< ئەستەر 4 >
موردىكاي بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئېگىنلىرىنى يىرتىپ، ئۈستىگە بۆز ئارتىپ، ۋە ئۇستى-بېشىغا كۈل چېچىپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ ناھايىتى قاتتىق ۋە ئەلەملىك پەرياد كۆتۈردى. | 1 |
Mordikay boluwatqan ishlardin xewer tapqandin kéyin éginlirini yirtip, üstige böz artip, we usti-béshigha kül chéchip, sheherning otturisigha chiqip nahayiti qattiq we elemlik peryad kötürdi.
ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختاپ قالدى؛ چۈنكى بوز يېپىنغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوردا دەرۋازىسىدىن كىرىشىگە رۇخسەت يوق ئىدى. | 2 |
U orda derwazisi aldigha kélip toxtap qaldi; chünki boz yépin’ghan herqandaq ademning orda derwazisidin kirishige ruxset yoq idi.
پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى يەتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئۆلكىلەردە يەھۇدىيلار ئارىسىدا قاتتىق نالە-پەرياد كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، يىغا-زار قىلدى؛ نۇرغۇن كىشىلەر بوز يېپىنىپ كۈلدە ئېغىناپ يېتىشتى. | 3 |
Padishahning emri we yarliqi yetküzülgen herqaysi ölkilerde Yehudiylar arisida qattiq nale-peryad kötürüldi; ular roza tutup, köz yéshi qilip, yigha-zar qildi; nurghun kishiler boz yépinip külde éghinap yétishti.
ئەستەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان دېدەكلىرى ۋە ھەرەمئاغىلىرى بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىۋىدى، خانىشنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ موردىكاينىڭ بوزنى تاشلاپ، كىيىۋېلىشىغا كىيىم-كېچەك چىقارتىپ بەردى، لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. | 4 |
Esterning xizmitide bolghan dédekliri we heremaghiliri bu ishni uninggha éytiwidi, xanishning köngli intayin éghir boldi; Mordikayning bozni tashlap, kiyiwélishigha kiyim-kéchek chiqartip berdi, lékin Mordikay qobul qilmidi.
شۇنىڭ بىلەن ئەستەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا پادىشاھ تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاتاق ئىسىملىك بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنى موردىكاينىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى، نېمە سەۋەبتىن بولۇۋاتقانلىقىنى تىڭ-تىڭلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. | 5 |
Shuning bilen Ester özining xizmitide bolushqa padishah teyinlep ewetken heremaghiliridin Hataq isimlik birini chaqirip, uni Mordikayning qéshigha bérip, bu ishning zadi qandaq ish ikenlikini, néme sewebtin boluwatqanliqini ting-tinglap kélishke ewetti.
شۇنىڭ بىلەن ھاتاق ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيدانغا كېلىپ موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. | 6 |
Shuning bilen Hataq orda derwazisi aldidiki meydan’gha kélip Mordikay bilen körüshti.
موردىكاي بېشىغا كەلگەن ھەممە ئىشنى، ھامان يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان كۈمۈشنىڭ سانىنى قالدۇرماي ئېيتىپ بەردى. | 7 |
Mordikay béshigha kelgen hemme ishni, Haman Yehudiylarning neslini qurutuwétish üchün padishahning xezinilirige tapshurushqa wede qilghan kümüshning sanini qaldurmay éytip berdi.
موردىكاي يەنە ھاتاققا شۇشاندا جاكارلانغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى يارلىقنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەستەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاپشۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەستەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆز خەلقى ئۈچۈن پادىشاھتىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىپ بېقىشقا ئۈندەشنى تاپىلىدى. | 8 |
Mordikay yene Hataqqa Shushanda jakarlan’ghan, Yehudiylarni yoqitish toghrisidiki yarliqning köchürmisini Esterning körüp béqishigha yetküzüp bérishke tapshurdi hemde uninggha Esterge ehwalni chüshendürüp, ordigha kirip padishah bilen körüshüp öz xelqi üchün padishahtin ötünüp iltija qilip béqishqa ündeshni tapilidi.
ھاتاق قايتىپ كېلىپ موردىكاينىڭ گەپلىرىنى ئەستەرگە يەتكۈزدى. | 9 |
Hataq qaytip kélip Mordikayning geplirini Esterge yetküzdi.
ئەستەر ھاتاققا موردىكايغا ئېيتىدىغان گەپلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى موردىكاينىڭ يېنىغا يەنە ئەۋەتتى: ــ | 10 |
Ester Hataqqa Mordikaygha éytidighan geplerni tapshurup, uni Mordikayning yénigha yene ewetti: —
«پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە خەلقلىرى، مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، چاقىرتىلماي تۇرۇپ ئىچكى ھويلىغا، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆز مەيلىچە كىرسە، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئالتۇن ھاسىسىنى تەڭلەپ ئۆلۈمدىم كەچۈرۈم قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بېشىغا چۈشىدىغان بىرلا قانۇن-بەلگىلىمە باردۇر: ــ ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتىدۇ. ھازىر مېنىڭ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرتىلمىغىنىمغا ئوتتۇز كۈن بولدى». | 11 |
«Padishahning barliq xizmetkarliri we herqaysi ölke xelqliri, meyli er bolsun ayal bolsun, chaqirtilmay turup ichki hoyligha, padishahning huzurigha öz meyliche kirse, padishah uninggha iltipat körsitip altun hasisini tenglep ölümdim kechürüm qilmisa, undaqta u kishige nisbeten béshigha chüshidighan birla qanun-belgilime bardur: — u ölüm jazasini tartidu. Hazir méning padishah bilen körüshüshke chaqirtilmighinimgha ottuz kün boldi».
ئەستەرنىڭ سۆزلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلۈۋىدى، | 12 |
Esterning sözliri Mordikaygha yetküzülüwidi,
موردىكاي مۇنۇ گەپلەرنى ئەستەرگە يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى: ــ «سەن كۆڭلۈڭدە مەن ئوردىدا ياشاۋاتىمەن، شۇڭا بارلىق باشقا يەھۇدىيلاردىن بىخەتەر بولۇپ قۇتۇلىمەن، دەپ خىيال ئەيلىمە. | 13 |
Mordikay munu geplerni Esterge yetküzüshni hawale qildi: — «Sen könglüngde men ordida yashawatimen, shunga barliq bashqa Yehudiylardin bixeter bolup qutulimen, dep xiyal eylime.
ئەگەر بۇ چاغدا سەن جىم تۇرۇۋالساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا تەرەپتىن مەدەت ۋە نىجات چىقىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئاتا جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ يوقىتىلىسەن. كىم بىلسۇن، سېنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇنداق پەيت ئۈچۈن بولغانمۇ؟». | 14 |
Eger bu chaghda sen jim turuwalsang, Yehudiylargha bashqa tereptin medet we nijat chiqishi mumkin; lékin u chaghda sen öz ata jemeting bilen qoshulup yoqitilisen. Kim bilsun, séning xanishliq mertiwisige érishkining del bügünki mushundaq peyt üchün bolghanmu?».
ئەستەر موردىكايغا مۇنداق دەپ جاۋاب قايتۇردى: ــ | 15 |
Ester Mordikaygha mundaq dep jawab qayturdi: —
«سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!». | 16 |
«Sen bérip, Shushandiki barliq Yehudiylarni yighqin; méning üchün roza tutup, üch kéche-kündüz héch yémenglar, héch ichmenglar; men hem dédeklirimmu shundaq roza tutimiz. Andin kéyin men qanun’gha xilapliq qilip padishahning huzurigha kirimen, manga ölüm kelse, öley!».
شۇنىڭ بىلەن موردىكاي ئۇ يەردىن كېتىپ، ئەستەرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. | 17 |
Shuning bilen Mordikay u yerdin kétip, Esterning tapilighinidek qildi.