< مىسىردىن چىقىش 1 >
ۋە تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل [بىلەن بىللە] مىسىرغا بارغان ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى (ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغانىدى): ــ | 1 |
Dette er navnene på Israels sønner som kom til Egypten; med Jakob kom de, hver med sitt hus:
رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، | 2 |
Ruben, Simeon, Levi og Juda,
ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، | 3 |
Issakar, Sebulon og Benjamin,
دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشىر. | 4 |
Dan og Naftali, Gad og Aser.
ئەمدى ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ مىسىردا ئىدى. | 5 |
De som nedstammet fra Jakob, var i alt sytti sjeler; men Josef var allerede i Egypten.
كېيىن يۈسۈپ، ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى. | 6 |
Og Josef døde og alle hans brødre og hele den slekt.
شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىللار كۆپ تۇغۇلۇپ، تېز ئاۋۇپ، ئىنتايىن كۈچەيدى؛ ئۇلار زېمىنغا بىر كەلدى. | 7 |
Men Israels barn var fruktbare og tok sterkt til og blev mange og overmåte tallrike, og landet blev fullt av dem.
ئۇ ۋاقىتلاردا يۈسۈپنى بىلمەيدىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. | 8 |
Da kom det en ny konge over Egypten, som ikke visste noget om Josef.
ئۇ خەلقىگە: مانا، ئىسرائىللارنىڭ خەلقى بىزدىن زىيادە ئاۋۇپ ھەمدە بىزدىنمۇ كۈچلىنىپ كەتتى. | 9 |
Og han sa til sitt folk: Se, israelittenes folk er større og tallrikere enn vi.
ئەمدى بىز ئۇلارغا نىسبەتەن ئاقىلانە ئىش تۇتايلى؛ بولمىسا، ئۇلار تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ، مۇبادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار دۈشمەنلىرىمىز تەرەپكە ئۆتۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇرتتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى. | 10 |
Nu vel, la oss gå klokt til verks mot dem, forat de ikke skal ta mere til, og forat de ikke, om det kommer krig, skal slå sig i lag med våre fiender og føre krig mot oss og dra ut av landet.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇلارنى قاتتىق ئەمگەكلەر بىلەن خارلاش ئۈچۈن ئىش باشلىرىنى تەيىنلەپ نازارەتچىلىككە قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پىرەۋن ئۈچۈن پىتوم بىلەن رائامسەس دېگەن ماددىي ئەشيا ساقلايدىغان شەھەرلەرنى ياساپ بەردى. | 11 |
Så satte de arbeidsfogder over dem til å plage dem med tvangsarbeid; og de måtte bygge for Farao to byer til oplagssteder, Pitom og Ra'amses.
لېكىن ئۇلارنى [قانچە] ئەزگەنسېرى، بۇلار شۇنچە كۆپىيىپ ھەممە يەرنى قاپلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى. | 12 |
Men jo mere de plaget dem, dess mere tok de til, og dess mere bredte de sig ut, så egypterne begynte å grue for Israels barn.
شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىتىپ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. | 13 |
Og egypterne tvang Israels barn til å træle for sig,
مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، خىش-كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىزلارنىڭ ھەرخىل ئەمگەكلىرىگە سېلىپ، ئىشنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاتتىق ئېغىرچىلىق سالدى؛ ئۇلارنى نېمە ئەمگەككە سالمىسۇن، ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. | 14 |
og de forbitret livet for dem med hårdt trælarbeid i ler og tegl og med alle slags trælarbeid på marken, alt det trælarbeid som de tvang dem til å gjøre.
مىسىر پادىشاھى ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا سۆز قىلىپ (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شىفراھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇئاھ ئىدى): | 15 |
Og kongen i Egypten sa til de hebraiske jordmødre - den ene av dem hette Sifra og den andre Pua -:
ــ سىلەر قاچانلىكى ئىبرانىي خوتۇنلارنى تۇغدۇرساڭلار، تۇغقاندا ئوبدان قاراڭلار؛ بوۋاق ئوغۇل بولسا، ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز بولسا، تىرىك قويۇڭلار، ــ دېدى. | 16 |
Når I hjelper de hebraiske kvinner til å føde, så skal I se efter i jordmorstolen; er det da en sønn, sa drep ham, men er det en datter, da kan hun leve.
لېكىن تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقۇپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا ئېيتقاندەك قىلماي، بەلكى ئوغۇل بوۋاقلارنى تىرىك قويدى. | 17 |
Men jordmødrene fryktet Gud og gjorde ikke som kongen i Egypten bød dem, men lot guttebarna leve.
شۇڭا مىسىرنىڭ پادىشاھى تۇغۇت ئانىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ئوغۇل بالىلارنى نېمىشقا تىرىك قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. | 18 |
Da kalte kongen i Egypten jordmødrene til sig og sa til dem: Hvorfor gjør I dette og lar guttebarna leve?
تۇغۇت ئانىلىرى پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ ئىبرانىي ئاياللار مىسىرلىق ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار كۈچلۈك، ساغلام-تىمەن بولغىنى ئۈچۈن تۇغۇت ئانىلىرى ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، ــ دېدى. | 19 |
Jordmødrene svarte Farao: De hebraiske kvinner er ikke som de egyptiske, de er sterkere; før jordmoren kommer til dem, har de født.
نەتىجىدە، خۇدا تۇغۇت ئانىلىرىغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئىسرائىل خەلقى داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. | 20 |
Og Gud gjorde vel imot jordmødrene; og folket tok til og blev overmåte tallrikt.
شۇنداق بولدىكى، تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقىدىغان ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ئائىلىلىك بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. | 21 |
Og fordi jordmødrene fryktet Gud, gav han dem avkom.
بۇنىڭ بىلەن پىرەۋن بارلىق پۇخرالىرىغا: ــ ئىسرائىللاردىن يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تاشلاڭلار، لېكىن قىز بالىلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇرۇڭلار، دەپ ئەمر قىلدى. | 22 |
Da bød Farao alt sitt folk og sa: Hver sønn som fødes, skal kastes i elven, men hver datter skal I la leve.