< ئەفەسۇسلۇقلارغا 1 >
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلارغا سالام! | 1 |
Պօղոս, Աստուծոյ կամքով Յիսուս Քրիստոսի առաքեալ, Եփեսոսի մէջ եղած սուրբերուն ու Քրիստոս Յիսուսով հաւատարիմներուն.
ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 2 |
շնորհք եւ խաղաղութիւն ձեզի Աստուծմէ՝ մեր Հօրմէն, ու Տէր Յիսուս Քրիստոսէ:
بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى مۇبارەك بولغاي! | 3 |
Օրհնեա՜լ ըլլայ Աստուած եւ մեր Տէրոջ՝ Յիսուս Քրիստոսի Հայրը, որ Քրիստոսով օրհնեց մեզ ամէն տեսակ հոգեւոր օրհնութիւններով՝ երկնային վայրերու մէջ,
چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛ | 4 |
ինչպէս անով ընտրեց մեզ աշխարհի հիմնադրութենէն առաջ, որպէսզի մենք իր առջեւ սուրբ եւ անարատ ըլլանք սիրոյ մէջ:
ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛ | 5 |
Նախասահմանեց մեզ իր որդեգրութեան՝ Յիսուս Քրիստոսի միջոցով, իր կամքին բարեհաճութեան համաձայն,
بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى. | 6 |
որպէսզի գովաբանենք իր շնորհքին փառքը. անո՛վ ընդունելի դարձուց մեզ՝ Սիրելիին միջոցով:
بىز ئۇنىڭدا [ئاتىنىڭ] مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق؛ | 7 |
Իրմով մենք ունինք ազատագրութիւն՝ իր արիւնին միջոցով, ու մեղքերու ներում՝ իր շնորհքին ճոխութեան համեմատ.
ئۇ [بۇ مېھىر-شەپقەتنى] بارلىق دانالىق ھەم پەم-پاراسەت بىلەن بىزگە زور تارتۇقلىدىكى، | 8 |
անո՛վ ճոխացուց մեզ՝ ամբողջ իմաստութեամբ եւ ուշիմութեամբ:
ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە ئىرادىسىدىكى سىرنى، يەنى ۋاقىت-زامانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى؛ | 9 |
Գիտցուց մեզի իր կամքին խորհուրդը՝ իր բարեհաճութեան համաձայն, որ իր մէջ՝՝ առաջադրած էր.
որպէսզի ժամանակներու լրումին տնտեսութեան մէջ՝ Քրիստոսով համախմբէ ամէն բան, անոր մէջ միացնէ թէ՛ երկինքի մէջ եղողները, թէ՛ երկրի վրայ եղողները:
ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛ | 11 |
Անով ստացանք նաեւ ժառանգութիւն մը, նախասահմանուած ըլլալով համաձայն առաջադրութեան անո՛ր՝ որ կը ներգործէ ամէն բան իր կամքին ծրագիրին համաձայն,
شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛ | 12 |
որպէսզի մենք՝ նախապէս Քրիստոսի ապաւինողներս՝ գովութիւն ըլլանք իր փառքին:
ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ــ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. | 13 |
Դո՛ւք ալ ապաւինեցաք անոր՝ երբ լսեցիք ճշմարտութեան խօսքը, ձեր փրկութեան աւետարանը, եւ հաւատալէ ետք անոր՝ կնքուեցաք խոստացեալ Սուրբ Հոգիով,
خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ. | 14 |
որ մեր ժառանգութեան գրաւականն է մինչեւ ստացուածքին ազատագրութիւնը՝ իր փառքին գովութեան համար:
شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ، | 15 |
Ուստի ես ալ, լսելէ ետք Տէր Յիսուսի վրայ ձեր ունեցած հաւատքին ու բոլոր սուրբերուն հանդէպ ձեր ունեցած սիրոյն մասին,
دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛ | 16 |
չեմ դադրիր շնորհակալ ըլլալէ ձեզի համար՝ յիշելով ձեզ իմ աղօթքներուս մէջ.
تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي، | 17 |
որպէսզի մեր Տէրոջ՝ Յիսուս Քրիստոսի Աստուածը, փառքի Հայրը, տայ ձեզի իմաստութեան եւ յայտնութեան հոգին՝ իր գիտակցութեամբ:
شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى | 18 |
Որպէսզի ձեր միտքին աչքերը լուսաւորուելով՝ գիտնաք թէ ի՛նչ է անոր կոչումին յոյսը, ի՛նչ է անոր ժառանգութեան փառքին ճոխութիւնը՝ սուրբերուն մէջ,
ۋە ئۇنىڭ ئىشەنگۈچى بىزلەرگە زور كۈچى بىلەن قاراتقان قۇدرىتىنىڭ ھېسابسىز بۈيۈكلۈكىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر؛ | 19 |
եւ ի՛նչ է իր զօրութեան գերազանց մեծութիւնը հաւատացեալներուս մէջ՝ գործադրութեան համեմատ իր ուժեղ զօրութեան,
دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛ | 20 |
որ ներգործեց Քրիստոսի մէջ՝ երբ մեռելներէն յարուցանեց զայն ու բազմեցուց իր աջ կողմը՝ երկինքի մէջ,
پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛ (aiōn ) | 21 |
ամէն պետութենէ, իշխանութենէ, զօրութենէ եւ տէրութենէ շատ աւելի վեր, ու ամէն անունէ վեր՝ որ կ՚անուանուի, ո՛չ միայն այս աշխարհին մէջ, հապա նաեւ գալիքին մէջ: (aiōn )
بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان. | 22 |
Դրաւ ամէն բան անոր ոտքերուն տակ, ու տուաւ զայն՝ իբր գլուխ ամէն բանի վրայ՝ եկեղեցիին,
جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر. | 23 |
որ անոր մարմինն է, լրումը անոր՝ որ կը լեցնէ ամէն ինչ՝ բոլորին մէջ: