< ئەستەر 8 >
پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇ كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئىلتىپات قىلىپ خانىش ئەستەرگە بەردى؛ موردىكايمۇ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى، چۈنكى ئەستەر ئۆزىنىڭ موردىكاي بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى پادىشاھقا دەپ بەرگەنىدى. | 1 |
And in that day king Artaxerxes gave to Esther all that belonged to Aman the slanderer: and Mardochaeus was called by the king; for Esther had shown that he was related to her.
پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھاماندىن قايتۇرۇۋالغان ئۈزۈكىنى چىقىرىپ موردىكايغا بەردى، ئەستەرمۇ موردىكاينى ھاماننىڭ ئۆي-جايىنى باشقۇرۇشقا قويدى. | 2 |
And the king took the ring which he had taken away from Aman, and gave it to Mardochaeus: and Esther appointed Mardochaeus over all that had been Aman's.
ئەستەر يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا يىقىلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا پادىشاھتىن ئاگاگىيلاردىن بولغان ھامان كەلتۈرۈپ چىققان بالايىئاپەتنى ھەم ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشنى يېلىنىپ ئۆتۈندى. | 3 |
And she spoke yet again to the king, and fell at his feet, and implored [him] to do away the mischief of Aman, and all that he had done against the Jews.
پادىشاھ ئالتۇن ھاسىسىنى ئەستەرگە تەڭلىۋىدى، ئەستەر ئورنىدىن قوپۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. | 4 |
Then the king stretched out to Esther the golden sceptre: and Esther arose to stand near the king.
ــ ئەگەر ئالىيلىرى ماقۇل كۆرسە، ئەگەر مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئەگەر پادىشاھىم بۇ ئىشنى توغرا دەپ قارىسا، شۇنىڭدەك مەندىن مەمنۇن بولسا، يارلىق چۈشۈرۈپ ئاگاگىيلاردىن ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يازغان مەكتۇپلارنى، يەنى پادىشاھىمنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىسىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى مەكتۇپلارنى بىكار قىلىدىغان بىر يارلىق يېزىلىشىنى تىلەيمەن. | 5 |
And Esther said, If it seem good to you, and I have found favour [in your sight], let an order be sent that the letters sent by Aman may be reversed, that were written for the destruction of the Jews, who are in your kingdom.
چۈنكى مەن ئۆز خەلقىمگە چۈشىدىغان بۇ بالايىئاپەتكە قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ يوقىتىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ــ دېدى ئەستەر پادىشاھقا. | 6 |
For how shall I be able to look upon the affliction of my people, and how shall I be able to survive the destruction of my kindred?
پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا: ــ مانا، ھامان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئەستەرگە بەردىم ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇلار دارغا ئاستى. | 7 |
And the king said to Esther, If I have given and freely granted you all that was Aman's, and hanged him on a gallows, because he laid his hands upon the Jews, what do you yet further seek?
ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ توغرا تاپقىنى بويىچە مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر يارلىق يېزىپ، مېنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرۈمنى بېسىڭلار؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلغان، پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بېسىلغان يارلىقنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، دېدى. | 8 |
Write you also in my name, as it seems good to you, and seal [it] with my ring: for whatever [orders] are written at the command of the king, and sealed with my ring, it is not lawful to gainsay them.
شۇ چاغدا، ئۈچىنچى ئايدا، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ مىرزىلىرىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىندى. ئۇلار موردىكاينىڭ بارلىق بۇيرۇغىنى بويىچە يارلىق يازدى؛ يارلىق يەھۇدالارنىڭ ئىشى توغرۇلۇق ھىندىستاندىن ھەبەشستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىرىغا، ئۆلكە باشلىقى ۋە بەگلىرىگە يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپلار ھەرقايسى ئۆلكىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۆز تىلى بىلەن، شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئۆز يېزىقى بىلەن، ئۆز تىلىدا پۈتۈلگەنىدى. | 9 |
So the scribes were called in the first month, which is Nisan, on the three and twentieth day of the same year; and [orders] were written to the Jews, whatever [the king had] commanded to the local governors and chiefs of the satraps, from India even to Ethiopia, a hundred and twenty-seven satraps, according to the several provinces, according to their dialects.
موردىكاي يارلىقنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرىنى باستى؛ يارلىق مەكتۇپلىرىنى پادىشاھلىقنىڭ ئاتلىقلىرى بىلەن، يەنى تولپارلارغا، ئات قېچىرلارغا ۋە تۆگىلەرگە مىنگەن چەۋەندازلار ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا يوللىدى. | 10 |
And they were written by order of the king, and sealed with his ring, and they sent the letters by the posts:
يارلىقتا: «پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيۇشۇپ، ئۆز ھاياتىنى قوغدىشىغا، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان ھەر مىللەت ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى كۈچلەرنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى قويماي يوقىتىشىغا، قىرىشىغا، نەسلىنى قۇرۇتۇشىغا، شۇنداقلا مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلدى؛ | 11 |
wherein he charged them to use their [own] laws in every city, and to help each other, and to treat their adversaries, and those who attacked them, as they pleased,
بۇ ئىش بىر كۈندە، يەنى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەنىدى. | 12 |
on one day in all the kingdom of Artaxerxes, on the thirteenth [day] of the twelfth month, which is Adar.
يارلىق ھەرقايسى ئۆلكىگە ئەۋەتىلىپ، پەرمان سۈپىتىدە ئېلان قىلىنسۇن، يەھۇدىيلارنىڭ ئەشۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييارلىنىپ قويۇشى ئۈچۈن يارلىقنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۇقتۇرۇلسۇن، دەپ بېكىتىلدى. | 13 |
And let the copies be posted in conspicuous places throughout the kingdom, and let all the Jews be ready against this day, to fight against their enemies.
شۇنىڭ بىلەن چەۋەندازلار تولپارلارغا ۋە قېچىرلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي يولغا ئاتلاندى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدىمۇ جاكارلاندى. | 14 |
So the horsemen went forth with haste to perform the king's commands; and the ordinance was also published in Susa.
موردىكاي كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، بېشىغا كاتتا ئالتۇن تاجنى تاقاپ، سۆسۈن رەڭ كەندىر يېپىنچىنى يېپىنىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى؛ شۇشان شەھەردىكى خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشتى. | 15 |
And Mardochaeus went forth robed in the royal apparel, and wearing a golden crown, and a diadem of fine purple linen: and the people in Susa saw [it] and rejoiced.
يەھۇدىيلار يورۇقلۇق، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ئىكرامغا مۇيەسسەر بولدى. | 16 |
And the Jews had light and gladness,
ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەرلەردە، پادىشاھنىڭ ئەمر-يارلىقى يېتىپ بارغانلىكى يەرلەردە، يەھۇدىيلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، زىياپەت قىلىپ مۇبارەك بىر كۈننى ئۆتكۈزۈشتى؛ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دېيىشىۋالدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلاردىن قورقۇش ۋەھىمىسى ئۇلارنى بېسىۋالغانىدى. | 17 |
in every city and province wherever the ordinance was published: wherever the proclamation took place, the Jews had joy and gladness, feasting and mirth: and many of the Gentiles were circumcised, and became Jews, for fear of the Jews.