< ئەفەسۇسلۇقلارغا 5 >
شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار. | 1 |
ଅତୋ ଯୂଯଂ ପ୍ରିଯବାଲକା ଇୱେଶ୍ୱରସ୍ୟାନୁକାରିଣୋ ଭୱତ,
ଖ୍ରୀଷ୍ଟ ଇୱ ପ୍ରେମାଚାରଂ କୁରୁତ ଚ, ଯତଃ ସୋଽସ୍ମାସୁ ପ୍ରେମ କୃତୱାନ୍ ଅସ୍ମାକଂ ୱିନିମଯେନ ଚାତ୍ମନିୱେଦନଂ କୃତ୍ୱା ଗ୍ରାହ୍ୟସୁଗନ୍ଧାର୍ଥକମ୍ ଉପହାରଂ ବଲିଞ୍ଚେଶ୍ୱରାଚ ଦତ୍ତୱାନ୍|
ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛ | 3 |
କିନ୍ତୁ ୱେଶ୍ୟାଗମନଂ ସର୍ୱ୍ୱୱିଧାଶୌଚକ୍ରିଯା ଲୋଭଶ୍ଚୈତେଷାମ୍ ଉଚ୍ଚାରଣମପି ଯୁଷ୍ମାକଂ ମଧ୍ୟେ ନ ଭୱତୁ, ଏତଦେୱ ପୱିତ୍ରଲୋକାନାମ୍ ଉଚିତଂ|
شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن ــ بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر ــ بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن. | 4 |
ଅପରଂ କୁତ୍ସିତାଲାପଃ ପ୍ରଲାପଃ ଶ୍ଲେଷୋକ୍ତିଶ୍ଚ ନ ଭୱତୁ ଯତ ଏତାନ୍ୟନୁଚିତାନି କିନ୍ତ୍ୱୀଶ୍ୱରସ୍ୟ ଧନ୍ୟୱାଦୋ ଭୱତୁ|
چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ. | 5 |
ୱେଶ୍ୟାଗାମ୍ୟଶୌଚାଚାରୀ ଦେୱପୂଜକ ଇୱ ଗଣ୍ୟୋ ଲୋଭୀ ଚୈତେଷାଂ କୋଷି ଖ୍ରୀଷ୍ଟସ୍ୟ ରାଜ୍ୟେଽର୍ଥତ ଈଶ୍ୱରସ୍ୟ ରାଜ୍ୟେ କମପ୍ୟଧିକାରଂ ନ ପ୍ରାପ୍ସ୍ୟତୀତି ଯୁଷ୍ମାଭିଃ ସମ୍ୟକ୍ ଜ୍ଞାଯତାଂ|
ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. | 6 |
ଅନର୍ଥକୱାକ୍ୟେନ କୋଽପି ଯୁଷ୍ମାନ୍ ନ ୱଞ୍ଚଯତୁ ଯତସ୍ତାଦୃଗାଚାରହେତୋରନାଜ୍ଞାଗ୍ରାହିଷୁ ଲୋକେଷ୍ୱୀଶ୍ୱରସ୍ୟ କୋପୋ ୱର୍ତ୍ତତେ|
شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ ئىشلاردا شېرىك بولماڭلار؛ | 7 |
ତସ୍ମାଦ୍ ଯୂଯଂ ତୈଃ ସହଭାଗିନୋ ନ ଭୱତ|
چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار | 8 |
ପୂର୍ୱ୍ୱଂ ଯୂଯମ୍ ଅନ୍ଧକାରସ୍ୱରୂପା ଆଧ୍ୱଂ କିନ୍ତ୍ୱିଦାନୀଂ ପ୍ରଭୁନା ଦୀପ୍ତିସ୍ୱରୂପା ଭୱଥ ତସ୍ମାଦ୍ ଦୀପ୍ତେଃ ସନ୍ତାନା ଇୱ ସମାଚରତ|
(چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)، | 9 |
ଦୀପ୍ତେ ର୍ୟତ୍ ଫଲଂ ତତ୍ ସର୍ୱ୍ୱୱିଧହିତୈଷିତାଯାଂ ଧର୍ମ୍ମେ ସତ୍ୟାଲାପେ ଚ ପ୍ରକାଶତେ|
نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار. | 10 |
ପ୍ରଭୱେ ଯଦ୍ ରୋଚତେ ତତ୍ ପରୀକ୍ଷଧ୍ୱଂ|
قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛ | 11 |
ଯୂଯଂ ତିମିରସ୍ୟ ୱିଫଲକର୍ମ୍ମଣାମ୍ ଅଂଶିନୋ ନ ଭୂତ୍ୱା ତେଷାଂ ଦୋଷିତ୍ୱଂ ପ୍ରକାଶଯତ|
چۈنكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە ئىشلىگەنلىرىنى ھەتتا تىلغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىشتۇر. | 12 |
ଯତସ୍ତେ ଲୋକା ରହମି ଯଦ୍ ଯଦ୍ ଆଚରନ୍ତି ତଦୁଚ୍ଚାରଣମ୍ ଅପି ଲଜ୍ଜାଜନକଂ|
ئەمما يورۇقلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاشكارىلىغان ھەرقانداق نەرسە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ يورۇقلۇق ئاشكارىلانغان ھەممە نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. | 13 |
ଯତୋ ଦୀପ୍ତ୍ୟା ଯଦ୍ ଯତ୍ ପ୍ରକାଶ୍ୟତେ ତତ୍ ତଯା ଚକାସ୍ୟତେ ଯଚ୍ଚ ଚକାସ୍ତି ତଦ୍ ଦୀପ୍ତିସ୍ୱରୂପଂ ଭୱତି|
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ». | 14 |
ଏତତ୍କାରଣାଦ୍ ଉକ୍ତମ୍ ଆସ୍ତେ, "ହେ ନିଦ୍ରିତ ପ୍ରବୁଧ୍ୟସ୍ୱ ମୃତେଭ୍ୟଶ୍ଚୋତ୍ଥିତିଂ କୁରୁ| ତତ୍କୃତେ ସୂର୍ୟ୍ୟୱତ୍ ଖ୍ରୀଷ୍ଟଃ ସ୍ୱଯଂ ତ୍ୱାଂ ଦ୍ୟୋତଯିଷ୍ୟତି| "
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛ | 15 |
ଅତଃ ସାୱଧାନା ଭୱତ, ଅଜ୍ଞାନା ଇୱ ମାଚରତ କିନ୍ତୁ ଜ୍ଞାନିନ ଇୱ ସତର୍କମ୍ ଆଚରତ|
ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر. | 16 |
ସମଯଂ ବହୁମୂଲ୍ୟଂ ଗଣଯଧ୍ୱଂ ଯତଃ କାଲା ଅଭଦ୍ରାଃ|
بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛ | 17 |
ତସ୍ମାଦ୍ ଯୂଯମ୍ ଅଜ୍ଞାନା ନ ଭୱତ କିନ୍ତୁ ପ୍ରଭୋରଭିମତଂ କିଂ ତଦୱଗତା ଭୱତ|
ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار، | 18 |
ସର୍ୱ୍ୱନାଶଜନକେନ ସୁରାପାନେନ ମତ୍ତା ମା ଭୱତ କିନ୍ତ୍ୱାତ୍ମନା ପୂର୍ୟ୍ୟଧ୍ୱଂ|
بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ | 19 |
ଅପରଂ ଗୀତୈ ର୍ଗାନୈଃ ପାରମାର୍ଥିକକୀର୍ତ୍ତନୈଶ୍ଚ ପରସ୍ପରମ୍ ଆଲପନ୍ତୋ ମନସା ସାର୍ଦ୍ଧଂ ପ୍ରଭୁମ୍ ଉଦ୍ଦିଶ୍ୟ ଗାଯତ ୱାଦଯତ ଚ|
ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار، | 20 |
ସର୍ୱ୍ୱଦା ସର୍ୱ୍ୱୱିଷଯେଽସ୍ମତ୍ପ୍ରଭୋ ଯୀଶୋଃ ଖ୍ରୀଷ୍ଟସ୍ୟ ନାମ୍ନା ତାତମ୍ ଈଶ୍ୱରଂ ଧନ୍ୟଂ ୱଦତ|
مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. | 21 |
ଯୂଯମ୍ ଈଶ୍ୱରାଦ୍ ଭୀତାଃ ସନ୍ତ ଅନ୍ୟେଽପରେଷାଂ ୱଶୀଭୂତା ଭୱତ|
سىلەر ئاياللار، رەبكە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ | 22 |
ହେ ଯୋଷିତଃ, ଯୂଯଂ ଯଥା ପ୍ରଭୋସ୍ତଥା ସ୍ୱସ୍ୱସ୍ୱାମିନୋ ୱଶଙ୍ଗତା ଭୱତ|
چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. | 23 |
ଯତଃ ଖ୍ରୀଷ୍ଟୋ ଯଦ୍ୱତ୍ ସମିତେ ର୍ମୂର୍ଦ୍ଧା ଶରୀରସ୍ୟ ତ୍ରାତା ଚ ଭୱତି ତଦ୍ୱତ୍ ସ୍ୱାମୀ ଯୋଷିତୋ ମୂର୍ଦ୍ଧା|
ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن. | 24 |
ଅତଃ ସମିତି ର୍ୟଦ୍ୱତ୍ ଖ୍ରୀଷ୍ଟସ୍ୟ ୱଶୀଭୂତା ତଦ୍ୱଦ୍ ଯୋଷିଦ୍ଭିରପି ସ୍ୱସ୍ୱସ୍ୱାମିନୋ ୱଶତା ସ୍ୱୀକର୍ତ୍ତୱ୍ୟା|
ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ | 25 |
ଅପରଞ୍ଚ ହେ ପୁରୁଷାଃ, ଯୂଯଂ ଖ୍ରୀଷ୍ଟ ଇୱ ସ୍ୱସ୍ୱଯୋଷିତ୍ସୁ ପ୍ରୀଯଧ୍ୱଂ|
[مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، | 26 |
ସ ଖ୍ରୀଷ୍ଟୋଽପି ସମିତୌ ପ୍ରୀତୱାନ୍ ତସ୍ୟାଃ କୃତେ ଚ ସ୍ୱପ୍ରାଣାନ୍ ତ୍ୟକ୍ତୱାନ୍ ଯତଃ ସ ୱାକ୍ୟେ ଜଲମଜ୍ଜନେନ ତାଂ ପରିଷ୍କୃତ୍ୟ ପାୱଯିତୁମ୍
شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. | 27 |
ଅପରଂ ତିଲକୱଲ୍ୟାଦିୱିହୀନାଂ ପୱିତ୍ରାଂ ନିଷ୍କଲଙ୍କାଞ୍ଚ ତାଂ ସମିତିଂ ତେଜସ୍ୱିନୀଂ କୃତ୍ୱା ସ୍ୱହସ୍ତେ ସମର୍ପଯିତୁଞ୍ଚାଭିଲଷିତୱାନ୍|
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. | 28 |
ତସ୍ମାତ୍ ସ୍ୱତନୁୱତ୍ ସ୍ୱଯୋଷିତି ପ୍ରେମକରଣଂ ପୁରୁଷସ୍ୟୋଚିତଂ, ଯେନ ସ୍ୱଯୋଷିତି ପ୍ରେମ କ୍ରିଯତେ ତେନାତ୍ମପ୍ରେମ କ୍ରିଯତେ|
چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى [ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا] ئوخشايدۇ. | 29 |
କୋଽପି କଦାପି ନ ସ୍ୱକୀଯାଂ ତନୁମ୍ ଋତୀଯିତୱାନ୍ କିନ୍ତୁ ସର୍ୱ୍ୱେ ତାଂ ୱିଭ୍ରତି ପୁଷ୍ଣନ୍ତି ଚ| ଖ୍ରୀଷ୍ଟୋଽପି ସମିତିଂ ପ୍ରତି ତଦେୱ କରୋତି,
چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ | 30 |
ଯତୋ ୱଯଂ ତସ୍ୟ ଶରୀରସ୍ୟାଙ୍ଗାନି ମାଂସାସ୍ଥୀନି ଚ ଭୱାମଃ|
«شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». | 31 |
ଏତଦର୍ଥଂ ମାନୱଃ ସ୍ୱମାତାପିତରୋ ପରିତ୍ୟଜ୍ୟ ସ୍ୱଭାର୍ୟ୍ୟାଯାମ୍ ଆସଂକ୍ଷ୍ୟତି ତୌ ଦ୍ୱୌ ଜନାୱେକାଙ୍ଗୌ ଭୱିଷ୍ୟତଃ|
بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. | 32 |
ଏତନ୍ନିଗୂଢୱାକ୍ୟଂ ଗୁରୁତରଂ ମଯା ଚ ଖ୍ରୀଷ୍ଟସମିତୀ ଅଧି ତଦ୍ ଉଚ୍ୟତେ|
ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن. | 33 |
ଅତଏୱ ଯୁଷ୍ମାକମ୍ ଏକୈକୋ ଜନ ଆତ୍ମୱତ୍ ସ୍ୱଯୋଷିତି ପ୍ରୀଯତାଂ ଭାର୍ୟ୍ୟାପି ସ୍ୱାମିନଂ ସମାଦର୍ତ୍ତୁଂ ଯତତାଂ|