< ئەستەر 10 >

پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى. 1
Och konung Ahasveros tog skatt både av fastlandet och av öarna i havet.
ئۇنىڭ نوپۇز-ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ 2
Och allt vad han i sin makt och sin väldighet gjorde, ävensom berättelsen om den storhet, till vilken konungen upphöjde Mordokai, det finnes upptecknat i de mediska och persiska konungarnas krönika.
چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق-مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت-ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى. 3
Ty juden Mordokai var konung Ahasveros' närmaste man, och han var stor bland judarna och älskad av alla sina bröder, eftersom han sökte sitt folks bästa och lade sig ut för alla sina landsmän till deras välfärd.

< ئەستەر 10 >