< ئەستەر 1 >
ئاھاشۋېروش (ھىندىستاندىن ھەبەشىستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاھاشۋېروش)نىڭ تەختتىكى كۈنلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بولدى: ــ | 1 |
In the days of Assuerus, who reigned from India to Ethiopia over a hundred and twenty-seven provinces:
شۇ كۈنلەردە، ئۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇشان قەلئەسىدىكى شاھانە تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، | 2 |
When he sat on the throne of his kingdom, the city Susan was the capital of his kingdom.
ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. | 3 |
Now in the third year of his reign he made a great feast for all the princes, and for his servants, for the most mighty of the Persians, and the nobles of the Medes, and the governors of the provinces in his sight,
ئۇ سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى كۆپ كۈنلەر، يەنى بىر يۈز سەكسەن كۈن كۆرگەزمە قىلدى. | 4 |
That he might shew the riches of the glory of his kingdom, and the greatness, and boasting of his power, for a long time, to wit, for a hundred and fourscore days.
بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پادىشاھ يەنە شۇشان قەلئەسىدىكى بارلىق خەلققە چوڭ-كىچىك دېمەي، ئوردىنىڭ چاربېغىدىكى ھويلىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. | 5 |
And when the days of the feast were expired, he invited all the people that were found in Susan, from the greatest to the least: and commanded a feast to be made seven days in the court of the garden, and of the wood, which was planted by the care and the hand of the king.
ئۇ يەر ئاق ۋە كۆك كەندىر يىپتىن توقۇلغان پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن كۈمۈش ھالقىلارغا ئاق رەڭلىك كەندىر يىپ ۋە سۆسۈن يۇڭلۇق شوينىلار بىلەن ئېسىلغانىدى؛ ئاق قاشتاش ۋە ئاق مەرمەر تاشلار، سەدەپ ۋە قارا مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان مەيدان ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان دىۋانلار قويۇلغانىدى. | 6 |
And there were hung up on every side sky coloured, and green, and violet hangings, fastened with cords of silk, and of purple, which were put into rings of ivory, and were held up with marble pillars. The beds also were of gold and silver, placed in order upon a floor paved with porphyry and white marble: which was embellished with painting of wonderful variety.
ئىچىملىكلەر ئالتۇن جاملاردا تۇتۇپ ئىچىلەتتى؛ جاملار بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى؛ شاھانە مەي-شارابلار پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىگە يارىشا مول ئىدى. | 7 |
And they that were invited, drank in golden cups, and the meats were brought in divers vessels one after another. Wine also in abundance and of the best was presented, as was worthy of a king’s magnificence.
شاراب ئىچىش قائىدىسى بويىچە، زورلاشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى؛ چۈنكى پادىشاھ ئوردىدىكى بارلىق غوجىدارلارغا، ھەركىمنىڭ ئىچىشى ئۆز خاھىشى بويىچە بولسۇن، دەپ بېكىتىپ بەرگەنىدى. | 8 |
Neither was there any one to compel them to drink that were not willing, but as the king had appointed, who set over every table one of his nobles, that every man might take what he would.
خانىش ۋاشتىمۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن زىياپەت بەردى. | 9 |
Also Vasthi the queen made a feast for the women in the palace, where king Assuerus was used to dwell.
يەتتىنچى كۈنى ئاھاشۋېروش پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار، كاركاس دېگەن يەتتە ھەرەمئاغىسىنى | 10 |
Now on the seventh day, when the king was merry, and after very much drinking was well warmed with wine, he commanded Mauman, and Bazatha, and Harbona, and Bagatha, and Abgatha, and Zethar, and Charcas, the seven eunuchs that served in his presence,
خانىش ۋاشتىنىڭ پۇقرالار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا گۈزەللىكىنى كۆرسەتسۇن دەپ، ئۇنى خانىشلىق تاجىنى كىيىپ كېلىشكە چارقىرغىلى ئەۋەتتى؛ چۈنكى ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. | 11 |
To bring in queen Vasthi before the king, with the crown set upon her head, to shew her beauty to all the people and the princes: for she was exceeding beautiful.
لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ كېلىشنى رەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرى ئۆرلىدى. | 12 |
But she refused, and would not come at the king’s commandment, which he had signified to her by the eunuchs. Whereupon the king, being angry, and inflamed with a very great fury,
شۇ ۋاقىتلاردا پادىشاھنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق قانۇن-ئەھكاملارنى پىششىق بىلگەنلەردىن مەسلىھەت سوراش ئادىتى بار ئىدى؛ شۇڭا پادىشاھ ۋەزىيەتنى پىششىق چۈشىنىدىغان دانىشمەنلەردىن سورىدى | 13 |
Baked the wise men, who according to the custom of the kings, were always near his person, and all he did was by their counsel, who knew the laws, and judgments of their forefathers:
(ئۇ چاغدا دانىشمەنلەردىن ئۇنىڭ يېنىدا كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسېنا، مەمۇكان قاتارلىق يەتتە پارس بىلەن مېدىئانىڭ ئەمىرلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى، پادىشاھلىقتا ئۇلار ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى). | 14 |
(Now the chief and nearest him were, Charsena, and Sethar, and Admatha, and Tharsis, and Mares, and Marsana, and Mamuchan, seven princes of the Persians, and of the Medes, who saw the face of the king, and were used to sit first after him: )
پادىشاھ ئۇلاردىن: ــ خانىش ۋاشتى مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرەمئاغىلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىم بويىچە ئىش قىلمىغىنى ئۈچۈن ئۇنى قانۇن بويىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. | 15 |
What sentence ought to pass upon Vasthi the queen, who had refused to obey the commandment of king Assuerus, which he had sent to her by the eunuchs?
مەمۇكان پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا جاۋاپ بېرىپ: ــ خانىش ۋاشتى ئالىيلىرىنىڭ زىتىغا تېگىپلا قالماي، بەلكى پادىشاھىمىز ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭمۇ زىتىغا تەگدى. | 16 |
And Mamuchan answered, in the hearing of the king and the princes: Queen Vasthi hath not only injured the king, but also all the people and princes that are in all the provinces of king Assuerus.
چۈنكى خانىشنىڭ شۇ قىلغىنى بارلىق ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، ئۇلار «پادىشاھ ئاھاشۋېروش: «خانىشى ۋاشتىنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ ئەمر قىلسا، ئۇ كەلمەپتۇ!» دەپ ئۆز ئەرلىرىنى مەنسىتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. | 17 |
For this deed of the queen will go abroad to all women, so that they will despise their husbands, and will say: King Assuerus commanded that queen Vasthi should come in to him, and she would not.
پارس ۋە مېدىئادىكى مەلىكە-خانىملار خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ، بۈگۈنلا پادىشاھنىڭ بارلىق بەگ-ئەمىرلىرىگە شۇنىڭغا ئوخشاش دەيدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ. | 18 |
And by this example all the wives of the princes of the Persians and the Medes will slight the commandments of their husbands: wherefore the king’s indignation is just.
پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىدىن مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرۈلسۇن، شۇنىڭدەك ئۇ پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى، ۋاشتى ئىككىنچى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەي؛ ئۇنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىن ياخشى بىرسىگە بېرىلگەي. | 19 |
If it please thee, let an edict go out from thy presence, and let it be written according to the law of the Persians and of the Medes, which must not be altered, that Vasthi come in no more to the king, but another, that is better than her, be made queen in her place.
ئالىيلىرىنىڭ جاكارلىغان يارلىقى پۈتۈن سەلتەنىتىگە يېتىپ ئاڭلانغان ھامان (ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى بىپايان بولسىمۇ)، ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېرىگە، مەيلى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، ــ دېدى. | 20 |
And let this be published through all the provinces of thy empire, (which is very wide, ) and let all wives, as well of the greater as of the lesser, give honour to their husbands.
مەمۇكاننىڭ بۇ گېپى پادىشاھ بىلەن ئەمىرلىرىنى خۇش قىلدى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئىش كۆردى. | 21 |
His counsel pleased the king, and the princes: and the king did according to the counsel of Mamuchan.
ئۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە، ھەربىر ئۆلگىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلى بىلەن خەتلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىر ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسى ئىچىدە خوجايىن بولسۇن، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» دېگەن ئەمرنى چۈشۈردى. | 22 |
And he sent letters to all the provinces of his kingdom, as every nation could hear and read, in divers languages and characters, that the husbands should be rulers and masters in their houses: and that this should be published to every people.