< ئەستەر 2 >
بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ غەزىپى بېسىلغاندا، ئۇ ۋاشتىنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان يارلىقى ھەققىدە ئەسلەپ ئويلىنىپ قالدى. | 1 |
Passadas estas coisas, e apaziguado já o furor do rei Assuero, lembrou-se de Vasthi, e do que fizera, e do que se tinha decretado a seu respeito.
شۇ سەۋەبتىن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە تۇرغان غوجىدارلار ئۇنىڭغا: ــ ئالىيلىرى ئۈچۈن ساھىبجامال ياش قىزلارنى ئىزدەپ تېپىپ كەلتۈرگەيلا؛ | 2 |
Então disseram os mancebos do rei, que lhe serviam: Busquem-se para o rei moças virgens, formosas à vista.
ئالىيلىرى پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بارلىق گۈزەل قىزلارنى يىغىپ، شۇشان قەلئەسىدىكى ھەرەمسارايغا كەلتۈرۈشكە ئەمەلدارلارنى تەيىنگەيلا؛ قىزلار ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغاي؛ ئۇلارغا كېرەكلىك ئۇپا-ئەڭلىكلەر تەمىنلەنگەي. | 3 |
E ponha o rei comissários em todas as províncias do seu reino, que ajuntem a todas as moças virgens, formosas à vista, na fortaleza de Susan, na casa das mulheres, debaixo da mão de Hegai, eunuco do rei, guarda das mulheres, e dêem-se-lhes os seus enfeites.
ئالىيلىرىنى سۆيۈندۈرگەن قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خانىش بولسۇن، دېدى. بۇ گەپ پادىشاھنى خۇش قىلدى ۋە ئۇ شۇنداق قىلدى. | 4 |
E a moça que parecer bem aos olhos do rei, reine em lugar de Vasthi. E isto pareceu bem aos olhos do rei, e assim fez.
شۇشان قەلئەسىدە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، كىشنىڭ ئەۋرىسى، شىمەينىڭ نەۋرىسى، يائىرنىڭ ئوغلى موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بار ئىدى | 5 |
Havia então um homem judeu na fortaleza de Susan, cujo nome era mardoqueu, filho de Jair, filho de Simei, filho de Kis, homem benjamita,
(كىش بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ بىلەن بىر توپ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ يېرۇسالېمدىن ئەكەتكەندە، ئۇلار بىلەن بىللە ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنىدى). | 6 |
Que fôra transportado de Jerusalém, com os transportados que foram transportados com Jechonias, rei de Judá, o qual transportara Nabucodonosor, rei de Babilônia.
موردىكاي ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ھاداسساھنى (يەنى ئەستەر) بېقىپ چوڭ قىلغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. بۇ قىز گۈزەل، تەقى-تۇرقى كېلىشكەن ئىدى؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قاتارىدا بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. | 7 |
Este criara a Hadassa (que é Esther, filha de seu tio), porque não tinha pai nem mãe: e era moça bela de parecer, e formosa à vista; e, morrendo seu pai e sua mãe, mardoqueu a tomara por sua filha
پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋە يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار شۇشان قەلئەسىگە كەلتۈرۈلۈپ ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئەستەرمۇ ئوردىغا كەلتۈرۈلۈپ ئوردىدىكى قىز-ئاياللارغا مەسئۇل بولغان ھېگاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. | 8 |
Sucedeu pois que, divulgando-se o mandado do rei e a sua lei, e ajuntando-se muitas moças na fortaleza de Susan, debaixo da mão de Hegai, também levaram Esther à casa do rei, debaixo da mão de Hegai, guarda das mulheres.
ئەستەر ھېگايغا ياققان بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئۇ تېزلا ئۇنىڭغا ئۇپا-ئەڭلىك ۋە تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى تەمىنلىدى ھەم ئوردىدىن ئۇنىڭغا تاللانغان يەتتە كېنىزەكنى بەردى؛ ئاندىن ئۇنى كېنىزەكلىرى بىلەن ھەرەمساراينىڭ ئەڭ ئېسىل جايىدىن ئورۇن بەردى. | 9 |
E a moça pareceu formosa aos seus olhos, e alcançou graça perante ele; pelo que se apressurou com os seus enfeites, e em lhe dar os seus quinhões, como também em lhe dar sete moças de respeito da casa do rei: e a fez passar com as suas moças ao melhor lugar da casa das mulheres.
ئەستەر ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇنى ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىغانىدى. | 10 |
Esther porém não declarou o seu povo e a sua parentela; porque mardoqueu lhe tinha ordenado que o não declarasse.
موردىكاي ئەستەرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى ھەرەمساراينىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. | 11 |
E passeava mardoqueu cada dia diante do pátio da casa das mulheres, para se informar de como Esther passava, e do que lhe sucederia.
قىزلارغا ئائىت رەسمىيەت بويىچە، ھەربىر قىزنىڭ ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ ئاھاشۋېروش بىلەن بىللە بولۇش نۆۋىتىدىن ئاۋۋال، ئون ئىككى ئاي بەدىنىنى تازىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى قىزلارنىڭ «تازىلىنىش كۈنلىرى» مۇنداق يول بىلەن ئادا قىلىناتتى: ــ ئالتە ئاي مۇرمەككى مېيى بىلەن، ئالتە ئاي ئەتىر-ئەڭلىك ۋە شۇنداقلا قىزلارنىڭ بەدىنىنى پاكىزلايدىغان باشقا بۇيۇملار بىلەن پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. | 12 |
E, chegando já a vez de cada moça, para vir ao rei Assuero, depois que fôra feito a ela segundo a lei das mulheres, por doze meses (porque assim se cumpriam os dias das suas purificações), seis meses com óleo de mirra, e seis meses com especiarias, e com as coisas para a purificação das mulheres:
قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان چاغدا مۇنداق قائىدە بار ئىدى: ــ ئوردىغا كىرگەندە ئۇنىڭ نېمە تەلىپى بولسا، شۇلار ھەرەمسارايدىن ئۇنىڭغا بېرىلەتتى. | 13 |
Desta maneira pois entrava a moça ao rei: tudo quanto ela dizia se lhe dava, para se ir com aquilo da casa das mulheres à casa do rei:
قىز ئاخشىمى كىرىپ كېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قايتىپ چىققاندا ھەرەمساراينىڭ «ئىككىنچى بۆلۈم»ىگە قايتۇرۇلۇپ، توقال-كېنىزەكلەرگە مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى شائاشغازنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلاتتى؛ پادىشاھ ئۇ قىزغا ئامراق بولۇپ قېلىپ، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرمىغۇچە، ئۇ ئىككىنچى ئوردىغا كىرىپ پادىشاھ بىلەن بىللە بولمايتتى. | 14 |
Á tarde entrava, e pela manhã tornava à segunda casa das mulheres, debaixo da mão de Saasgaz, eunuco do rei, guarda das concubinas: não tornava mais ao rei, salvo se o rei a desejasse, e fosse chamada por nome
موردىكاينىڭ تاغىسى ئابىخائىلنىڭ قىزى ئەستەر، يەنى موردىكاي ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋالغان قىزنىڭ پادىشاھ بىلەن بىللە بولۇشقا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ئۇ قىزلارغا مەسئۇل بولغان پادىشاھنىڭ ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۆزىگە تەييارلاپ بەرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچنەرسىنى تەلەپ قىلمىدى. ئەستەرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. | 15 |
Chegando pois a vez de Esther, filha de Abihail, tio de mardoqueu (que a tomara por sua filha), para ir ao rei, coisa nenhuma pediu, senão o que disse Hegai, eunuco do rei, guarda das mulheres: e alcançava Esther graça aos olhos de todos quantos a viam.
پادىشاھ ئاھاشۋېروش سەلتەنەت سۈرۈپ يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىغا، يەنى تەبەت ئېيىغا كەلگەندە، ئەستەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا شاھانە ئوردىغا باشلاپ كىرىلدى. | 16 |
Assim foi levada Esther ao rei Assuero, à sua casa real, no décimo mes, que é o mês de tebeth, no sétimo ano do seu reinado.
پادىشاھ ئەستەرنى باشقا بارلىق قىزلاردىن ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا، شۇنداقلا ئەستەر ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ھەم ئامراقلىقىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، پادىشاھ خانىش تاجىنى ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ، ئۇنى ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلىپ تىكلىدى. | 17 |
E o rei amou a Esther mais do que a todas as mulheres, e alcançou perante ele graça e benevolência mais do que todas as virgens: e pôs a coroa real na sua cabeça, e a fez rainha em lugar de Vasthi.
ئاندىن پادىشاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا ئەستەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بەردى؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە باج-ئالۋاندىن ئازاد مەزگىل بولسۇن دەپ ئېلان چىقاردى ھەمدە شاھانە بايلىقلىرىدىن سېخىيلىق بىلەن ئىنئاملارنى بەردى. | 18 |
Então o rei fez um grande convite a todos os seus príncipes e aos seus servos, que era o convite de Esther: e deu repouso às províncias, e fez presentes segundo o estado do rei.
ئىككىنچى قېتىم قىزلار شۇنداق يىغىلغان ۋاقىتتا موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسىدا ئولتۇرىدىغان ئورنى بار بولغانىدى | 19 |
E ajuntando-se segunda vez as virgens, mardoqueu estava assentado à porta do rei.
(ئەستەر موردىكاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە تېگى-تەكتىنى يەنىلا باشقىلارغا ئېيتمىغانىدى؛ چۈنكى ئەستەر موردىكاينىڭ گېپىنى ئىلگىرى باققان ۋاقتىدا ئاڭلىغاندەك ئاڭلايتتى). | 20 |
Esther porém não declarava a sua parentela e o seu povo, como mardoqueu lhe ordenara: porque Esther fazia o mandado de mardoqueu, como quando a criara.
ئۇ كۈنلەردە، موردىكاي ئوردا دەرۋازىسىدىكى ئورنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا، پادىشاھنىڭ بىگتان ۋە تەرەش دېگەن ئىككى دەرۋازىۋەن ھەرەمئاغىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشقا غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىشنى قەستلەۋاتقانىدى. | 21 |
Naqueles dias, assentando-se mardoqueu à porta do rei, dois eunucos do rei, dos guardas da porta, Bigthan e Theres, grandemente se indignaram, e procuraram pôr as mãos no rei Assuero.
بۇ سۇيىقەستنى موردىكاي سېزىپ قېلىپ، ئۇنى خانىش ئەستەرگە ئېيتتى؛ ئەستەر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا سۆزلەپ بەردى. | 22 |
E veio isto ao conhecimento de mardoqueu, e ele fez saber à rainha Esther, e Esther o disse ao rei, em nome de mardoqueu.
بۇ ئىش سۈرۈشتە قىلىنىۋىدى، راست بولۇپ چىقتى ۋە ئۇ ئىككىسى دارغا ئېسىلدى. بۇ ۋەقە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا تارىخ-تەزكىرە كىتابىدا پۈتۈلدى. | 23 |
E inquiriu-se o negócio, e se descobriu, e ambos foram enforcados numa forca: e foi escrito nas crônicas perante o rei.