< ئەفەسۇسلۇقلارغا 6 >
بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. | 1 |
Dziatki! bądźcie posłuszne rodzicom waszym w Panu; boć to jest sprawiedliwa.
«ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» ــ بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ | 2 |
Czcij ojca twego i matkę (toć jest pierwsze przykazanie z obietnicą).
«شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» ــ [دەپ ۋەدە قىلىنغان]. | 3 |
Aby ci się dobrze działo i abyś długo żył na ziemi.
سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار. | 4 |
A wy ojcowie! nie pobudzajcie do gniewu dziatek waszych, ale je wychowujcie w karności i w napominaniu Pańskiem.
سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛ | 5 |
Słudzy! posłuszni bądźcie panom według ciała, z bojaźnią i ze drżeniem w prostości serca waszego, jako Chrystusowi;
پەقەت كۆز ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئادەمنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى مەسىھنىڭ قۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى جان-دىل بىلەن بەجا كەلتۈرۈڭلار، | 6 |
Nie na oko służąc, jako ci, którzy się ludziom podobać chcą, ale jako słudzy Chrystusowi, czyniąc z duszy wolę Bożą.
ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى رەبگە چىن دىلىڭلاردىن خىزمەت قىلىڭلار؛ | 7 |
Z dobrą wolą służąc jako Panu a nie ludziom;
شۇنى بىلگەنكى، ھەرقانداق ئادەم بىرەر ياخشىلىق قىلسا، مەيلى ئۇ قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، شۇ ئىش رەبدىن ئۇنىڭغا يانىدۇ. | 8 |
Wiedząc, iż każdy, co by uczynił dobrego, za to odniesie nagrodę od Pana, choć niewolnik, choć wolny.
سىلەر خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغىمۇ ئوخشاش يول بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ خوجايىنىڭلار ئەرشتىدۇر، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلىسىلەر. | 9 |
A wy panowie! także się zachowujcie przeciwko nim, odpuszczając groźby, wiedząc, że i wy sami macie Pana w niebiesiech, a względu na osoby u niego nie masz.
ئاخىردا، قېرىنداشلار، رەبدە ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە كۈچلەندۈرلۈڭلار؛ | 10 |
Na ostatek, bracia moi! zmacniajcie się w Panu i w sile mocy jego;
ئىبلىسنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پۈتكۈل ساۋۇت-يارىغىنى كىيىۋېلىڭلار؛ | 11 |
Obleczcie się w zupełną zbroję Bożą, abyście mogli stać przeciwko zasadzkom dyjabelskim.
چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر. (aiōn ) | 12 |
Albowiem nie mamy boju przeciwko krwi i ciału, ale przeciwko księstwom, przeciwko zwierzchnościom, przeciwko dzierżawcom świata ciemności wieku tego, przeciwko duchownym złościom, które są wysoko. (aiōn )
مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر. | 13 |
A przetoż weźmijcie zupełną zbroję Bożą, abyście mogli dać odpór w dzień zły, a wszystko wykonawszy, ostać się.
ئەمدى چىڭ تۇرۇڭلار ــ ھەقىقەت بەلۋېغىنى بېلىڭلارغا باغلاپ، مەيدەڭلەرگە ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىپ، پۇتۇڭلارغا خاتىرجەم-ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلىق چورۇقىنى كىيىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرۇڭلار. | 14 |
Stójcież tedy, przepasawszy biodra wasze prawdą i oblekłszy pancerz sprawiedliwości.
I obuwszy nogi w gotowość Ewangielii pokoju.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر. | 16 |
A nade wszystko wziąwszy tarczę wiary, którą byście mogli wszystkie strzały ogniste onego złośnika zagasić.
ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛ | 17 |
Przyłbicę też zbawienia weźmijcie i miecz Ducha, który jest słowo Boże!
ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛ | 18 |
W każdej modlitwie i w prośbie modląc się na każdy czas w duchu, i około tego czując ze wszelką ustawicznością i z prośbą za wszystkich świętych,
مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ــ ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي. | 19 |
I za mię, aby mi była dana mowa ku otworzeniu ust moich z bezpieczeństwem, abym oznajmiał tajemnicę Ewangielii,
مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە] دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار]. | 20 |
Dla której poselstwo sprawuję w łańcuchu, abym w nim bezpiecznie mówił, jako mi mówić potrzeba.
ئەمدى مېنىڭ توغرامدىكى ئىشلاردىن، مېنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋەرلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار بولغان تىكىكۇس سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. | 21 |
A iżbyście wiedzieli i wy, co się ze mną dzieje i co czynię, wszystko wam oznajmi Tychykus, brat miły i wierny sługa w Panu,
مېنىڭ ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىڭلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلۈڭلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈندۇر. | 22 |
Któregom posłał do was dla tego samego, abyście wiedzieli, co się z nami dzieje i aby pocieszył serca wasze.
قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھدىن بولغاي! | 23 |
Pokój niech będzie braciom i miłość z wiarą od Boga Ojca i Pana Jezusa Chrystusa.
رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي! | 24 |
Łaska niech będzie ze wszystkimi miłującymi Pana naszego, Jezusa Chrystusa ku nieskazitelności. Amen.