< مىسىردىن چىقىش 16 >
ئاندىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئېلىمدىن يولغا ئاتلاندى؛ مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە ئېلىم بىلەن سىناينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىن چۆلىگە يېتىپ كەلدى. | 1 |
イスラエルの人々の全会衆はエリムを出発し、エジプトの地を出て二か月目の十五日に、エリムとシナイとの間にあるシンの荒野にきたが、
ئەمما ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى چۆلدە مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى. | 2 |
その荒野でイスラエルの人々の全会衆は、モーセとアロンにつぶやいた。
ئىسرائىللار ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ قولى بىزنى مىسىر يۇرتىدىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا بولماسمىدى! شۇ يەردە بىز گۆش قايناۋاتقان قازانلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تويغۇدەك نان يېمىگەنمىدۇق؟ لېكىن سىلەر بۇ جامائەتنىڭ ھەممىسىنى ئاچلىق بىلەن ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ بىزنى بۇ چۆلگە ئېلىپ كەلدىڭلار! ــ دېيىشتى. | 3 |
イスラエルの人々は彼らに言った、「われわれはエジプトの地で、肉のなべのかたわらに座し、飽きるほどパンを食べていた時に、主の手にかかって死んでいたら良かった。あなたがたは、われわれをこの荒野に導き出して、全会衆を餓死させようとしている」。
بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ئاسماندىن سىلەرگە نان ياغدۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەر كۈنى چىقىپ، بىر كۈنلۈك لازىملىقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇن-ئەمرلىرىمدە ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن. | 4 |
そのとき主はモーセに言われた、「見よ、わたしはあなたがたのために、天からパンを降らせよう。民は出て日々の分を日ごとに集めなければならない。こうして彼らがわたしの律法に従うかどうかを試みよう。
ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار يىغىۋالغانلىرىنى تەييارلىسۇن؛ ئۇ باشقا كۈنلەردە ئېرىشىدىغىنىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، ــ دېدى. | 5 |
六日目には、彼らが取り入れたものを調理すると、それは日ごとに集めるものの二倍あるであろう」。
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بارلىق ئىسرائىللارغا: ــ بۈگۈن ئاخشام سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر ۋە | 6 |
モーセとアロンは、イスラエルのすべての人々に言った、「夕暮には、あなたがたは、エジプトの地からあなたがたを導き出されたのが、主であることを知るであろう。
ئەتە سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى؛ بىزگە كەلسەك، سىلەر يامان گېپىمىزنى قىلىپ غوتۇلدىغۇدەك بىز كىم ئىدۇق؟ ــ دېدى. | 7 |
また、朝には、あなたがたは主の栄光を見るであろう。主はあなたがたが主にむかってつぶやくのを聞かれたからである。あなたがたは、いったいわれわれを何者として、われわれにむかってつぶやくのか」。
مۇسا يەنە: پەرۋەردىگار بۈگۈن ئاخشام سىلەرگە يېگىلى گۆش بېرىپ، ئەتە ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بەرگەندە [بۇنى بىلىسىلەر]؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەر ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ غوتۇلدىغىنىڭلارنى ئاڭلىدى. ئەمدى بىز نېمە ئىدۇق؟ سىلەرنىڭ غوتۇلداشقىنىڭلار بىزلەرگە قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارغا قارىتىلغاندۇر، ــ دېدى. | 8 |
モーセはまた言った、「主は夕暮にはあなたがたに肉を与えて食べさせ、朝にはパンを与えて飽き足らせられるであろう。主はあなたがたが、主にむかってつぶやくつぶやきを聞かれたからである。いったいわれわれは何者なのか。あなたがたのつぶやくのは、われわれにむかってでなく、主にむかってである」。
ئاندىن مۇسا ھارۇنغا: ــ سەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ يامان گەپ بىلەن غوتۇلداشقىنىڭلارنى ئاڭلىدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى. | 9 |
モーセはアロンに言った、「イスラエルの人々の全会衆に言いなさい、『あなたがたは主の前に近づきなさい。主があなたがたのつぶやきを聞かれたからである』と」。
شۇنداق بولدىكى، ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆزلەپ تۇرغىنىدا، ئۇلار چۆل تەرەپكە قارىۋىدى، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى بۇلۇتتا ئايان بولدى. | 10 |
それでアロンがイスラエルの人々の全会衆に語ったとき、彼らが荒野の方を望むと、見よ、主の栄光が雲のうちに現れていた。
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ | 11 |
主はモーセに言われた、
ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ يامان گەپ قىلىپ غوتۇلداشقىنىنى ئاڭلىدىم؛ ئەمدى ئۇلارغا: «گۇگۇمدا سىلەر گۆش يەيسىلەر ۋە ئەتىگەندە ناندىن تويۇنىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر» ــ دەپ ئېيتقىن، دېدى. | 12 |
「わたしはイスラエルの人々のつぶやきを聞いた。彼らに言いなさい、『あなたがたは夕には肉を食べ、朝にはパンに飽き足りるであろう。そうしてわたしがあなたがたの神、主であることを知るであろう』と」。
كەچقۇرۇندا شۇنداق بولدىكى، بۆدۈنىلەر ئۇچۇپ كېلىپ، چېدىرگاھنى قاپلاپ كەتتى؛ ئەتىسى ئەتىگەندە، چېدىرگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەرگە شەبنەم چۈشكەنىدى. | 13 |
夕べになると、うずらが飛んできて宿営をおおった。また、朝になると、宿営の周囲に露が降りた。
ئەتراپتا ياتقان شەبنەم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مانا، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە قىراۋدەك نېپىز، كىچىك-كىچىك يۇمىلاق نەرسىلەر تۇراتتى. | 14 |
その降りた露がかわくと、荒野の面には、薄いうろこのようなものがあり、ちょうど地に結ぶ薄い霜のようであった。
ئىسرائىللار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن: ــ بۇ نېمىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ بۇ پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان ئوزۇق-تۈلۈكتۇر. | 15 |
イスラエルの人々はそれを見て互に言った、「これはなんであろう」。彼らはそれがなんであるのか知らなかったからである。モーセは彼らに言った、「これは主があなたがたの食物として賜わるパンである。
پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى ئەمر قىلىپ دېدىكى، «ھەربىرىڭلار يەيدىغىنىڭلارغا قاراپ ئۇنىڭدىن يىغىۋېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئائىلىدىكى ئادەم سانىغا قاراپ، ھەربىر ئادەمگە بىر ئومەر مىقداردا يىغىڭلار؛ ھەر ئادەم ئۆز چېدىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يىغىڭلار» ــ دېدى. | 16 |
主が命じられるのはこうである、『あなたがたは、おのおのその食べるところに従ってそれを集め、あなたがたの人数に従って、ひとり一オメルずつ、おのおのその天幕におるもののためにそれを取りなさい』と」。
ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ، بەزىسى كۆپرەك، بەزىسى ئازراق يىغىۋالدى. | 17 |
イスラエルの人々はそのようにして、ある者は多く、ある者は少なく集めた。
ئۇلار ئۇنى ئومەر مىقدارى بىلەن ئۆلچىۋىدى، كۆپ يىغقانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىدى، ئاز يىغقانلارنىڭمۇ كەملىك قىلمىدى؛ ھەربىر كىشى ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغقانىدى. | 18 |
しかし、オメルでそれを計ってみると、多く集めた者にも余らず、少なく集めた者にも不足しなかった。おのおのその食べるところに従って集めていた。
مۇسا ئۇلارغا: ــ ھېچقانداق ئادەم بۇلاردىن ھېچنېمىنى ئەتىگە قالدۇرمىسۇن، دېدى. | 19 |
モーセは彼らに言った、「だれも朝までそれを残しておいてはならない」。
شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مۇسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ بەزىلەر ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى ئەتىگە ساقلاپ قويدى. ئەمما ساقلاپ قويغىنى قۇرتلاپ سېسىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مۇسا ئۇلارغا خاپا بولۇپ ئاچچىقلاندى. | 20 |
しかし彼らはモーセに聞き従わないで、ある者は朝までそれを残しておいたが、虫がついて臭くなった。モーセは彼らにむかって怒った。
شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ھەر ئەتىگىنى چىقىپ ئۆز يەيدىغىنىغا قاراپ يىغىۋالاتتى؛ قالغانلىرى بولسا ئاپتاپ چىققاندا ئېرىپ كېتەتتى. | 21 |
彼らは、おのおのその食べるところに従って、朝ごとにそれを集めたが、日が熱くなるとそれは溶けた。
لېكىن ئالتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار كۈنلۈك ئوزۇقنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى يىغدى؛ دېمەك، ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئىككى ئومەر مىقداردا يىغىۋالدى؛ ئاندىن جامائەت ئەمىرلىرى ھەممىسى كېلىپ بۇنى مۇساغا ئېيتتى. | 22 |
六日目には、彼らは二倍のパン、すなわちひとりに二オメルを集めた。そこで、会衆の長たちは皆きて、モーセに告げたが、
مۇسا ئۇلارغا: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى: ــ ئەتە ئارام كۈنى، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس شابات كۈنى بولىدۇ؛ پىشۇرىدىغىنىڭلارنى پىشۇرۇپ، قاينىتىدىغىنىڭلارنى قايىنىتىپ، ئېشىپ قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئەتىگە ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى. | 23 |
モーセは彼らに言った、「主の語られたのはこうである、『あすは主の聖安息日で休みである。きょう、焼こうとするものを焼き、煮ようとするものを煮なさい。残ったものはみな朝までたくわえて保存しなさい』と」。
ئۇلار مۇسا بۇيرۇغاندەك، ئېشىپ قالغاننى ئەتىسىگە ساقلاپ قويۇۋىدى، ئۇلار سېسىپ قالمىدى، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى. | 24 |
彼らはモーセの命じたように、それを朝まで保存したが、臭くならず、また虫もつかなかった。
مۇسا ئۇلارغا: ــ بۇنى بۈگۈن يەڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولغىنى ئۈچۈن بۈگۈن دالادىن تاپالمايسىلەر. | 25 |
モーセは言った、「きょう、それを食べなさい。きょうは主の安息日であるから、きょうは野でそれを獲られないであろう。
ئالتە كۈن سىلەر يىغساڭلار بولىدۇ؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى شابات بولغىنى ئۈچۈن ئۇ كۈنىدە ھېچنېمە تېپىلمايدۇ، ــ دېدى. | 26 |
六日の間はそれを集めなければならない。七日目は安息日であるから、その日には無いであろう」。
ھالبۇكى، يەتتىنچى كۈنى خەلقتىن بىرنەچچىسى ئوزۇق-تۈلۈك يىغقىلى چىقىۋىدى، ھېچنېمە تاپالمىدى. | 27 |
ところが民のうちには、七日目に出て集めようとした者があったが、獲られなかった。
پەرۋەردىگار مۇساغا: «سىلەر قاچانغىچە مېنىڭ ئەمرلىرىم ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇشنى رەت قىلىسىلەر؟ | 28 |
そこで主はモーセに言われた、「あなたがたは、いつまでわたしの戒めと、律法とを守ることを拒むのか。
مانا، پەرۋەردىگار سىلەرگە شابات كۈنىنى بېكىتىپ بەردى؛ شۇڭا يەتتىنچى كۈنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، سىرتلارغا چىقمىسۇن دەپ، ئالتىنچى كۈنى ئىككى كۈنلۈك ئوزۇق بېرىدۇ»، ــ دېدى. | 29 |
見よ、主はあなたがたに安息日を与えられた。ゆえに六日目には、ふつか分のパンをあなたがたに賜わるのである。おのおのその所にとどまり、七日目にはその所から出てはならない」。
شۇنىڭ بىلەن خەلق يەتتىنچى كۈنى ئارام ئالدى. | 30 |
こうして民は七日目に休んだ。
ئىسرائىللار بۇ ئوزۇقنى «ماننا» دەپ ئاتىدى؛ ئۇنىڭ [شەكلى] يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدەك، رەڭگى ئاق بولۇپ، تەمى ھەسەلگە مىلەنگەن قوتۇرماچقا ئوخشايتتى. | 31 |
イスラエルの家はその物の名をマナと呼んだ。それはコエンドロの実のようで白く、その味は蜜を入れたせんべいのようであった。
مۇسا ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇكى، ــ كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، مەن سىلەرگە چۆلدە يېيىشكە ئاتا قىلغان ناننى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن كومزەككە بىر ئومەر توشقۇزۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ساقلاپ قويۇڭلار، ــ دېدى. | 32 |
モーセは言った、「主の命じられることはこうである、『それを一オメルあなたがたの子孫のためにたくわえておきなさい。それはわたしが、あなたがたをエジプトの地から導き出した時、荒野であなたがたに食べさせたパンを彼らに見させるためである』と」。
مۇسا ھارۇنغا: ــ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىڭلارغا كۆرسىتىشكە ساقلاش ئۈچۈن بىر كومزەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ئومەر مىقداردا ماننا سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، ــ دېدى. | 33 |
そしてモーセはアロンに言った「一つのつぼを取り、マナ一オメルをその中に入れ、それを主の前に置いて、子孫のためにたくわえなさい」。
[كېيىن،] ھارۇن پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك كومزەكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قويۇپ قويدى. | 34 |
そこで主がモーセに命じられたように、アロンはそれをあかしの箱の前に置いてたくわえた。
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئادەم ئولتۇراقلاشقان بىر زېمىنغا يېتىپ كەلگۈچە قىرىق يىل «ماننا» يېدى؛ ئۇلار قانائان زېمىنىنىڭ چېگرالىرىغا يەتكۈچە ماننا يېدى. | 35 |
イスラエルの人々は人の住む地に着くまで四十年の間マナを食べた。すなわち、彼らはカナンの地の境に至るまでマナを食べた。
ئەينى چاغدا بىر «ئومەر» «ئەفاھ»نىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر ئىدى. | 36 |
一オメルは一エパの十分の一である。