< ئەستەر 3 >
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋېروش ئاگاگىيلاردىن بولغان ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ مەنسىپىنى ئۆستۈردى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى قىلدى. | 1 |
After these things, King Ahasuerus promoted Haman son of Hammedatha the Agagite, and placed his seat of authority above all the officials who were with him.
پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئەمر قىلغاچقا، ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھاماننىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ باش ئۇراتتى؛ لېكىن موردىكاي بولسا ھامانغا نە تەزىم قىلمىدى، نە باش ئۇرمىدى. | 2 |
All the king's servants who were at the king's gate always knelt and prostrated themselves to Haman, as the king had ordered them to do. But Mordecai neither knelt nor prostrated himself.
ئوردا دەرۋازىسىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى موردىكايدىن: ــ سىلى نېمىشقا پادىشاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىدىلا؟ ــ دەپ سورايتتى. | 3 |
Then the king's servants who were at the king's gate said to Mordecai, “Why do you disobey the king's command?”
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ھەر كۈنى نەسىھەت قىلىشقان بولسىمۇ، ئۇ قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن، ئۇلار: ــ قېنى، موردىكاينىڭ قىلغان بۇ ئىشىغا يول قويۇلامدۇ-يوق، بىر كۆرەيلىچۇ، دەپ بۇنى ھامانغا ئېيتتى؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. | 4 |
They spoke with him day after day, but he refused to comply with their demands. So they spoke with Haman to see if the matter about Mordecai would remain like that, for he had told them that he was a Jew.
ھامان موردىكاينىڭ ئۆزىگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى. | 5 |
When Haman saw that Mordecai did not kneel and bow down to him, Haman was filled with rage.
لېكىن ئۇ «موردىكاينىڭ ئۈستىگە قول سېلىشنى كىچىككىنە بىر ئىش» دەپ ھېسابلىدى؛ چۈنكى ئۇلار موردىكاينىڭ مىللىتىنى ئۇنىڭغا دەپ قويغانىدى؛ شۇڭا ھامان ئاھاشۋېروشنىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقىدىكى يەھۇدىيلارنى، يەنى موردىكاينىڭ خەلقىنى بىراقلا يوقىتىش يولىنى ئىزدەپ يۈردى. | 6 |
He had contempt for the idea of killing only Mordecai, for the king's servants had told him who Mordecai's people were. Haman wanted to exterminate all the Jews, the people of Mordecai, who were in the entire kingdom of Ahasuerus.
پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا، بىرسى ھاماننىڭ ئالدىدا [قۇتلۇق] ئاي-كۈننى بېكىتىش ئۈچۈن ھەر كۈن، ھەر ئاي بويىچە «پۇر»، يەنى چەك تاشلىۋىدى، ئون ئىككىنچى ئايغا، يەنى «ئادار ئېيى»غا چىقتى. | 7 |
In the first month (which is the month of Nisan), in the twelfth year of King Ahasuerus, the Pur—that is the lot—was thrown before Haman, to select a day and month. They cast the lot over and over until the lot fell on the twelfth month (which is the month of Adar).
ھامان پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا: ــ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا چېچىلىپ ياشاۋاتقان بىر خەلق بار؛ ئۇلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى باشقا خەلقلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئالىيلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگىمۇ بويسۇنمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئالىيلىرىغا ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدۇ. | 8 |
Then Haman said to King Ahasuerus, “There is a certain people scattered and distributed among all the provinces of your kingdom. Their laws are different from those of other people, and they do not keep the king's laws, so it is not suitable for the king to let them stay.
ئەگەر پادىشاھىمغا لايىق كۆرۈنسە، ئۇلارنى يوقىتىش توغرۇلۇق يارلىق پۈتۈپ چۈشۈرگەيلا؛ مانا مەن ئۆز يېنىمدىن ئون مىڭ تالانت كۈمۈشنى ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە سېلىش ئۈچۈن پادىشاھلىقنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، دېدى. | 9 |
If it please the king, give a command to kill them, and I will weigh out ten thousand talents of silver into the hands of those who are in charge of the king's business, for them to put it into the king's treasury.”
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارمىقىدىن ئۈزۈكنى سىيرىپ چىقىرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ رەقىبى، ئاگاگىي ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بېرىپ: | 10 |
Then the king took the signet ring from his hand and gave it to Haman son of Hammedatha the Agagite, the enemy of the Jews.
ــ شۇ كۈمۈشلەرنى ئۆزۈڭگە ئىنئام قىلدىم، ئۇ خەلقنىمۇ ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇلارنى قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل! ــ دېدى. | 11 |
The king said to Haman, “I will see that the money is given back to you and your people. You will do with it whatever you wish.”
ئاندىن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھنىڭ مىرزىلىرى چاقىرىلىپ، يارلىق ھاماننىڭ بارلىق تاپىلىغىنى بويىچە پۈتۈلدى؛ ئۇ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئۆز يېزىقىدا، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلىدا يازدۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا، ھەربىر ئەل-مىللەتنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەۋەتىلدى؛ يارلىق پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن پېچەتلەندى. | 12 |
Then the king's scribes were summoned on the thirteenth day of the first month, and a decree containing all that Haman had commanded was written to the king's provincial governors, those who were over all the provinces, to the governors of all the various peoples, and to the officials of all the people, to every province in their own writing, and to every people in their own language. It was written in the name of King Ahasuerus and was sealed with his ring.
يارلىق مەكتۇپلىرى چاپارمەنلەرنىڭ قولى بىلەن پادىشاھلىقنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈلدى؛ ئۇنىڭدا بىر كۈن ئىچىدە ــ ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى قېرى-ياش، بالىلار ۋە ئاياللار دېمەي، بارلىق يەھۇدىيلارنى قويماي قىرىپ، ئۆلتۈرۈپ، نەسلى قۇرۇتۇۋېتىلسۇن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ئولجا قىلىنسۇن، دېيىلگەنىدى. | 13 |
Documents were hand-delivered by couriers to all the king's provinces, to annihilate, kill, and destroy all Jews, from young to old, children and women, in one day—on the thirteenth day of the twelfth month (which is the month of Adar)—and to plunder their possessions.
شۇ يارلىق ھەربىر ئۆلكىدە جاكارلىنىش ئۈچۈن، شۇنداقلا شۇ كۈنى ھەربىر خەلق شۇنداق قىلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ھەربىر ئەل-مىللەتكە ئېلان قىلىنماقچى بولدى. | 14 |
A copy of the letter was made law in every province. In every province it was made known to all the people that they should prepare for this day.
چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە دەرھال يولغا چىقتى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ چاغدا پادىشاھ ھامان بىلەن شاراب ئىچىشكە ئولتۇرغانىدى. لېكىن شۇشان شەھىرىدىكىلەر دەككە-دۈككىگە چۆمۈپ كېتىشتى. | 15 |
The couriers went out and hurried to distribute the king's order. The decree was also distributed within the fortress of Susa. The king and Haman sat down to drink, but the city of Susa was in turmoil.