< ئەستەر 9 >
ئون ئىككىنچى ئاي، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ ئەمرى بىلەن يارلىقى ئىجرا قىلىنىشقا ئاز قالغان چاغدا، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد قىلىپ كۈتكەن كۈنى، ئەكسىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈنىگە ئايلىنىپ كەتتى. | 1 |
On the thirteenth day of the twelfth month, the month of Adar, the king’s command and edict were to be executed. On this day the enemies of the Jews had hoped to overpower them, but their plan was overturned and the Jews overpowered those who hated them.
يەھۇدىيلار پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە ئۇلارغا قەست قىلماقچى بولغانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشقا باشلىدى؛ ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرالمايتتى؛ ئۇلاردىن بولغان قورقۇنچ ھەربىر ئەل-مىللەتنى باسقانىدى. | 2 |
In each of the provinces of King Xerxes, the Jews assembled in their cities to attack those who sought to harm them. No man could withstand them, because the fear of them had fallen upon all peoples.
ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى بەگلەر، ۋالىيلار، ئۆلكە باشلىقلىرى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئىشلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنى قوللىدى؛ چۈنكى موردىكايدىن بولغان قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. | 3 |
And all the officials of the provinces, the satraps, the governors, and the king’s administrators helped the Jews, because the fear of Mordecai had fallen upon them.
چۈنكى موردىكاي دېگەن كىشى ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، نام-شۆھرىتى ھەممە ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى؛ ئۇنىڭ ھوقۇقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتاتتى. | 4 |
For Mordecai exercised great power in the palace, and his fame spread throughout the provinces as he became more and more powerful.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى قىلىچلاپ، قىرغىن قىلىپ يوقاتتى؛ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلارغا قانداق قىلىشنى خالىسا شۇنداق قىلدى. | 5 |
The Jews put all their enemies to the sword, killing and destroying them, and they did as they pleased to those who hated them.
شۇشان قەلئەسىدىلا يەھۇدىيلار بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقاتتى. | 6 |
In the citadel of Susa, the Jews killed and destroyed five hundred men,
ئۇلار يەنە پارشانداتا، دالفون، ئاسپاتا، | 7 |
including Parshandatha, Dalphon, Aspatha,
پوراتا، ئادالىيا، ئارىداتا، | 8 |
Poratha, Adalia, Aridatha,
پارماشتا، ئارىساي، ئارىداي ۋە ۋايىزاتانى قەتل قىلدى؛ | 9 |
Parmashta, Arisai, Aridai, and Vaizatha.
بۇ ئون ئادەم ھاممىداتانىڭ نەۋرىسى، يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ھاماننىڭ ئوغلى ئىدى؛ لېكىن ئۇلار ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. | 10 |
They killed these ten sons of Haman son of Hammedatha, the enemy of the Jews, but they did not lay a hand on the plunder.
شۇ كۈنى شۇشان قەلئەسىدە قەتل قىلىنغان ئادەم سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىندى. | 11 |
On that day the number of those killed in the citadel of Susa was reported to the king,
پادىشاھ خانىش ئەستەرگە: ــ يەھۇدىيلار شۇشان قەلئەسىدە بەش يۈز ئادەمنى قەتل قىلىپ يوقىتىپتۇ، يەنە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى قەتل قىپتۇ؛ ئۇلار پادىشاھنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە نېمە قىلدىكىن؟ ئەمدى نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇمۇ بەجا ئەيلىنىدۇ، ــ دېدى. | 12 |
who said to Queen Esther, “In the citadel of Susa the Jews have killed and destroyed five hundred men, including Haman’s ten sons. What have they done in the rest of the royal provinces? Now what is your petition? It will be given to you. And what further do you request? It will be fulfilled.”
ــ ئالىيلىرىغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، شۇشاندىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى يارلىقتا دېيىلگەندەك ئىش قىلىشىغا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ [جەسەتلىرىنى] دارغا ئېسىپ قويۇشقا ئىجازەت بەرگەيلا، دېدى ئەستەر. | 13 |
Esther replied, “If it pleases the king, may the Jews in Susa also have tomorrow to carry out today’s edict, and may the bodies of Haman’s ten sons be hanged on the gallows.”
پادىشاھ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدە چىقىرىلغاندا، كىشىلەر ھاماننىڭ ئون ئوغلىنى دارغا ئېسىپ قويۇشتى. | 14 |
So the king commanded that this be done. An edict was issued in Susa, and they hanged the ten sons of Haman.
ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى شۇشاندىكى يەھۇدىيلار يەنە يىغىلىپ ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈردى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. | 15 |
On the fourteenth day of the month of Adar, the Jews in Susa came together again and put to death three hundred men there, but they did not lay a hand on the plunder.
پادىشاھنىڭ ھەرقايسى باشقا ئۆلكىلىرىدىكى قالغان يەھۇدىيلار يىغىلىپ ئۆز جانلىرىنى ساقلاشقا سەپتە تۇرۇپ ئۆزلىرىگە ئۆچ بولغانلاردىن جەمئىي يەتمىش بەش مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئەمما ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشقا قول سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا مۇيەسسەر بولدى. | 16 |
The rest of the Jews in the royal provinces also assembled to defend themselves and rid themselves of their enemies. They killed 75,000 who hated them, but they did not lay a hand on the plunder.
بۇ ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنىدىكى ئىش ئىدى؛ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. | 17 |
This was done on the thirteenth day of the month of Adar, and on the fourteenth day they rested, making it a day of feasting and joy.
لېكىن شۇشاندىكى يەھۇدىيلار بولسا ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى توپلىشىپ جەڭ قىلدى؛ ئون بەشىنچى كۈنى ئۇلار ئارام ئالدى، شۇ كۈننى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان كۈن قىلىپ بېكىتتى. | 18 |
The Jews in Susa, however, had assembled on the thirteenth and the fourteenth days of the month. So they rested on the fifteenth day, making it a day of feasting and joy.
شۇ سەۋەبتىن سەھرادىكى يەھۇدىيلار، يەنى يېزا-قىشلاقلاردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى زىياپەت بېرىپ شادلىنىدىغان مۇبارەك كۈن بېكىتىپ، بىر-بىرىگە سوۋغا-سالام بېرىشىدىغان بولدى. | 19 |
This is why the rural Jews, who live in the villages, observe the fourteenth day of the month of Adar as a day of joy and feasting. It is a holiday for sending gifts to one another.
موردىكاي بۇ ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ ھەمدە ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىنىڭ يىراق-يېقىن جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدىيلارغا مەكتۇپلارنى يوللىدى. | 20 |
Mordecai recorded these events and sent letters to all the Jews in all the provinces of King Xerxes, both near and far,
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەريىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆت، ئون بەشىنچى كۈنىنى بايرام قىلىپ ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ بېكىتتى؛ | 21 |
to establish among them an annual celebration on the fourteenth and fifteenth days of the month of Adar
ئۇ بۇ ئىككى كۈننى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەندىن قۇتۇلۇپ ئاراملىققا ئېرىشكەن كۈنى سۈپىتىدە، شۇ ئاينى ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى شادلىققا، يىغا-زارلىرى مۇبارەك كۈنگە ئايلانغان ئاي سۈپىتىدە ئەسلەپ، بۇ ئىككى كۈننى زىياپەت قىلىپ شادلىنىدىغان، كۆپچىلىك بىر-بىرىگە سالام-سوۋغا بېرىدىغان، كەمبەغەللەرگە خەير-ئېھسان قىلىدىغان كۈن قىلىشقا بۇيرۇدى. | 22 |
as the days on which the Jews gained rest from their enemies and the month in which their sorrow turned to joy and their mourning into a holiday. He wrote that these were to be days of feasting and joy, of sending gifts to one another and to the poor.
شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار دەسلەپ باشلىغان شۇ [ھېيتنى] داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە شۇنىڭدەك موردىكاينىڭ ئۇلارغا يازغانلىرىنىمۇ ئورۇنلايدىغانغا ۋەدە بېرىشتى. | 23 |
So the Jews agreed to continue the custom they had started, as Mordecai had written to them.
چۈنكى ئەسلىدە بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى ھالاك قىلىشنى قەستلىگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى نەسلىدىن قۇرۇتۇپ يوقاتماقچى بولۇپ «پۇر»، يەنى چەك تاشلىغانىدى. | 24 |
For Haman son of Hammedatha, the Agagite, the enemy of all the Jews, had plotted against the Jews to destroy them and had cast the Pur (that is, the lot) to crush and destroy them.
لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ مەكتۇپلارنى يېزىپ، ھامان قەستلىگەن رەزىل ئىش، يەنى ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى قەست قىلغان ئىشى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا يانسۇن، دەپ يارلىق چۈشۈردى؛ ھەم كىشىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى دارغا ئاستى. | 25 |
But when it came before the king, he commanded by letter that the wicked scheme which Haman had devised against the Jews should come back upon his own head, and that he and his sons should be hanged on the gallows.
شۇڭلاشقا، كىشىلەر «پۇر» (چەك) دېگەن ئىسىم بويىچە بۇ ئىككى كۈننى «پۇرىم بايرىمى» دەپ ئاتىدى؛ شۇڭا يەھۇدىيلار ئەشۇ خەتتە پۈتۈلگەنلىرى بويىچە، ھەم كۆرگەن، ھەم باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئاساسەن، | 26 |
Therefore these days are called Purim, from the word Pur. Because of all the instructions in this letter, and because of all they had seen and experienced,
ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ھەمدە ئۆزلىرى بىلەن بىرلەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ پۈتۈلگەن ئەھكامنى تۇتۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەشۇ ئىككى كۈننى ھەر يىلى مەڭگۈ ئۈزۈلدۈرمەي بايرام قىلىشىنى قارار قىلدى، | 27 |
the Jews bound themselves to establish the custom that they and their descendants and all who join them should not fail to celebrate these two days at the appointed time each and every year, according to their regulation.
شۇنداقلا بۇ ئىككى كۈن ھەربىر دەۋردە، ھەربىر جەمەت-ئائىلىدە، ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەردە خاتىرىلىنىپ تەبرىكلنىپ تۇرسۇن ۋە «پۇرىم بايرىمى» بولىدىغان مۇشۇ كۈنلەرنىڭ تەبرىكلىنىشى يەھۇدىي خەلقى ئىچىدە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-نەسلى ئارىسىدىنمۇ يوقاپ كەتمىسۇن، دەپ قارار قىلدى. | 28 |
These days should be remembered and celebrated by every generation, family, province, and city, so that these days of Purim should not fail to be observed among the Jews, nor should the memory of them fade from their descendants.
ئاندىن ئابىخائىلنىڭ قىزى، خانىش ئەستەر ۋە يەھۇدىي موردىكاي يەھۇدىيلارغا يازغان «پۇرىم بايرىمى» توغرىسىدىكى شۇ ئىككىنچى خەتنى تولۇق ھوقۇقى بىلەن تەكىتلەپ، يەنە بىر خەتنى يوللىدى. | 29 |
So Queen Esther daughter of Abihail, along with Mordecai the Jew, wrote with full authority to confirm this second letter concerning Purim.
موردىكاي خاتىرجەملىك ۋە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىدىغان مەكتۇپلارنى ئاھاشۋېروشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارغا ئەۋەتىپ، | 30 |
And Mordecai sent letters with words of peace and truth to all the Jews in the 127 provinces of the kingdom of Xerxes,
شۇ «پۇرىم» كۈنلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئۆتكۈزۈلسۇن، شۇنىڭدەك يەھۇدىي موردىكاي ۋە خانىش ئەستەرنىڭ تاپىلىغانلىرى بويىچە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە نەسلىگە بېكىتكەنلىرى بويىچە ئەينى ۋاقىتتىكى تۇتۇلغان روزىلار ۋە كۆتۈرۈلگەن نىدا-پەريادلار ئەسلەپ خاتىرىلەنسۇن، دەپ تەكىتلىدى. | 31 |
in order to confirm these days of Purim at their appointed time, just as Mordecai the Jew and Queen Esther had established them and had committed themselves and their descendants to the times of fasting and lamentation.
ئەستەرنىڭ يارلىقى «پۇرىم بايرىمى»دىكى شۇ ئىشلارنى بېكىتىپ بەردى؛ بۇ ئىش تارىخنامىغىمۇ پۈتۈلدى. | 32 |
So Esther’s decree confirmed these regulations about Purim, which were written into the record.