or any vessel unto his friend to keep, and they be stolen away from him that received them: if the thief be found he shall restore double:
لېكىن ئوغرى تېپىلمىسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن. | 8 |
If the thief be not known, the master of the house shall be brought to the gods, and shall swear that he did not lay his hand upon his neighbour’s goods,
ھەرخىل خىيانەت، ئۇ مەيلى كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك بولسۇن، يىتتۈرۈپ قويغان نەرسە بولسۇن، ئۇلار توغرۇلۇق بىر قوشنىسى: «ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىدى» دەپ تالاشقان بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ دەۋاسى ھاكىملارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلسۇن؛ ھاكىملار قايسىغا گۇناھ بېكىتسە، شۇ قوشنىسىغا ئىككى ھەسسە قىممەتتە تۆلەپ بەرسۇن. | 9 |
To do any fraud, either in ox, or in ass, or sheep, or raiment, or any thing that may bring damage: the cause of both parties shall come to the gods: and if they give judgment, he shall restore double to his neighbour.
ئەگەر بىرسى قوشنىسىغا ئېشەك، كالا، قوي ياكى باشقا بىر چارپاينى ئامانەت قىلسا، بۇ ئامانەت مېلى كىشى كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ياكى زەخىملەنسە، ياكى ھەيدەپ ئەكىتىلسە، | 10 |
If a man deliver ass, ox, sheep, or any beast, to his neighbour’s custody, and it die, or be hurt, or be taken by enemies, and no man saw it:
ئۇنداقتا قوشنىسىنىڭ مېلىغا قول تەگكۈزگەن يا تەگكۈزمىگەنلىكى مەلۇم بولسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قەسەم ئىچۈرۈلسۇن. مال ئىگىسى بۇ قەسەمنى قوبۇل قىلسۇن؛ قوشنىسى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەپ بەرمىسۇن. | 11 |
There shall be an oath between them, that he did not put forth his hand to his neighbour’s goods: and the owner shall accept of the oath; and he shall not be compelled to make restitution.
لېكىن مال ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. | 12 |
But if it were taken away by stealth, he shall make the loss good to the owner.
ئەگەر ئۇنى ۋەھشىي ھايۋان بوغۇپ قويغان بولسا، ئۇ مالنىڭ قالدۇقىنى گۇۋاھلىق ئۈچۈن كۆرسىتىپ، ئۇنى تۆلەپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ. | 13 |
If it were eaten by a beast, let him bring to him that which was slain, and he shall not make restitution.
ئەگەر بىرسى قوشنىسىدىن بىر ئۇلاغنى ئۆتنە ئېلىپ، ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنسە ياكى ئۆلۈپ قالسا، ئۆتنە ئالغۇچى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن. | 14 |
If a man borrow of his neighbour any of these things, and it be hurt or die, the owner not being present, he shall be obliged to make restitution.
لېكىن ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، ئۆتنە ئالغۇچى تۆلەپ بەرمىسۇن؛ ئۇلاغ ئىجارىگە ئېلىنغان بولسا، ئالغۇچى تۆلەم تۆلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنى ئىجارە تۆلەپ ئەكەلگەن. | 15 |
But if the owner be present, he shall not make restitution, especially if it were hired and came for the hire of his work.
ئەگەر بىر ئادەم تېخى ياتلىق بولمىغان بىر قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ تويلۇقىنى بېرىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالسۇن. | 16 |
If a man seduce a virgin not yet espoused, and lie with her: he shall endow her, and have her to wife.
لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئۇنىڭغا بەرگىلى ئۇنىمىسا، زىنا قىلغۇچى پاك قىزلارنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان كۈمۈش پۇلنى تارازىدا ئۆلچەپ بەرسۇن. | 17 |
If the maid’s father will not give her to him, he shall give money according to the dowry, which virgins are wont to receive.
جادۇگەر خوتۇننى تىرىك قويمىغىن. | 18 |
Wizards thou shalt not suffer to live.
ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھەربىرى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. | 19 |
Whosoever copulateth with a beast shall be put to death.
كىمدەكىم بىردىنبىر پەرۋەردىگاردىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھغا قۇربانلىق سۇنسا، ھارام دەپ مۇتلەق ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنسۇن. | 20 |
He that sacrificeth to gods, shall be put to death, save only to the Lord.
سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانىكەنسىلەر، مۇساپىر بولغان كىشىنى ھېچ خارلىماڭلار ۋە ياكى ئۇنىڭغا ھېچ زۇلۇم قىلماڭلار. | 21 |
Thou shalt not molest a stranger, nor afflict him: for yourselves also were strangers in the land of Egypt.
ھەرقانداق تۇل خوتۇن ياكى يېتىم بالىنى خورلىماڭلار. | 22 |
You shall not hurt a widow or an orphan.
سەن ئۇلارنى ھەرقانداق تەرەپتە خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى چوقۇم ئاڭلايمەن؛ | 23 |
If you hurt them they will cry out to me, and I will hear their cry:
شۇنىڭ بىلەن غەزىپىم تۇتىشىپ، سىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ خوتۇنلىرىڭلار تۇل قىلىنىپ، بالىلىرىڭلار يېتىم بولۇپ قالىدۇ. | 24 |
And my rage shall be enkindled, and I will strike you with the sword, and your wives shall be widows, and your children fatherless.
ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئىچىدىن ساڭا قوشنا بولغان كەمبەغەلگە قەرز بەرگەن بولساڭ، ئۇنىڭغا جازانىخورلاردەك مۇئامىلە قىلمىغىن؛ ئۇنىڭدىن ئۆسۈم ئالماڭلار. | 25 |
If thou lend money to any of my people that is poor, that dwelleth with thee, thou shalt not be hard upon them as an extortioner, nor oppress them with usuries.
ئەگەر سەن قوشناڭنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن ئولتۇرماستا ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەر. | 26 |
If thou take of thy neighbour a garment in pledge, thou shalt give it him again before sunset.
چۈنكى چاپىنى ئۇنىڭ بىردىنبىر يېپىنچىسى بولۇپ، بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىم شۇدۇر. ئۇ بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنىپ ياتىدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ماڭا پەرياد قىلسا، پەريادىنى ئاڭلايمەن؛ چۈنكى مەن شەپقەتلىكتۇرمەن. | 27 |
For that same is the only thing wherewith he is covered, the clothing of his body, neither hath he any other to sleep in: if he cry to me, I will hear him, because I am compassionate.
خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلما، ۋە خەلقىڭنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ قارغاپ تىللىما. | 28 |
Thou shalt not speak ill of the gods, and the prince of thy people thou shalt not curse.
خامىنىڭنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئاشقىنىدىن ۋە شاراب-زەيتۇن مېيى كۆلچىكىڭدىن تاشقىنىدىن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى ھايال قىلمىغىن. سەن ئوغۇللىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ماڭا ئاتىغىن. | 29 |
Thou shalt not delay to pay thy tithes and thy firstfruits: thou shalt give the firstborn of thy sons to me.
كالا بىلەن قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ ھەم شۇنداق ئاتىغىن؛ تۇنجى بالا يەتتە كۈنگىچە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرسۇن؛ ئەمما سەككىزىنچى كۈنى ئۇنى ماڭا ئاتاپ سۇنغىن. | 30 |
Thou shalt do the same with the firstborn of thy oxen also and sheep: seven days let it be with its dam, the eighth day thou shalt give it to me.
سىلەر ماڭا ئاتالغان مۇقەددەس كىشىلەر بولىسىلەر؛ شۇڭا دالادا يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن بوغۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىڭلار. | 31 |
You shall be holy men to me: the flesh that beasts have tasted of before, you shall not eat, but shall cast it to the dogs.