< ئەستەر 10 >
پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى. | 1 |
Padixaⱨ Aⱨaxwerox ⱪuruⱪluⱪ wǝ dengiz aralliridiki aⱨalilǝrning ⱨǝmmisigǝ alwan tɵligüzǝtti.
ئۇنىڭ نوپۇز-ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ | 2 |
Uning nopuz-ⱨǝywiti wǝ ⱪudritini ayan ⱪilƣan barliⱪ ⱪilƣan-ǝtkǝnliri, xundaⱪla Mordikayning padixaⱨning ɵstürüxi bilǝn erixkǝn katta xɵⱨriti toƣrisidiki tǝpsilatlar Media wǝ Pars padixaⱨlirining tarih-tǝzkiriliridǝ pütülgǝn ǝmǝsmu?
چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى. | 3 |
Qünki Yǝⱨudiy Mordikayning mǝrtiwisi padixaⱨ Aⱨaxweroxtin keyinla ikkinqi orunda turatti; u daim ɵz hǝlⱪ-millitining bǝhtini kɵzlǝp, barliⱪ nǝslidikilǝrgǝ aman-esǝnlik tilǝk sɵzlirini ⱪilatti, Yǝⱨudiylarning arisida zor izzǝt-ⱨɵrmǝt tepip, ⱪerindaxlirining ⱪǝdirlixigǝ erixkǝnidi.