< مىسىردىن چىقىش 15 >
شۇ چاغدا مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ مۇنۇ كۈينى ئېيتتى: ــ «مەن پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتاي، چۈنكى ئۇ كارامەت ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. | 1 |
Then Moses and the Israelites sang this song to the Lord: “I will sing to the Lord, for he is supreme! He has thrown the horses and their riders into the sea.
مېنىڭ كۈچۈم ھەم مېنىڭ كۈيۈم ياھ ئۆزىدۇر؛ ئۇ ماڭا نىجات بولدى؛ ئۇ مېنىڭ تەڭرىمدۇر، مەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛ ئۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ خۇداسىدۇر، مەن ئۇنى ئالىي دەپ مەدھىيىلەيمەن. | 2 |
The Lord gives me strength. He is the theme of my song. He saves me. He is my God, and I will praise him. He is my father's God, and I will honor him.
پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، ياھۋەھ ئۇنىڭ نامىدۇر. | 3 |
The Lord is like a warrior. His name is the Lord.
پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەم قوشۇنلىرىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرى قىزىل دېڭىزدا غەرق قىلىندى. | 4 |
He threw Pharaoh's chariots and his army into the sea. Pharaoh's best officers were drowned in the Red Sea.
چوڭقۇر سۇلار ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى، ئۇلار خۇددى تاشتەك دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كەتتى. | 5 |
The flooding water covered them. They dropped down into the depths like a stone.
سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار، قۇدرىتى بىلەن شان-شەرەپ تاپتى؛ سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئەي پەرۋەردىگار،دۈشمەننى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى. | 6 |
Your power, Lord, is truly amazing! Your power, Lord, crushed the enemy.
ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنىڭ ھەيۋىسى بىلەن ئۆزۈڭگە قارشى چىققانلارنى نابۇت قىلدىڭ، سەن ئوتلۇق غەزىپىڭنى ئەۋەتتىڭ، ئۇ ساماننى كۆيدۈرگەن ئوتتەك ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. | 7 |
By your majestic power you destroyed those who opposed you. Your anger blazed out and burned them up like stubble.
دىمىغىڭنىڭ نەپىسى بىلەن سۇلار دۆڭ بولۇپ ئۆرلىدى، جۇشقۇنلىغان دولقۇنلار دۆڭ كەبى تىك تۇردى، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر سۇلار قاتۇرۇپ قويۇلدى. | 8 |
You blew and the sea piled up. The waves stood straight like a wall. The depths of the ocean turned solid.
دۈشمەن دېدى: «مەن ئۇلارنى قوغلايمەن، يېتىشىمەن، ئولجا ئېلىپ ئۈلەشتۈرىمەن، ئۇلاردىن دەردىمنى چىقىرىمەن، قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى نابۇت قىلىمەن». | 9 |
The enemy bragged, ‘I will chase them and catch up with them. I will divide the plunder. I will eat them alive. I will swing my sword. By my hand I will destroy them.’
لېكىن سەن نەپىسىڭ بىلەن پۈۋلىدىڭ، دېڭىز ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى؛ ئۇلار جۇشقۇنلۇق سۇلاردا قوغۇشۇندەك چۆكۈپ كەتتى. | 10 |
But you blew with your breath and the sea swept over them. They sank down like lead in the swirling waters.
ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا، ئەي پەرۋەردىگار، كىم سېنىڭ تەڭدىشىڭ بولسۇن؟ پاك-مۇقەددەسلىك ئىچىدە ئۆز ھەيۋىتىڭنى كۆرسىتىدىغان، ھەمد-مەدھىيىلەر ئارىسىدا دەھشەتلىك تۇرىدىغان، مۆجىزە-كارامەت يارىتىدىغان، سەندەك كىم بولسۇن؟ | 11 |
Who is like you among the gods, Lord? Who is like you, glorious in holiness, awesome in wonder, doing miracles?
سەن ئوڭ قولۇڭنى ئۇزىتىشىڭ بىلەن، يەر-زېمىن ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. | 12 |
You acted, and the earth swallowed the Egyptians.
لېكىن ئۆزۈڭگە ھەمجەمەت قىلىپ قۇتقۇزغان قوۋمنى رەھىمدىللىقىڭ بىلەن باشلاپ چىقتىڭ؛ سەن ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس ماكانىڭغا قۇدرىتىڭ بىلەن ھىدايەت قىلىپ يېتەكلىدىڭ. | 13 |
You led the people you saved with your trustworthy love. You will guide them in your strength to your holy home.
يات خەلقلەر بۇنى ئاڭلاپ، تىترىشىپ كەتتى؛ فىلىستىيەدە تۇرۇۋاتقانلارنى تولغاقتەك ئازاب تۇتتى. | 14 |
The nations will hear what has happened and will shake with fear. The people who live in Philistia will experience agonizing distress.
ئاندىن ئېدومنىڭ ئەمىرلىرى دەككە-دۈككىگە چۈشتى؛ موئابنىڭ پالۋانلىرىنى بولسا، راسا تىترەك باستى؛ قانائان زېمىنىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ ئاقتى؛ | 15 |
The Edomite chiefs will be terrified. The Moabite leaders will tremble. The people living in Canaan will melt away in panic.
قورقۇنچ ۋە دەھشەت ئۇلارنى باستى؛ بىلىكىڭنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئۇلار خۇددى تاشتەك مىدىرلىيالماي قالدى؛ خەلقىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ رەنە تۆلەپ ھۆر قىلغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە. | 16 |
Terror and fright will fall on them. Lord, because of your great power, they will be as still as stone until your people pass by, until the people you bought pass by.
ئۇلارنى باشلاپ كىرىپ، ئۆز مىراسىڭ بولغان تاغدا كۆچەتتەك تىكىسەن، ئۆز ماكانىڭ قىلغان جايغا، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قوللىرىڭ تەييارلىغان مۇقەددەس جايغا، ئى رەب، ئۇلارنى ئېلىپ بارىسەن. | 17 |
You will take your people and plant them on the mountain that you own, the place that you, Lord, have prepared as your home, the sanctuary that your hands have built, Lord.
پەرۋەردىگار ئەبەدىلئەبەدگىچە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرىدۇ! | 18 |
The Lord will reign forever and ever!”
چۈنكى پىرەۋننىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ئاتلىقلىرى بىلەن بىللە دېڭىزغا كىرىپ بولدى؛ پەرۋەردىگار دېڭىزنىڭ سۇلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياندۇردى، لېكىن ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى». | 19 |
When Pharaoh's horses, chariots, and horsemen went into the sea, the Lord brought the water rushing back over them. But the Israelites walked through the sea on dry ground.
ئاندىن ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەم قولىغا داپنى ئالدى، بارلىق قىز-ئاياللارمۇ قولىغا داپ ئېلىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. | 20 |
Miriam the prophet, Aaron's sister, picked up a tambourine, and all the women followed her dancing and playing tambourines.
مەريەم ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق كۈينى ئوقۇدى: ــ «پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى!». | 21 |
Miriam sang to them: “Sing to the Lord, for he is supreme! He has thrown the horses and their riders into the sea.”
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن چۆلدە يۈرۈپ، سۇ تاپالمىدى. | 22 |
Then Moses led Israel away from the Red Sea and into the Desert of Shur. For three days they walked in the desert but couldn't find any water.
ئاندىن ئۇلار ماراھقا يېتىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، سۈيىنى ئىچكىلى بولمايتتى؛ شۇڭا ئۇ جاينىڭ نامى «ماراھ» دەپ قويۇلغان. | 23 |
When they arrived at Marah, the water there was too bitter to drink. (That's why the place is called Marah.)
ئۇ ۋاقىتتا خالايىق: ــ بىز نېمە ئىچىمىز؟ ــ دەپ مۇسادىن ئاغرىنىپ غوتۇلداشقىلى تۇردى. | 24 |
So the people complained to Moses, asking, “What are we going to drink?”
ئۇ پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر دەرەخنى كۆرسەتتى؛ ئۇ دەرەخ ياغىچىنى ئېلىپ، سۇغا تاشلىۋىدى، سۇ تاتلىق سۇغا ئايلاندى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇلارغا ھۆكۈم-بەلگىلىمە بېكىتىپ، ئۇلارنى سىناپ، مۇنداق دېدى: ــ | 25 |
Moses called out to the Lord for help, and the Lord showed him a piece of wood. When he threw it into the water, it became sweet. There the Lord gave them rules and instructions and also tested their loyalty to him.
«ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن». | 26 |
He told them, “If you pay attention to what the Lord your God says, do what is right in his sight, obey his commands, and keep all his regulations, then I will not make you suffer from any of the diseases I gave the Egyptians because I am the Lord who heals you.”
ئاندىن ئۇلار ئېلىمغا يېتىپ كەلدى. شۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە سۇلارنىڭ بويىدا چېدىر تىكتى. | 27 |
Then they traveled on to Elim, which had twelve springs of water and seventy palm trees. They set up camp there beside the water.