< مىسىردىن چىقىش 10 >
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بارغىن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشىم ئۈچۈن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويدۇم. | 1 |
Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ, “Sane kɔ Farao nkyɛn na kɔbisa no deɛ mahyɛ sɛ ɔnyɛ mma wo no. Nanso, mapirim ɔne ne mpanimfoɔ nyinaa akoma sɛdeɛ ɛbɛyɛ a, mɛtumi ayɛ anwanwadeɛ bebree akyerɛ wɔn ama wɔahunu me tumi.
بۇ ئىش بىلەن مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق رەسۋا قىلغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىمنى سەن ئوغلۇڭنىڭ ئاندىن نەۋرەڭنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزىسەن. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، دېدى. | 2 |
Na ɛnam so ma woatumi aka anwanwadeɛ a mayɛ wɔ Misraim asase so no akyerɛ wo mma ne wo mmanananom. Ka sɛdeɛ memaa Misraimfoɔ no yɛɛ wɔn adeɛ sɛ nkwaseafoɔ wɔ mʼanim no ne sɛdeɛ mema wɔhunuu sɛ mene Awurade no kyerɛ wɔn.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈڭنى ئالدىمدا تۆۋەن تۇتۇشنى قاچانغىچە رەت قىلىسەن؟ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر. | 3 |
Enti, Mose ne Aaron kɔhunuu Farao ka kyerɛɛ no sɛ, “Awurade a ɔyɛ Hebrifoɔ Onyankopɔn se memmisa wo sɛ, ‘Nna dodoɔ sɛn na wopɛ sɛ wode bu me animtia? Ma me nkurɔfoɔ nkɔ na wɔnkɔsom me.
چۈنكى ئەگەر سەن قوۋمىمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلساڭ، مانا، مەن ئەتە سېنىڭ يۇرتۇڭغا چېكەتكە ئەۋەتىمەن. | 4 |
Na sɛ woamma wɔn ankɔ a, ɔkyena nko ara mɛma ntutummɛ aba wʼasase yi so.
ئۇلار سىلەر زېمىن يۈزىنى كۆرمىگۈدەك قىلىپ يېپىۋېتىدۇ، سىلەرنىڭ مۆلدۈردىن ئامان قالغان نەرسىلىرىڭلارنىمۇ، دالالاردا ئۆسكەن ھەممە دەل-دەرەخلىرىڭلارنىمۇ يەپ كېتىدۇ. | 5 |
Wɔbɛkata asase no ani nyinaa. Na wɔbɛsɛe biribiara a ɛkaeɛ a asukɔtweaa a ɛtɔeɛ no ansɛe no no nyinaa a wiram nnua nyinaa ka ho.
ئۇلار ئوردا-سارايلىرىڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ سارايلىرى، شۇنداقلا بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىگە تولۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئاپەتنى ئاتا-بوۋاڭلىرىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ كۆرۈپ باقمىغان» ــ دېدى-دە، بۇرۇلۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. | 6 |
Mmoa no bɛhyɛ wʼahemfie hɔ, wo mpanimfoɔ afie mu ne Misraimfoɔ afie nyinaa ma tɔ. Ɛbɛyɛ ɔhaw a, ɛfiri ɛberɛ a mo agyanom bɛtenaa asase yi so de bɛsi ɛnnɛ no, ebi nsii saa da.’” Na Mose firii Farao anim kɔeɛ.
پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئادەم بىزگە قاچانغىچە تۇزاق بولار؟ ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا بۇ ئادەملەرنى قويۇپ بەرگەيلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغىنىنى تېخىچە كۆرمەيۋاتامدىلا؟ ــ دېدى. | 7 |
Afei, mpanimfoɔ a wɔwɔ Farao asɛnniiɛ no bɛbisaa no sɛ, “Nkɔsi da bɛn na wobɛma saa ɔbarima yi afa yɛn nnommum? Wonhunuu sɛ Misraim nyinaa adane amamfo? Ma nnipa no ɛkwan na wɔnkɔ nkɔsom Awurade wɔn Onyankopɔn!”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا يەنە چاقىرىتىپ كېلىندى. ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىڭلار؛ لېكىن بارىدىغانلار زادى كىملەر؟ ــ دېدى. | 8 |
Enti, wɔsane de Mose ne Aaron baa Farao anim bio bɛbisaa Farao ɛkwan. Farao kaa sɛ, “Ɛyɛ, monkɔsom Awurade, mo Onyankopɔn no. Na ɛhefoɔ na mo ne wɔn bɛkɔ?”
مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ ياشلىرىمىز ۋە قېرى-چۈرىلەر بىلەن، ئوغۇللىرىمىز ۋە قىزلىرىمىز بىلەن، قوي ۋە كالا پادىلىرىمىزنى ئېلىپ ھەممىمىز بارىمىز؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك، دېدى. | 9 |
Mose buaa Farao sɛ, “Yɛde mmɔfra ne mpanin, yɛn mmammarima, yɛn mmammaa, yɛn nnwan ne yɛn anantwie na ɛbɛkɔ. Yɛde yɛn agyapadeɛ nyinaa na ɛbɛtu saa ɛkwan no, ɛfiri sɛ, ɛsɛ sɛ yɛn nyinaa kɔ Awurade afahyɛ no.”
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرنى بالا-چاقاڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بەرگىنىمدە، پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! مانا، ئالدىڭلاردا بالايىئاپەت تۇرۇپتۇ! | 10 |
Farao de abufuo buaa sɛ, “Sɛ mɛma mode mmɔfra nketewa yi kɔ a, ɛnneɛ Awurade ankasa nka mo ho. Mahunu sɛ mowɔ adwemmɔne.
يوقسۇ، بۇنداق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ! پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەت ئاراڭلاردىن ئەر كىشىلەرلا بارسۇن! چۈنكى سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار دەل شۇ ئەمەسمىدى! ــ دېدى-دە، ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. | 11 |
Ɛnsɛ sɛ ɛba saa. Mo mmarima no, monkɔsom Awurade, ɛfiri sɛ, ɛno na mobisaa me.” Farao pamoo wɔn firii nʼahemfie hɔ.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنداق قىلساڭ، چېكەتكىلەر مىسىر زېمىنىنى بېسىپ، زېمىندىكى ھەرخىل ئوتياشلارنى، يەنى مۆلدۈردىن ئامان قالغاننىڭ ھەممىسىنى يەپ كېتىدۇ، دېدى. | 12 |
Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ, “Tene wo nsa wɔ Misraim so na ntutummɛ mmɛkata asase no nyinaa so, na wɔnni biribiara a asukɔtweaa no ansɛe no no.”
مۇسا ھاسىسىنى مىسىر زېمىنىنىڭ ئۈستىگە ئۇزاتتى؛ پەرۋەردىگار شۇ كۈنى ۋە كېچىسى زېمىن ئۈستىگە شەرق شامىلى چىقاردى. سەھەردە، شەرق شامىلى چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەلدى. | 13 |
Enti Mose maa ne poma so kyerɛɛ Misraim asase so maa Awurade bɔɔ mframa bi firii apueeɛ fam awia ne anadwo. Adeɛ kyeeɛ no, na apueeɛ mframa no de ntutummɛ no abɛgu asase no so nyinaa.
چېكەتكىلەر مىسىرنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا يېيىلىپ، مىسىرنىڭ پۈتۈن چېگرىسىنىمۇ باستى. ئاپەت ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ ئىلگىرى بۇنداق چېكەتكە ئاپىتى بولۇپ باقمىغان، مۇندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بولمايدۇ. | 14 |
Ntutummɛ no kataa Misraim asase no so mmaa nyinaa. Misraim abakɔsɛm kyerɛ sɛ, ntutummɛ mmaa ɔman no mu saa da na ebi nso remma saa bio.
ئۇلار پۈتكۈل زېمىننىڭ يۈزىنى قاپلىدى، يەر قاراڭغۇلىشىپ كەتتى؛ ئۇلار مۆلدۈردىن ئامان قالغان زېمىندىكى ھەممە ئوتياشلارنى ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ بارلىق مېۋىلىرىنى يەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنى تەۋەسىدىكى دەل-دەرەخلەردە ياكى دالادىكى گۈل-گىياھلاردا ھېچ يېشىللىق قالمىدى. | 15 |
Mmoa no kataa asase ani nyinaa ma wɔsii owia ani enti wɔmaa esum duruu asase no so. Wɔwee biribiara a asukɔtweaa no ansɛe no no; biribiara a ɛyɛ ahahammono anka; sɛ ɛyɛ dua anaa afifideɛ a ɛwɔ ɔman no mu baabiara no.
ئاندىن پىرەۋن ئالدىراپ-تېنەپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن ھەم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھ قىلدىم. | 16 |
Ntɛm pa ara Farao tuu abɔfoɔ kɔfrɛɛ Mose ne Aaron ka kyerɛɛ wɔn sɛ, “Mayɛ bɔne atia Awurade, mo Onyankopɔn no, ne mo nyinaa.
ئەمدى مۇشۇ بىر قېتىم گۇناھىمدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن بۇ ئۆلۈمنى مەندىن ئېلىپ كېتىشىنى ئىلتىجا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى. | 17 |
Me nkotosrɛ a ɛdi akyire nie; momfa saa bɔne no nkyɛ me na monsrɛ Awurade mo Onyankopɔn sɛ ɔnyi owuo yi mfiri yɛn so.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى. | 18 |
Enti, Mose firii Farao anim kɔsrɛɛ Awurade.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شامالنى بۇراپ غەرب تەرەپتىن ئىنتايىن كۈچلۈك بوران چىقىرىپ، چېكەتكىلەرنى ئۇچۇرۇپ، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى؛ مىسىرنىڭ پۈتكۈل تەۋەسىدە بىر تالمۇ چېكەتكە قالمىدى. | 19 |
Awurade bɔɔ atɔeɛ fam mframa denden bi ma ɛpiaa ntutummɛ no nyinaa kɔguu Ɛpo Kɔkɔɔ no mu, a anka ɔbaako pɛ koraa wɔ Misraim asase no so.
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرمىدى. | 20 |
Nanso, Awurade pirim Farao akoma enti wamma Israelfoɔ no ankɔ.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزاتقىن؛ شۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، ھەتتا ئادەم سىلىسا قولىغا تۇيۇلغۇدەك قويۇق قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى قاپلايدۇ، ــ دېدى. | 21 |
Awurade ka kyerɛɛ Mose sɛ, “Tene wo nsa kyerɛ ɔsoro ma esum kabii mmɛduru Misraim asase so.”
ئاندىن مۇسا قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، قويۇق بىر قاراڭغۇلۇق مىسىر زېمىنىنى ئۈچ كۈنگىچە قاپلاپ تۇردى. | 22 |
Enti, Mose tenee ne nsa hwɛɛ soro maa esum kabii bɛduruu Misraim asase no so nnansa.
ئۈچ كۈنگىچە بىرى يەنە بىرىنى كۆرەلمەس ۋە يا ھېچكىم ئۆز جايىدىن قوزغىلالماس بولدى؛ لېكىن بارلىق ئىسرائىللار ئولتۇرغان جايلاردا يورۇقلۇق بار ئىدى. | 23 |
Esum no duruu saa no, na obiara ntumi ntu ne nan, nanso Israelfoɔ no deɛ, na deɛ wɔte hɔ yɛ hann.
پىرەۋن مۇسانى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا: ــ بېرىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. پەقەت قوي ۋە كالا پادىلىرىڭلار قالسۇن؛ بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ، دېدى. | 24 |
Farao frɛɛ Mose ka kyerɛɛ no sɛ, “Kɔ na kɔsom Awurade. Wobɛtumi de wo mma aka wo ho akɔ; nanso wo nnwan ne wʼanantwie no deɛ, ma wɔnka ha.”
مۇسا جاۋابەن: ــ ئۇنداقتا خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا [ئىناقلىق] قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىغا لازىملىق چارپايلارنى سەن بىزگە بېرەمسەن؟ | 25 |
Nanso, Mose buaa sɛ, “Dabi, ɛsɛ sɛ yɛde yɛn nnwan ne yɛn anantwie kɔ na yɛde wɔn mu bi bɔ ɔhyeɛ afɔdeɛ ma Awurade yɛn Onyankopɔn.
ئۆزىمىزنىڭ چارپايلىرىمىز بىز بىلەن بىرگە كېتىشى كېرەك، بىر تۇيىقىمۇ كەينىدە قالسا بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا قۇربانلىق قىلىدىغىنىمىزنى بۇلاردىن تاللىشىمىز لازىم. ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارغا قايسى قۇربانلىقلار بىلەن ئىبادەت قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز، ــ دېدى. | 26 |
Aboa tɔte koraa yɛrennya wɔ ha; ɛsɛ sɛ yɛbɔ Awurade, yɛn Onyankopɔn no afɔdeɛ. Yɛnnim deɛ ɔbɛpɛ gye sɛ yɛduru hɔ.”
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ ئۇ ئۇلارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى. | 27 |
Nanso, Awurade pirim Farao akoma enti wamma wɔn ankɔ.
پىرەۋن مۇساغا: ــ ئالدىمدىن يوقال! ھېزى بول، ئىككىنچى ماڭا كۆرۈنگۈچى بولما! چۈنكى يۈزۈمنى يەنە كۆرگەن كۈنۈڭ جېنىڭدىن ئايرىلىسەن، ــ دېدى. | 28 |
Farao teateaa Mose sɛ, “Firi ha kɔ ntɛm. Mma menhunu wo ha bio. Ɛda a wobɛba ha bio no, wobɛwu.”
مۇسا ئۇنىڭغا: ــ راست ئېيتتىڭ! مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى ئىككىنچى كۆرگۈچى بولمايمەن، ــ دېدى. | 29 |
Mose buaa sɛ, “Ɛyɛ, merenhunu wo bio.”