< مىسىردىن چىقىش 2 >
لاۋىينىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى بېرىپ، لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. | 1 |
Now a man of the house of Levi married a daughter of Levi,
بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ ساقلىدى. | 2 |
and she conceived and gave birth to a son. When she saw that he was a beautiful child, she hid him for three months.
ئۇنى يەنە يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قومۇشتىن بىر سېۋەت ياساپ، ئۇنىڭغا ياريېلىم ۋە موم سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى. | 3 |
But when she could no longer hide him, she got him a papyrus basket and coated it with tar and pitch. Then she placed the child in the basket and set it among the reeds along the bank of the Nile.
ئاندىن بالىنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ يىراقتىن قاراپ تۇردى. | 4 |
And his sister stood at a distance to see what would happen to him.
ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلگىلى دەريا تەرەپكە كەلدى؛ ئۇنىڭ چۆرىلىرى دەريا بويىدا ئايلىنىپ يۈردى. پىرەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپ، خاس چۆرىسىنى ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. | 5 |
Soon the daughter of Pharaoh went down to bathe in the Nile, and her attendants were walking along the riverbank. And when she saw the basket among the reeds, she sent her maidservant to retrieve it.
ئۇ سېۋەتنى ئېچىپ قارىۋىدى، مانا، بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە ئۇ بالا يىغلاپ كەتتى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: ــ بۇ شۈبھىسىزكى ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن، دېدى. | 6 |
When she opened it, she saw the child, and behold, the little boy was crying. So she had compassion on him and said, “This is one of the Hebrew children.”
ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھەدىسى پىرەۋننىڭ قىزىدىن: ــ مەن بېرىپ، سىلى ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 7 |
Then his sister said to Pharaoh’s daughter, “Shall I go and call one of the Hebrew women to nurse the child for you?”
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، دېدى. قىز بېرىپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. | 8 |
“Go ahead,” Pharaoh’s daughter told her. And the girl went and called the boy’s mother.
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىپ مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ بېقىپ بەر؛ ھەققىڭنى بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى. | 9 |
Pharaoh’s daughter said to her, “Take this child and nurse him for me, and I will pay your wages.” So the woman took the boy and nursed him.
بالا چوڭ بولغاندا ئۇنى پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. ئۇ: «مەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالغان» دەپ ئۇنىڭغا مۇسا دېگەن ئىسىمنى قويدى. | 10 |
When the child had grown older, she brought him to Pharaoh’s daughter, and he became her son. She named him Moses and explained, “I drew him out of the water.”
مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. | 11 |
One day, after Moses had grown up, he went out to his own people and observed their hard labor. He saw an Egyptian beating a Hebrew, one of his own people.
ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى. | 12 |
After looking this way and that and seeing no one, he struck down the Egyptian and hid his body in the sand.
ئەتىسى ئۇ يەنە چىقىپ قارىۋىدى، مانا ئىككى ئىبرانىي بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى؛ ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان كىشىگە: ــ ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ــ دېدى. | 13 |
The next day Moses went out and saw two Hebrews fighting. He asked the one in the wrong, “Why are you attacking your companion?”
ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ ئۆز ئىچىدە: «مەن قىلغان ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ!» دەپ ئويلىدى. | 14 |
But the man replied, “Who made you ruler and judge over us? Are you planning to kill me as you killed the Egyptian?” Then Moses was afraid and thought, “This thing I have done has surely become known.”
پىرەۋن ھەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى؛ لېكىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ، مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. بىر كۈنى، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. | 15 |
When Pharaoh heard about this matter, he sought to kill Moses. But Moses fled from Pharaoh and settled in the land of Midian, where he sat down beside a well.
مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇلار كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تارتىپ ئوقۇرلارغا قۇيۇپ تولدۇرۇشقا باشلىدى. | 16 |
Now the priest of Midian had seven daughters, and they came to draw water and fill the troughs to water their father’s flock.
ئۇ ۋاقىتتا [يەرلىك] پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى. | 17 |
And when some shepherds came along and drove them away, Moses rose up to help them and watered their flock.
ئۇلار ئاتىسى رېئۇئەلنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئۇلاردىن: ــ نېمىشقا بۈگۈن شۇنچە تېز يېنىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. | 18 |
When the daughters returned to their father Reuel, he asked them, “Why have you returned so early today?”
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ھەمدە بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قوي پادىمىزنى سۇغىرىپمۇ بەردى! ــ دېدى. | 19 |
“An Egyptian rescued us from the shepherds,” they replied. “He even drew water for us and watered the flock.”
ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى. | 20 |
“So where is he?” their father asked. “Why did you leave the man behind? Invite him to have something to eat.”
مۇسا ئۇ كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇ قىزى زىپپوراھنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. | 21 |
Moses agreed to stay with the man, and he gave his daughter Zipporah to Moses in marriage.
ئۇ ئايال ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى؛ مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرشوم دەپ قويدى. | 22 |
And she gave birth to a son, and Moses named him Gershom, saying, “I have become a foreigner in a foreign land.”
نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. ئىسرائىللار ئۆز قۇللۇق ھالىتى تۈپەيلىدىن ئاھ-زار ئۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈردى؛ قۇللۇقتىن بولغان پەريادى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ يەتتى. | 23 |
After a long time, the king of Egypt died. The Israelites groaned and cried out under their burden of slavery, and their cry for deliverance from bondage ascended to God.
خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. | 24 |
So God heard their groaning, and He remembered His covenant with Abraham, Isaac, and Jacob.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆردى ۋە خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى. | 25 |
God saw the Israelites and took notice.