< مىسىردىن چىقىش 12 >
پەرۋەردىگار مىسىر يۇرتىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
The Lord told Moses and Aaron while they were still in Egypt,
بۇ ئاي سىلەرگە ئايلارنىڭ ئىچىدە بېشى، يىلنىڭ تۇنجى ئېيى بولىدۇ. | 2 |
“This month will be for you the first month, the first month of your year.
سىلەر پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە سۆز قىلىپ: ــ بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھەممىڭلار ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە بىر قوزىنى ئېلىڭلار؛ ھەربىر ئائىلىگە بىردىن قوزا ئېلىڭلار. | 3 |
Tell all the Israelites that on the tenth day of this month, every man must choose a lamb for his family, one for each household.
ئەگەر مەلۇم بىر ئائىلە بىر قوزىنى يەپ بولالمىغۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۆي ئىگىسى يېنىدىكى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئادەم سانىغا قاراپ بىر قوزا ئېلىڭلار؛ ھەربىر كىشىنىڭ ئىشتىھاسىغا قاراپ ھېسابلاپ مۇۋاپىق بىر قوزا ھازىرلاڭلار. | 4 |
However, if the household is too small for a whole lamb, then he and his nearest neighbor may choose a lamb according to the total number of people. Divide up the lamb depending on what everybody can eat.
ھەربىرىڭلار تاللايدىغان قوزاڭلار بېجىرىم، بىر ياشلىق ئەركەك بولسۇن؛ قوي ياكى ئۆچكە پادىلىرىدىن تاللانسىمۇ بولىدۇ. | 5 |
Your lamb must be a year-old male without any defects, and you can take it either from the sheep or the goats.
قوزىنى بۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىگىچە يېنىڭلاردا تۇرغۇزۇڭلار، ــ دېگىن. ــ شۇ كۈنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى تاللىغان مېلىنى گۇگۇمدا سويسۇن. | 6 |
Keep it until the fourteenth day of the month, when all the Israelites will slaughter the animals after sunset and before it gets dark.
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ گۆش يېيىلگەن ئۆينىڭ ئىشىكنىڭ باش تەرىپىگە ھەم ئىككى يان كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. | 7 |
They are to take some of the blood and put it on the sides and tops of the doorframes of the houses where they have the meal.
ئۇلار شۇ كېچىسى گۆشىنى ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يېسۇن؛ ئۇنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن قوشۇپ يېسۇن. | 8 |
They are to roast the meat over a fire and eat it that night, together with unleavened bread and bitter herbs.
قەتئىي خام ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەڭلار، بەلكى ئۇنى باش، پۇت ۋە ئىچ-قارىنلىرى بىلەن ئوتتا كاۋاپ قىلىپ يەڭلار. | 9 |
You are not to eat the meat raw or boiled in water. All of it must be roasted it over a fire, including the head, legs, and its insides.
ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى ئەتىگە قالدۇرماڭلار. ئەگەر ئەتىگە ئېشىپ قالغانلىرى بولسا، ئۇنى ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. | 10 |
Make sure nothing is left until the morning. If there is anything left over, burn it by morning.
سىلەر ئۇنى مۇنداق ھالەتتە يەڭلار: ــ ئۇنى يېگەندە بەللىرىڭلارنى چىڭ باغلاپ، ئاياغلىرىڭلارغا كەش كىيىپ، قوللىرىڭلاردا ھاسا تۇتقان ھالدا تېز يەڭلار. ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر. | 11 |
This is how you are to eat the meal. You should be dressed ready to travel, with your sandals on your feet and your walking stick in your hand. You are to eat quickly—it is the Lord's Passover.
چۈنكى مەن ئۇ كېچىسى مىسىر زېمىنىنى كېزىپ ئۆتىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىدا مەيلى ئىنسان بولسۇن، مەيلى ھايۋان بولسۇن ئۇلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركىكىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن مىسىرنىڭ بارلىق بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 12 |
That very night I will go all through Egypt and kill every firstborn of both people and animals, and I will bring condemnation on all the gods of Egypt. I am the Lord.
شۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى سىلەر ئولتۇرغان ئۆيلەردە سىلەرگە [نىجات] بەلگىسى بولىدۇ؛ بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە سىلەرگە ئۆتۈپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىنى ئۇرغىنىمدا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان ۋابا-ئاپەت سىلەرگە تەگمەيدۇ. | 13 |
The blood on the houses where you live will mark them out. When I see the blood, I will pass over you. No deathly plague will fall on you to destroy you when I attack Egypt.
بۇ كۈن سىلەرگە خاتىرە كۈن بولسۇن؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەڭلار؛ ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە نەسىلدىن-نەسىلگە مەڭگۈ ئۆتكۈزۈڭلار. | 14 |
This will be a day to remember for you. You are to celebrate it as a festival to the Lord for generations to come. You will observe this for all time to come.
يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار؛ بىرىنچى كۈنى ئۆيۈڭلاردىن [بارلىق] خېمىرتۇرۇچلارنى يوق قىلىڭلار؛ چۈنكى كىمكى بىرىنچى كۈندىن تارتىپ يەتتىنچى كۈنگىچە بولدۇرۇلغان نان يېسە، شۇ كىشى ئىسرائىل قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 15 |
For seven days you must eat only bread made without yeast. On the first day you are to get rid of the yeast from your houses. Anyone who eats anything with yeast from the first day to seventh day must be excluded from the Israelite community.
بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى تۈزۈڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىمۇ ھەم شۇنداق بىر مۇقەددەس ئىبادەت سورۇنى ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىنمىسۇن؛ پەقەت ھەر كىشىنىڭ يەيدىغىنىنى تەييارلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىلا قىلساڭلار بولىدۇ. | 16 |
On both the first day and on the seventh day you are to have a holy meeting. You must not work on those days, except to prepare food. That is all you are allowed to do.
مەن دەل شۇ كۈنى سىلەرنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقارغىنىم ئۈچۈن سىلەر پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار؛ شۇ كۈننى نەسىلدىن-نەسىلگە ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە ھېيت كۈنى قىلىپ بېكىتىڭلار. | 17 |
You are to keep the Feast of Unleavened Bread because on this very day I led your tribes by their respective divisions out of Egypt. You are to observe this day for all time to come.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى، كەچقۇرۇندىن تارتىپ شۇ ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كەچقۇرۇنغىچە، پېتىر نان يەڭلار. | 18 |
In the first month you are to eat bread without yeast from the evening of the fourteenth day until the evening of the twenty-first day.
يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا ھېچ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن؛ چۈنكى مۇساپىر بولسۇن، زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن، كىمكى بولدۇرۇلغان نەرسىلەرنى يېسە شۇ كىشى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 19 |
For seven days there must be no yeast in your houses. If anyone eats something with yeast in it, then they must be excluded from the Israelite community, whether they are a foreigner or native of the land.
سىلەر ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نەرسىنى يېمەي، قەيەردىلا تۇرساڭلار، پېتىر نان يەڭلار. | 20 |
You must not eat anything with yeast in it. Eat only bread without yeast in all your homes.”
مۇسا ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ بېرىپ ھەربىرىڭلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە ئۆزۈڭلارغا بىر قوزىنى تارتىپ چىقىرىپ پاسخا قوزىسىنى سويۇڭلار. | 21 |
Then Moses called together all the elders of Israel and told them, “Go immediately and choose a lamb for each of your families, and kill the Passover lamb.
ئاندىن بىر تۇتام زۇپا ئېلىپ ئۇنى قاچىدىكى قانغا چىلاپ، قاچىدىكى قاننى ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىگە سۈركەڭلار. سىلەردىن ئەتىگەنگىچە ھېچكىم ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن قەتئىي چىقمىسۇن. | 22 |
Get a bunch of hyssop, dip it into the blood in the basin, and put some on the top and sides of the doorframe. None of you are to go out through door of the house until morning.
چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئۇرۇپ ھالاك قىلىش ئۈچۈن، زېمىننى كېزىپ ئۆتىدۇ؛ ئۇ ئىشىكنىڭ بېشى ۋە ئىككى كېشىكىدىكى قاننى كۆرگەندە، پەرۋەردىگار ھالاك قىلغۇچىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ سىلەرنى ئۇرۇشىدىن توسۇش ئۈچۈن [مۇھاپىزەت قىلىپ] ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ. | 23 |
When the Lord passes through to punish the Egyptians, he will see the blood on the top and sides of the doorframe. He will pass over the door, and he will not allow the destroyer to enter your houses and kill you.
بۇ رەسىم-قائىدىنى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە سۈپىتىدە تۇتۇڭلار. | 24 |
You and your descendants are to remember to observe these instructions for all time to come.
سىلەر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا بۇ ھېيتلىق ئىبادەتنى تۇتۇڭلار. | 25 |
When you enter the land that the Lord promised to give you, you are to observe this ceremony.
بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ ئىبادىتىڭلارنىڭ مەنىسى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، | 26 |
When your children come and ask you, ‘Why is this ceremony important to you?’
سىلەر: «بۇ مىسىرلىقلارنى ئۇرغىنىدا، مىسىردا ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرۇپ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىمىزنى قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا بولغان «ئۆتۈپ كېتىش» قۇربانلىقى بولىدۇ» ــ دەڭلار. شۇنى ئاڭلىغاندا، خەلق ئېڭىشىپ [خۇداغا] سەجدە قىلدى. | 27 |
you are to tell them, ‘This is the Passover sacrifice to the Lord. He was the one who passed over the houses of the Israelites in Egypt when he killed the Egyptians but spared our households.’” The people bowed down in worship.
ئاندىن ئىسرائىللار قايتىپ بېرىپ، پەرۋەردىگار دەل مۇسا بىلەن ھارۇنغا ئەمر قىلغاندەك ئىش كۆردى. | 28 |
Then the Israelites went and did just as the Lord had told Moses and Aaron.
ۋە شۇنداق بولدىكى، يېرىم كېچە بولغاندا، پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان تۇنجىسىدىن تارتىپ زىنداندا يېتىۋاتقان مەھبۇسنىڭ تۇنجىسىغىچە، مىسىر زېمىنىدىكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى، شۇنداقلا ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى. | 29 |
At midnight the Lord killed every firstborn male in the land of Egypt, from the firstborn of Pharaoh, who sat on his throne, to the firstborn of the prisoner in the jail, and also all the firstborn of the livestock.
ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئۆي قالمىغاچقا، شۇ كېچىسى پىرەۋننىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق مىسىرلىقلار كېچىدە ئورنىدىن قوپتى؛ مىسىر زېمىنىدا ئىنتايىن قاتتىق پەرياد كۆتۈرۈلدى. | 30 |
Pharaoh got up during the night, as well as all his officials and all the Egyptians. There were loud cries of agony throughout Egypt, because there wasn't a single house where someone hadn't died.
پىرەۋن كېچىدە مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: ــ تۇرۇڭلار، سىلەر ۋە ئىسرائىللار بىلەن بىللە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئېيتقىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار! | 31 |
Pharaoh called for Moses and Aaron during the night and told them, “Get out of here! Leave my people, the two of you and the Israelites! Go, so you can worship the Lord as you have asked.
سىلەرنىڭ دېگىنىڭلار بويىچە قوي، ئۆچكە، كالا پادىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار؛ مەن ئۈچۈنمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار، ــ دېدى. | 32 |
Take your flocks and herds as well, just like you've said, and leave! Oh, and bless me too.”
مىسىرلىق پۇقرالارمۇ «ھەممىمىز ئۆلۈپ كەتكۈدەكمىز» دېيىشىپ، خەلقنى زېمىندىن تېز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كېتىشكە ئالدىراتتى. | 33 |
The Egyptians urged the Israelites to leave their country as quickly as possible, saying, “Otherwise we'll all die!”
خەلق تېخى بولمىغان خېمىرلىرىنى ئېلىپ، ئۇنى تەڭنىلەرگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ مېڭىشتى. | 34 |
So the Israelites picked up their dough before it had risen, and carried it on their shoulders in kneading bowls wrapped in clothing.
ئىسرائىللار مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە قىلىپ، مىسىرلىقلاردىن كۈمۈش بۇيۇملار، ئالتۇن بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى. | 35 |
In addition, the Israelites did what Moses had told them and asked the Egyptians for objects of silver and gold, and for clothing.
پەرۋەردىگار خەلقنى مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزغىنى ئۈچۈن مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سورىغانلىرىنى بەردى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرلىقلاردىن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كەتتى. | 36 |
The Lord had made the Egyptians look so favorably on the Israelites that they agreed their request. In this way they took the wealth of the Egyptians.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئالتە يۈز مىڭچە ئەركەك بولۇپ، رامسەستىن چىقىپ، سۇككوت شەھىرىگىچە پىيادە ماڭدى. | 37 |
The Israelites set out on foot from Rameses for Succoth and numbered about 600,000 men, as well as women and children.
ئۇلار بىلەن بىللە چوڭ بىر توپ شالغۇت خەلقمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى، يەنە نۇرغۇن چارۋىلار، كۆپلىگەن كالا-قوي پادىلىرى بىلەن بىللە چىقتى. | 38 |
In addition many foreigners joined them. They also took with them large herds and flocks of livestock.
مىسىردىن ئالغاچ چىققان خېمىردىن ئۇلار پېتىر نان-توقاچلارنى ئەتتى؛ چۈنكى ئۇلار مىسىردا بىردەم-يېرىم دەم تۇرغۇزۇلماي ھەيدەلگىنى ئۈچۈن خېمىر بولمىغانىدى؛ ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. | 39 |
Since their bread dough didn't have any yeast, the Israelites baked what they had brought out of Egypt into loaves without yeast. This was because when they were driven out of Egypt they had to leave in a hurry and didn't have time to prepare food for themselves.
ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تۇرغان ۋاقتى جەمئىي تۆت يۈز ئوتتۇز يىل بولدى. | 40 |
The Israelites had lived in Egypt for 430 years.
شۇنداق بولدىكى، شۇ تۆت يۈز ئوتتۇز يىل توشقاندا، دەل شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قوشۇنلىرى مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ كەتتى. | 41 |
On the very day the 430 years ended, all the tribes of the Lord by their respective divisions left Egypt.
شۇ كۈنى كېچىدە ئۇلار مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىلغىنى ئۈچۈن، شۇ كېچىنى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كېچىسى دەپ تۇتۇشى كېرەك؛ شۇ كېچىنى بارلىق ئىسرائىللار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۇتۇپ، تۈنىشى كېرەك. | 42 |
Because the Lord kept watch that night to lead them out of the land of Egypt, you are to keep watch this same night as an observance to honor the Lord, to be kept by all Israelites for generations to come.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ پاسخا قوزىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە شۇ بولسۇنكى،: ــ ھېچقانداق يات ئەللىك ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. | 43 |
The Lord told Moses and Aaron, “This is the Passover ceremony. No foreigner is allowed to eat it.
لېكىن ھەركىمنىڭ پۇلغا سېتىۋالغان قۇلى بولسا، ئۇ خەتنە قىلىنسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدىن يېسۇن. | 44 |
But any slave who has been bought can eat it once you have circumcised him.
ئەمما ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ياكى مەدىكار بۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. | 45 |
Foreign visitors or those hired from other nations shall not eat the Passover.
گۆشنى باشقا بىر ئۆيگە ئېلىپ چىقمىغىن؛ بىرلا ئۆيدە يېيىلسۇن؛ قوزىنىڭ ھېچبىر سۆڭىكى سۇندۇرۇلمىسۇن. | 46 |
It has to be eaten inside the house. You are not allowed to take any of the meat outside the house, or to break any of the bones.
پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن. | 47 |
All Israelites are to celebrate it.
ئەگەر سېنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان مۇساپىر بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاسخا ھېيتىنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن بارلىق ئەركەكلىرى خەتنە قىلىنسۇن؛ ئاندىن كېلىپ ھېيت ئۆتكۈزسۇن. ئۇ زېمىندا تۇغۇلغان كىشىدەك سانالسۇن. لېكىن ھېچبىر خەتنىسىز ئادەم ئۇنىڭدىن يېمىسۇن. | 48 |
If there's a foreigner lives with you and wants to celebrate the Lord's Passover, all the males in their household have to be circumcised. Then he may come and celebrate it, and he shall be treated like a native of the land. But no man who is not circumcised may eat it.
زېمىندا تۇغۇلغان كىشى ھەم ئاراڭلاردا تۇرغان مۇساپىر ئۈچۈن ئوخشاش قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن. | 49 |
The same rule applies to both the native and the foreigner who lives among you.”
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى دەل پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغاندەك شۇ ئىشلارنى ئادا قىلدى. | 50 |
Then all the Israelites followed these instructions. They did exactly what the Lord had commanded Moses and Aaron.
شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قوشۇن-قوشۇن بويىچە مىسىر زېمىنىدىن چىقاردى. | 51 |
That very day the Lord led the Israelite tribes out of Egypt by their respective tribal divisions.