< ئەستەر 5 >
ئۈچىنچى كۈنى ئەستەر شاھانە كىيىملىرىنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، پادىشاھنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا تۇردى؛ پادىشاھ بولسا ئۆز شاھانە ئۆيىدىكى تەختىدە، ئۆيدىن دەرۋازىغا قاراپ ئولتۇراتتى. | 1 |
På den tredje dag klædde Ester sig i kongelig skrud og stilte sig i den indre gård til kongens hus, midt for kongens hus, og kongen satt på sin kongetrone i kongens hus, midt imot døren til huset.
پادىشاھ خانىش ئەستەرنىڭ ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆردى؛ خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ، ئۇ قولىدىكى ئالتۇن ھاسىسىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئەستەر ئالدىغا كېلىپ شاھانە ھاسىنىڭ ئۇچىغا قولىنى تەگكۈزدى. | 2 |
Da nu kongen så dronning Ester stå i gården, fant hun nåde for hans øine; kongen rakte ut gullstaven som han hadde i hånden, mot Ester, og Ester gikk frem og rørte ved enden av staven.
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: ــ ئى خانىشىم ئەستەر، بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇ ساڭا بېرىلىدۇ، دېدى. | 3 |
Og kongen sa til henne: Hvad har du på hjerte, dronning Ester, og hvad er ditt ønske? Var det enn halvdelen av riket, skal du få det.
ــ ئەگەر ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمنىڭ ھاماننى ئېلىپ ئۆزلىرىگە تەييارلىغان زىياپىتىمگە داخىل بولۇپ قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى ئەستەر. | 4 |
Ester svarte: Tykkes det kongen godt, vilde jeg gjerne at kongen og Haman idag skulde komme til det gjestebud jeg har stelt til for ham!
پادىشاھ: ــ تېز بېرىپ ھاماننى قىچقىرىپ كېلىڭلار، ئەستەرنىڭ دېگىنىدەك قىلىنسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ھاماننى ئېلىپ ئەستەر تەييارلىغان زىياپەتكە باردى. | 5 |
Da sa kongen: Skynd eder og hent Haman, så Ester kan få sitt ønske opfylt! Så kom da kongen og Haman til det gjestebud Ester hadde stelt til.
داستىخان ئۈستىدە شاراب ئىچىلىۋاتقاندا پادىشاھ ئەستەرگە: ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ؛ نېمە ئىلتىجايىڭ بار؟ ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ، دېدى. | 6 |
Mens de satt og drakk vin, sa kongen til Ester: Hvad er din bønn? Den skal tilståes dig. Og hvad er ditt ønske? Var det enn halvdelen av riket, skal det opfylles.
ئەستەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مېنىڭ تەلىپىم ۋە ئىلتىجايىم بولسا، ــ | 7 |
Ester svarte: Min bønn og mitt ønske er:
مۇبادا مەن ئالىيلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، شۇنداقلا پادىشاھىمغا مېنىڭ تەلىمنى ئىجابەت قىلىش ھەم ئىلتىجايىمنى ئورۇنداش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىنىڭ ھاماننى بىرگە ئېلىپ ئەتە سىلەرگە تەييارلايدىغان زىياپىتىمگە يەنە بىر قېتىم داخىل بولۇشلىرىنى ئۆتۈنىمەن؛ ئەتە مەن چوقۇم پادىشاھىمنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىمەن، ــ دېدى. | 8 |
Har jeg funnet nåde for kongens øine, og tykkes det kongen godt å tilstå mig min bønn og å opfylle mitt ønske, så må kongen og Haman komme til det gjestebud jeg vil stelle til for dem! Imorgen vil jeg da gjøre som kongen sier.
شۇ كۈنى ھامان كۆڭلىدە يايراپ، خۇشال-خۇرام قايتىپ چىقتى؛ لېكىن موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئۇنىڭ ئالدىدا نە ئورنىدىن قوپماي نە مىدىرلىماي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، كۆڭلى ئۇنىڭغا قاتتىق قەھر-غەزەپكە تولدى. | 9 |
Haman gikk den dag glad og vel til mote derfra, men da han fikk se Mordekai i kongens port, og at han hverken reiste sig eller rørte sig for ham, blev han full av vrede mot Mordekai.
لېكىن ھامان غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە كەلدى-دە، دوست-ئاغىنىلىرىنى ۋە خوتۇنى زەرەشنى چاقىرتىپ، | 10 |
Men han holdt sig rolig og gikk hjem; så sendte han bud efter sine venner og sin hustru Seres
ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ شان-شەرىپى، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۆزىنى قانداق ئۆستۈرۈپ بارلىق ھۆرمەت-ئىززەتكە سازاۋەر قىلغانلىقى، ئۆزىنى قانداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدىن ئۈستۈن مەرتىۋىگە ئىگە قىلغانلىقى توغرىسىدا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ كەتتى. | 11 |
og fortalte dem om sin rikdom og herlighet og om sine mange sønner og likeledes alt om hvorledes kongen hadde gjort ham stor, og hvorledes han hadde ophøiet ham over fyrstene og kongens tjenere.
ھامان يەنە: ــ سىلەرگە دېسەم، خانىش ئەستەر مېنىڭدىن باشقا مېھمان چىللىماي، پەقەت پادىشاھ بىلەن ئىككىمىزنىلا ئۆزى تەييارلىغان زىياپەتكە چىللىغانىدى، ئەتىمۇ مېنى پادىشاھ بىلەن بىللە ئۆزى [تەييارلەيدىغان زىياپەتكە] چىللىدى. | 12 |
Og Haman sa: Heller ikke lot dronning Ester nogen annen enn mig komme med kongen til det gjestebud hun hadde stelt til, og også til imorgen er jeg innbudt av henne sammen med kongen.
شۇغىنىسى، ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرغان ھېلىقى موردىكاي دېگەن يەھۇدىينى كۆرگىنىمدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تولىمۇ مەنىسىز تۇيۇلىدۇ، دېدى. | 13 |
Men alt dette er mig ikke nok all den stund jeg ser jøden Mordekai sitte i kongens port.
ئاندىن ئايالى زەرەش ۋە بارلىق دوست-ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەللىك گەز ئېگىزلىكتىكى داردىن بىرنى تەييارلاپ، ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلسىلا بولمىدىمۇ، شۇنىڭدىن كېيىن خۇشال يايرىغان ھالدا پادىشاھ بىلەن بىللە زىياپەتكە بارىدىلا، دېيىشتى. بۇ گەپ ھاماننى خۇش قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دار ياسىتىپ قويدى. | 14 |
Da sa hans hustru Seres og alle hans venner til ham: La dem gjøre en galge i stand; femti alen høi, og be imorgen kongen om at Mordekai må bli hengt i den; så kan du gå glad med kongen til gjestebudet! Dette råd syntes Haman godt om, og han lot gjøre galgen i stand.