< ئەستەر 2 >

بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ غەزىپى بېسىلغاندا، ئۇ ۋاشتىنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان يارلىقى ھەققىدە ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى. 1
Bu ishlar ötüp, padishah Ahashwéroshning ghezipi bésilghanda, u Washtini séghinip, uning qilghinini hem uning üstidin chiqirilghan yarliqi heqqide eslep oylinip qaldi.
شۇ سەۋەبتىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان غوجىدارلار ئۇنىڭغا: ــ ئالىيلىرى ئۈچۈن ساھىبجامال ياش قىزلارنى ئىزدەپ تېپىپ كەلتۈرگەيلا؛ 2
Shu sewebtin padishahning xizmitide turghan ghojidarlar uninggha: — Aliyliri üchün sahibjamal yash qizlarni izdep tépip keltürgeyla;
ئالىيلىرى پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بارلىق گۈزەل قىزلارنى يىغىپ، شۇشان قەلئەسىدىكى ھەرەمسارايغا كەلتۈرۈشكە ئەمەلدارلارنى تەيىنگەيلا؛ قىزلار ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاي؛ ئۇلارغا كېرەكلىك ئۇپا-ئەڭلىكلەر تەمىنلەنگەي. 3
aliyliri padishahliqidiki herqaysi ölkilerde barliq güzel qizlarni yighip, Shushan qel’esidiki heremsaraygha keltürüshke emeldarlarni teyin’geyla; qizlar ordidiki qiz-ayallargha mes’ul bolghan heremaghisi Hégayning qoligha tapshurulghay; ulargha kéreklik upa-englikler teminlen’gey.
ئالىيلىرىنى سۆيۈندۈرگەن قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خانىش بولسۇن، دېدى. بۇ گەپ پادىشاھنى خۇش قىلدى ۋە ئۇ شۇنداق قىلدى. 4
Aliylirini söyündürgen qiz Washtining ornini bésip xanish bolsun, dédi. Bu gep padishahni xush qildi we u shundaq qildi.
شۇشان قەلئەسىدە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، كىشنىڭ ئەۋرىسى، شىمەينىڭ نەۋرىسى، يائىرنىڭ ئوغلى موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بار ئىدى 5
Shushan qel’eside Binyamin qebilisidin, Kishning ewrisi, Shimeyning newrisi, Yairning oghli Mordikay isimlik bir Yehudiy bar idi
(كىش بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ بىلەن بىر توپ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمدىن ئەكەتكەندە، ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنىدى). 6
(Kish bolsa Babil padishahi Néboqadnesar Yehuda padishahi Yekoniyah bilen bir top kishilerni tutqun qilip Yérusalémdin eketkende, ular bilen bille esir qilinip kétilgenidi).
موردىكاي ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ھاداسساھنى (يەنى ئەستەر) بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. بۇ قىز گۈزەل، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئىدى؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. 7
Mordikay özining taghisining qizi Hadassahni (yeni Ester) béqip chong qilghanidi, chünki uning ata-anisi yoq idi. Bu qiz güzel, teqi-turqi kélishken idi; ata-anisi ölüp ketken bolghachqa Mordikay uni öz qizi qatarida béqip chong qilghanidi.
پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. 8
Padishahning emri we yarliqi jakarlan’ghandin kéyin nurghun qizlar Shushan qel’esige keltürülüp Hégayning qoligha tapshuruldi; shundaq boldiki, Estermu ordigha keltürülüp ordidiki qiz-ayallargha mes’ul bolghan Hégayning qoligha tapshuruldi.
ئەستەر ھېگايغا ياققان بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئۇ تېزلا ئۇنىڭغا ئۇپا-ئەڭلىك ۋە تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى تەمىنلىدى ھەم ئوردىدىن ئۇنىڭغا تاللانغان يەتتە كېنىزەكنى بەردى؛ ئاندىن ئۇنى كېنىزەكلىرى بىلەن ھەرەمساراينىڭ ئەڭ ئېسىل جايىدىن ئورۇن بەردى. 9
Ester Hégaygha yaqqan bolup, u uninggha iltipat körsetti; u tézla uninggha upa-englik we tégishlik yémekliklerni teminlidi hem ordidin uninggha tallan’ghan yette kénizekni berdi; andin uni kénizekliri bilen heremsarayning eng ésil jayidin orun berdi.
ئەستەر ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇنى ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىغانىدى. 10
Ester özining milliti we tégi-tektini héchkimge éytmidi, chünki Mordikay uninggha buni ashkarilimasliqni tapilighanidi.
موردىكاي ئەستەرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى ھەرەمساراينىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. 11
Mordikay Esterning hal-ehwalidin xewer tépish we uninggha qandaq muamile qilinidighanliqini bilish üchün, herküni heremsarayning hoylisi aldida aylinip yüretti.
قىزلارغا ئائىت رەسمىيەت بويىچە، ھەربىر قىزنىڭ ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ ئاھاشۋېروش بىلەن بىللە بولۇش نۆۋىتىدىن ئاۋۋال، ئون ئىككى ئاي بەدىنىنى تازىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى قىزلارنىڭ «تازىلىنىش كۈنلىرى» مۇنداق يول بىلەن ئادا قىلىناتتى: ــ ئالتە ئاي مۇرمەككى مېيى بىلەن، ئالتە ئاي ئەتىر-ئەڭلىك ۋە شۇنداقلا قىزلارنىڭ بەدىنىنى پاكىزلايدىغان باشقا بۇيۇملار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. 12
Qizlargha ait resmiyet boyiche, herbir qizning ordigha kirip padishah Ahashwérosh bilen bille bolush nöwitidin awwal, on ikki ay bedinini tazilishi kérek idi, chünki qizlarning «tazilinish künliri» mundaq yol bilen ada qilinatti: — alte ay murmekki méyi bilen, alte ay etir-englik we shundaqla qizlarning bedinini pakizlaydighan bashqa buyumlar bilen perdaz qilinishi kérek idi.
قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان چاغدا مۇنداق قائىدە بار ئىدى: ــ ئوردىغا كىرگەندە ئۇنىڭ نېمە تەلىپى بولسا، شۇلار ھەرەمسارايدىن ئۇنىڭغا بېرىلەتتى. 13
Qiz padishahning huzurigha kiridighan chaghda mundaq qaide bar idi: — Ordigha kirgende uning néme telipi bolsa, shular heremsaraydin uninggha bériletti.
قىز ئاخشىمى كىرىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قايتىپ چىققاندا ھەرەمساراينىڭ «ئىككىنچى بۆلۈم»ىگە قايتۇرۇلۇپ، توقال-كېنىزەكلەرگە مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى شائاشغازنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلاتتى؛ پادىشاھ ئۇ قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىپ، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرمىغۇچە، ئۇ ئىككىنچى ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن بىللە بولمايتتى. 14
Qiz axshimi kirip kétip, etisi etigende qaytip chiqqanda heremsarayning «ikkinchi bölüm»ige qayturulup, toqal-kénizeklerge mes’ul bolghan padishahning heremaghisi Shaashghazning qoligha tapshurulatti; padishah u qizgha amraq bolup qélip, ismini atap chaqirmighuche, u ikkinchi ordigha kirip padishah bilen bille bolmaytti.
موردىكاينىڭ تاغىسى ئابىخائىلنىڭ قىزى ئەستەر، يەنى موردىكاي ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋالغان قىزنىڭ پادىشاھ بىلەن بىللە بولۇشقا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇ قىزلارغا مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۆزىگە تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنى تەلەپ قىلمىدى. ئەستەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. 15
Mordikayning taghisi Abixailning qizi Ester, yeni Mordikay öz qizi qilip béqiwalghan qizning padishah bilen bille bolushqa kirish nöwiti kelgende, u qizlargha mes’ul bolghan padishahning heremaghisi Hégay özige teyyarlap bergen nersilerdin bashqa héchnersini telep qilmidi. Esterni körgenlerning hemmisi uni yaqturup qalatti.
پادىشاھ ئاھاشۋېروش سەلتەنەت سۈرۈپ يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىغا، يەنى تەبەت ئېيىغا كەلگەندە، ئەستەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا شاھانە ئوردىغا باشلاپ كىرىلدى. 16
Padishah Ahashwérosh seltenet sürüp yettinchi yilining oninchi éyigha, yeni Tebet éyigha kelgende, Ester uning bilen bille bolushqa shahane ordigha bashlap kirildi.
پادىشاھ ئەستەرنى باشقا بارلىق قىزلاردىن ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، شۇنداقلا ئەستەر ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ھەم ئامراقلىقىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، پادىشاھ خانىش تاجىنى ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ، ئۇنى ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلىپ تىكلىدى. 17
Padishah Esterni bashqa barliq qizlardin yaxshi körüp qalghachqa, shundaqla Ester uning iltipati hem amraqliqigha érishken bolghachqa, padishah xanish tajini uning béshigha kiydürüp, uni Washtining ornigha xanish qilip tiklidi.
ئاندىن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا ئەستەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بەردى؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى ھەمدە شاھانە بايلىقلىرىدىن سېخىيلىق بىلەن ئىنئاملارنى بەردى. 18
Andin padishah özining barliq emirliri we beg-hakimlirigha Esterning izzet-hörmiti üchün katta ziyapet berdi; u yene herqaysi ölkilerge baj-alwandin azad mezgil bolsun dep élan chiqardi hemde shahane bayliqliridin séxiyliq bilen in’amlarni berdi.
ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىتتا موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار بولغانىدى 19
Ikkinchi qétim qizlar shundaq yighilghan waqitta Mordikayning orda derwazisida olturidighan orni bar bolghanidi
(ئەستەر موردىكاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى يەنىلا باشقىلارغا ئېيتمىغانىدى؛ چۈنكى ئەستەر موردىكاينىڭ گېپىنى ئىلگىرى باققان ۋاقتىدا ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتى). 20
(Ester Mordikayning tapilighini boyiche, özining milliti we tégi-tektini yenila bashqilargha éytmighanidi; chünki Ester Mordikayning gépini ilgiri baqqan waqtida anglighandek anglaytti).
ئۇ كۈنلەردە، موردىكاي ئوردا دەرۋازىسىدىكى ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، پادىشاھنىڭ بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ھەرەمئاغىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىشنى قەستلەۋاتقانىدى. 21
U künlerde, Mordikay orda derwazisidiki ornida olturghan waqtida, padishahning Bigtan we Teresh dégen ikki derwaziwen heremaghisi padishah Ahashwéroshqa ghezeplinip, uninggha qol sélishni qestlewatqanidi.
بۇ سۇيىقەستنى موردىكاي سېزىپ قېلىپ، ئۇنى خانىش ئەستەرگە ئېيتتى؛ ئەستەر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا سۆزلەپ بەردى. 22
Bu suyiqestni Mordikay sézip qélip, uni xanish Esterge éytti; Ester bu ishni Mordikayning namida padishahqa sözlep berdi.
بۇ ئىش سۈرۈشتە قىلىنىۋىدى، راست بولۇپ چىقتى ۋە ئۇ ئىككىسى دارغا ئېسىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا تارىخ-تەزكىرە كىتابىدا پۈتۈلدى. 23
Bu ish sürüshte qiliniwidi, rast bolup chiqti we u ikkisi dargha ésildi. Bu weqe padishahning köz aldida tarix-tezkire kitabida pütüldi.

< ئەستەر 2 >