< ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 6 >

بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. 1
I barn, varer hörige edra föräldrar i Herranom; ty det är rättvist.
«ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» ــ بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ 2
Hedra din fader och moder; hvilket är det första bud, som löfte med sig hafver:
«شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» ــ [دەپ ۋەدە قىلىنغان]. 3
På det dig skall väl gå, och du må blifva långlifvad på jordene.
سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار. 4
I fäder, reter icke edor barn till vrede; utan uppföder dem i tukt och Herrans förmaning.
سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛ 5
I tjenare, varer hörige edrom lekamligom herrom med räddhåga och bäfvan, i edor hjertas enfaldighet, såsom Christo;
پەقەت كۆز ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئادەمنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى مەسىھنىڭ قۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى جان-دىل بىلەن بەجا كەلتۈرۈڭلار، 6
Icke tjenande allena för ögonen, såsom menniskom till vilja; utan såsom Christi tjenare, görande det Gud vill utaf hjertat.
ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى رەبگە چىن دىلىڭلاردىن خىزمەت قىلىڭلار؛ 7
Med välviljoghet låter eder tycka, att I tjenen Herranom, och icke menniskom;
شۇنى بىلگەنكى، ھەرقانداق ئادەم بىرەر ياخشىلىق قىلسا، مەيلى ئۇ قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، شۇ ئىش رەبدىن ئۇنىڭغا يانىدۇ. 8
Vetande, att hvad godt hvar och en gör, det skall han igenfå af Herranom, ehvad han är tjenare eller fri.
سىلەر خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغىمۇ ئوخشاش يول بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ خوجايىنىڭلار ئەرشتىدۇر، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلىسىلەر. 9
Och I herrar, görer ock detsamma emot dem, och öfvergifver trug; vetande, att ock edar Herre är i himmelen, och för honom är intet anseende till personen.
ئاخىردا، قېرىنداشلار، رەبدە ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە كۈچلەندۈرلۈڭلار؛ 10
På det sista, käre bröder, varer starke i Herranom, och i hans starkhets magt.
ئىبلىسنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پۈتكۈل ساۋۇت-يارىغىنى كىيىۋېلىڭلار؛ 11
Ikläder eder allt Guds harnesk, på det I mågen stå emot djefvulens listiga anlopp.
چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر. (aiōn g165) 12
Ty vi hafvom icke strid emot kött och blod; utan emot Förstar och väldiga, nämliga emot verldenes herrar, de som regera i denna verldenes mörker, emot de onda andar under himmelen. (aiōn g165)
مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر. 13
Derföre, tager på eder allt Guds harnesk, att I mågen emotstå i den onda dagen, och all ting väl uträtta, och beståndande blifva.
ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ــ ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار. 14
Så står nu omgjordade kringom edra länder med sanningene, och iklädde rättfärdighetenes kräfveto;
15
Och fötterna skodde, att I mågen redo vara till fridsens Evangelium.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر. 16
Men öfver all ting tager trones sköld, med hvilkom I kunnen utsläcka all hins ondas glödande skott.
ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛ 17
Och tager på eder salighetenes hjelm, och Andans svärd, som är Guds ord;
ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛ 18
I all bön och åkallan, alltid bedjande i Andanom; och vaker dertill, med all idkelighet, och bön för all helgon;
مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ــ ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي. 19
Och för mig, att mig måtte gifvet varda tala dristeliga med öppen mun, att jag måtte kunniga göra Evangelii hemlighet;
مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە] دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار]. 20
Hvilkets bådskap jag är i denna kedjon; på det jag deruti må fri tala, som mig bör tala.
ئەمدى مېنىڭ توغرامدىكى ئىشلاردىن، مېنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋەرلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار بولغان تىكىكۇس سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. 21
Men på det I mågen ock veta, huru med oss tillstår, och hvad jag gör, skall Tychicus, min älskelige broder och trogne tjenare i Herranom, eder undervisa;
مېنىڭ ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىڭلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلۈڭلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈندۇر. 22
Hvilken jag derföre sände till eder, att I skolen få veta, huru med mig tillstår; och att han skulle trösta edor hjerta.
قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھدىن بولغاي! 23
Frid vare bröderna, och kärlek med trone, af Gud Fader och Herranom Jesu Christo.
رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي! 24
Nåd vare med allom, som vår Herra Jesum Christum rättsinneliga kär hafva. Amen.

< ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 6 >