< مىسىردىن چىقىش 20 >
خۇدا مۇنۇ بارلىق سۆزلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Kaj Dio diris ĉiujn sekvantajn vortojn:
مەن سېنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن. | 2 |
Mi estas la Eternulo, via Dio, kiu elkondukis vin el la lando Egipta, el la domo de sklaveco.
سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ. | 3 |
Ne ekzistu ĉe vi aliaj dioj antaŭ Mi.
سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما. | 4 |
Ne faru al vi idolon, nek bildon de io, kio estas en la ĉielo supre aŭ sur la tero malsupre aŭ en la akvo sub la tero;
سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن، | 5 |
ne kliniĝu antaŭ ili kaj ne servu ilin; ĉar Mi, la Eternulo, via Dio, estas Dio severa, kiu la malbonagon de la patroj punas sur la idoj en la tria kaj kvara generacioj ĉe Miaj malamantoj,
ئەمما مېنى سۆيىدىغان ۋە ئەمرلىرىمنى تۇتىدىغانلارغا مىڭ ئەۋلادىغىچە ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. | 6 |
kaj kiu faras favorkoraĵon por miloj al Miaj amantoj kaj al la plenumantoj de Miaj ordonoj.
پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالما؛ چۈنكى كىمدەكىم نامىنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، پەرۋەردىگار ئۇنى گۇناھكار ھېسابلىماي قالمايدۇ. | 7 |
Ne malbonuzu la nomon de la Eternulo, via Dio; ĉar la Eternulo ne lasos senpuna tiun, kiu malbonuzas Lian nomon.
شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇتقىلى يادىڭدا ساقلىغىن. | 8 |
Memoru pri la tago sabata, ke vi tenu ĝin sankta.
ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛ | 9 |
Dum ses tagoj laboru kaj faru ĉiujn viajn aferojn;
لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان شابات كۈنىدۇر؛ سەن شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلمايسەن؛ مەيلى سەن ياكى ئوغلۇڭ بولسۇن، مەيلى قىزىڭ، مەيلى قۇلۇڭ، مەيلى دېدىكىڭ، مەيلى بۇقاڭ ياكى سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. | 10 |
sed la sepa tago estas sabato de la Eternulo, via Dio; faru nenian laboron, nek vi, nek via filo, nek via filino, nek via sklavo, nek via sklavino, nek via bruto, nek via fremdulo, kiu estas inter viaj pordegoj;
چۈنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەرۋەردىگار ئاسمان بىلەن زېمىننى، دېڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارىنى ياراتتى ئاندىن يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار شابات كۈنىنى بەخت-بەرىكەتلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى مۇقەددەس كۈن دەپ بېكىتتى. | 11 |
ĉar dum ses tagoj la Eternulo kreis la ĉielon kaj la teron, la maron, kaj ĉion, kio estas en ili, sed en la sepa tago Li ripozis. Tial la Eternulo benis la tagon sabatan kaj sanktigis ĝin.
ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. | 12 |
Respektu vian patron kaj vian patrinon, por ke longe daŭru via vivo sur la tero, kiun la Eternulo, via Dio, donas al vi.
قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. | 16 |
Ne parolu kontraŭ via proksimulo malveran ateston.
سەن قوشناڭنىڭ ئۆي-ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما. | 17 |
Ne deziru la domon de via proksimulo; ne deziru la edzinon de via proksimulo, nek lian sklavon, nek lian sklavinon, nek lian bovon, nek lian azenon, nek ion, kio apartenas al via proksimulo.
پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى | 18 |
Kaj la tuta popolo vidis la tondrojn kaj la fulmojn kaj la sonadon de la korno kaj la fumiĝadon de la monto; kaj la popolo vidis, kaj retiriĝis kun teruro kaj stariĝis malproksime.
ۋە مۇساغا: ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى. | 19 |
Kaj ili diris al Moseo: Parolu vi kun ni, kaj ni aŭskultos, sed Dio ne parolu kun ni, por ke ni ne mortu.
مۇسا خالايىققا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار؛ چۈنكى خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، يەنى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، ــ دېدى. | 20 |
Kaj Moseo diris al la popolo: Ne timu; ĉar por vin elprovi venis Dio, kaj por ke la timo antaŭ Li estu antaŭ via vizaĝo, por ke vi ne peku.
شۇنىڭ بىلەن خالايىق نېرىدا تۇردى؛ لېكىن مۇسا خۇدا ئىچىدە تۇرغان قويۇق بۇلۇتنىڭ قېشىغا يېقىن باردى. | 21 |
Kaj la popolo staris malproksime; sed Moseo alproksimiĝis al la mallumo, kie estis Dio.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ئەرشتىن سۆز قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار. | 22 |
Kaj la Eternulo diris al Moseo: Tiel diru al la Izraelidoj: Vi vidis, kiel Mi parolis kun vi el la ĉielo.
سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا ئىلاھ دەپ كۈمۈشتىن بۇتلار ياسىماڭلار، ياكى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالتۇندىن بۇتلارنى ياسىماڭلار. | 23 |
Ne faru antaŭ Mi diojn arĝentajn, kaj diojn orajn ne faru al vi.
ــ سەن مەن ئۈچۈن تۇپراقتىن بىر قۇربانگاھ ياساپ، شۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭنى، قوي-ئۆچكە بىلەن كالىلىرىڭنى سۇنغىن. ئومۇمەن مەن خەلققە نامىمنى [ھۆرمەت بىلەن] ئەسلىتىدىغان بارلىق جايلاردا، يېنىڭغا كېلىپ ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. | 24 |
Altaron el tero faru al Mi, kaj oferu sur ĝi viajn bruloferojn kaj pacoferojn, viajn ŝafojn kaj viajn bovojn; sur ĉiu loko, kie Mi memorigos Mian nomon, Mi venos al vi kaj benos vin.
ــ ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشلاردىن قۇربانگاھ ياسىماقچى بولساڭ، يونۇلغان تاشلاردىن ياسىمىغىن؛ چۈنكى تاشلارغا ئەسۋابىڭنى تەگكۈزسەڭ، ئۇلار ناپاك بولۇپ قالىدۇ. | 25 |
Kaj se vi faros al Mi altaron el ŝtonoj, ne konstruu ĝin el ŝtonoj hakitaj; ĉar se vi levos sur ĝin vian hakilon, vi ĝin malsanktigos.
قۇربانگاھىمغا چىقىدىغان پەلەمپەي بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولغاندا، پەلەمپەيدىن چىققۇچە ئەۋرىتىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن»، ــ دېدى. | 26 |
Kaj ne supreniru per ŝtupoj al Mia altaro, por ke ne malkovriĝu via nudeco antaŭ ĝi.