< ئەستەر 7 >
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىلەن ھامان خانىش ئەستەرنىڭ زىياپىتىگە داخىل بولۇشقا كەلدى. | 1 |
Enti ɔhene no ne Haman kɔɔ Ɔhemmea Ɛster aponto no ase.
پادىشاھ ئىككىنچى قېتىملىق زىياپەت ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا ئەستەردىن: ــ ئى خانىش ئەستەر، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا ئىجابەت قىلىنىدۇ. نېمە ئىلتىماسىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى ئىلتىماس قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، ــ دېدى. | 2 |
Wɔrenonom nsa saa da no, ɔhene no ka kyerɛɛ no bio se, “Ɔhemmea Ɛster, kyerɛ me nea wopɛ. Wʼabisade ne dɛn? Sɛ ɛyɛ ahemman yi mu fa koraa a, mede bɛma wo!”
ــ ئەگەر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئى ئالىيلىرى، ۋە پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، مېنىڭ ئىلتىماسىم ئۆز جېنىمنى ئايىغايلا، شۇنىڭدەك مېنىڭ تەلىپىم ئۆز خەلقىمنى ساقلىغايلا؛ | 3 |
Ɔhemmea Ɛster buae se, “Sɛ Ɔhempɔn ani gye me ho, na ɔpɛ sɛ ɔyɛ mʼabisade ma me a, mʼadesrɛ ara ne sɛ, obegyaa me nkwa ne me manfo nkwa mu ama yɛn.
چۈنكى بىز، يەنى مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم بىرگە يوقىتىلىپ، قىرىلىپ، نەسلىمىزدىن قۇرۇتۇلۇشقا سېتىۋېتىلدۇق. ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، سۈكۈت قىلغان بولاتتىم؛ لېكىن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ دۈشمەن تۆلەپ بېرەلمەيتتى، ــ دەپ جاۋاپ بەردى ئەستەر. | 4 |
Efisɛ wɔatɔn me ne me manfo ama nnipa a wobekunkum yɛn, atɔre yɛn ase. Sɛ wɔtɔn yɛn sɛ nkoa kɛkɛ mpo a, anka mɛtena dinn, efisɛ ɛno de, ɛyɛ asɛm ketewa bi a ɛho nhia sɛ wɔde kɔdan ɔhene.”
پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەردىن: ــ بۇنداق قىلىشقا پېتىنغان كىشى كىم ئىكەن؟ ئۇ قەيەردە؟! ــ دەپ سورىدى. ئەستەر جاۋابەن: ــ | 5 |
Ɔhene Ahasweros bisae se, “Hena na ɔbɛyɛ saa? Na hena na obetumi de ne nsa aka wo?”
بۇ دۈشمەن ۋە زەھەرخەندە مانا مۇشۇ رەزىل ھامان! ــ دېۋىدى، ھامان پادىشاھ بىلەن خانىش ئالدىدا شۇ زاماتلا دەككە-دۈككىگە چۈشتى. | 6 |
Ɛster buae se, “Saa omumɔyɛfo ne ɔtamfo yi ne onimguasefo Haman.” Ehu maa Haman ho popoo wɔ ɔhene ne ɔhemmea no anim.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قەھرى-غەزەپكە كېلىپ زىياپەت-شاراب ئۈستىدىن تۇردى-دە، چارىباغقا چىقىپ كەتتى؛ ھامان بولسا خانىش ئەستەردىن جېنىنى تىلەشكە قالدى؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە جازا بەرمەي قويمايدىغان نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى. | 7 |
Ɔhene no de abufuw huruw gyinaa ne nan so, na ɔkɔɔ ahemfi hɔ turo mu. Na Haman kaa hɔ, guan toaa Ɔhemmea Ɛster sɛ ɔnsrɛ ne nkwa mma no, efisɛ na onim sɛ nʼawie adu.
پادىشاھ چارىباغدىن زىياپەت-شاراب داستىخىنىغا قايتىپ كەلگىنىدە ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر يۆلەنگەن دىۋانغا تاشلىغىنىچە تۇرغىنىنى كۆردى-دە: ــ ــ قارا، ئۇنىڭ ئوردىدا مېنىڭ ئالدىمدىلا خانىشقا زورلۇق قىلغىلىۋاتقىنىنى؟! ــ دېۋىدى، بۇ سۆز پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادەملەر ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى. | 8 |
Ɔtew hwee Ɔhemmea Ɛster mpa a ɔrehome wɔ so no so. Ɛhɔ ara na ɔhene no nso fii ahemfi no turo mu hɔ bae. Ɔhene no bobɔɔ mu se, “Hwɛ ɔrebɛboro ɔhemmea yi bere a ɔwɔ me nkyɛn wɔ fie ha nso?” Ɔhene no kasa wiee ara pɛ, nʼasomfo no kataa Haman anim a ɛkyerɛ sɛ, nʼawie adu.
پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاربونا ئىسىملىك بىرسى: ــ يەنە بىر ئىش بار، مانا، ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن گەپ قىلغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن، ئەللىك گەز ئىگىزلىكتە ياساتقان دار تەييار تۇرىدۇ، ئۇ دار ھازىر مۇشۇ ھاماننىڭ ھويلىسىدا، دېۋىدى، پادىشاھ: ــ ھاماننى ئۇنىڭغا ئېسىڭلار! ــ دېدى. | 9 |
Na Harbona a ɔyɛ ɔhene no piamfo no mu baako kae se, “Haman asi dua a ne sorokɔ yɛ anammɔn aduɔson anum wɔ ɔno ara nʼadiwo. Na nʼadwene ne sɛ, ɔbɛsɛn Mordekai a ogyee ɔhene nkwa no wɔ so.” Afei, ɔhene no kae se, “Monsɛn Haman wɔ so.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاماننى ئۇ موردىكايغا تەييارلاپ قويغان دارغا ئاستى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى. | 10 |
Enti wɔsɛn Haman wɔ dua no a osi maa Mordekai no so, maa ɔhene no bo dwoe.