< ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5 >

شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە-قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار. 1
Therfor be ye foloweris of God, as moost dereworthe sones;
2
and walke ye in loue, as Crist louyde vs, and yaf hym silf for vs an offryng and a sacrifice to God, in to the odour of swetnesse.
ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛ 3
And fornycacioun, and al vnclennesse, or aueryce, be not named among you, as it bicometh holi men;
شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن ــ بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر ــ بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن. 4
ethir filthe, or foli speche, or harlatrye, that perteyneth not to profit, but more doyng of thankyngis.
چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ. 5
For wite ye this, and vndurstonde, that ech letchour, or vnclene man, or coueytouse, that serueth to mawmetis, hath not eritage in the kingdom of Crist and of God.
ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 6
No man disseyue you bi veyn wordis; for whi for these thingis the wraththe of God cam on the sones of vnbileue.
شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ ئىشلاردا شېرىك بولماڭلار؛ 7
Therfor nyle ye be maad parteneris of hem.
چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار 8
For ye weren sum tyme derknessis, but now `ye ben liyt in the Lord. Walke ye as the sones of liyt.
(چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)، 9
For the fruyt of liyt is in al goodnesse, and riytwisnesse, and treuthe.
نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار. 10
And preue ye what `thing is wel plesynge to God.
قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛ 11
And nyle ye comyne to vnfruytouse werkis of derknessis; but more repreue ye.
چۈنكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە ئىشلىگەنلىرىنى ھەتتا تىلغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىشتۇر. 12
For what thingis ben don of hem in priuy, it is foule, yhe, to speke.
ئەمما يورۇقلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاشكارىلىغان ھەرقانداق نەرسە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ يورۇقلۇق ئاشكارىلانغان ھەممە نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. 13
And alle thingis that ben repreuyd of the liyt, ben opynli schewid; for al thing that is schewid, is liyt.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ». 14
For which thing he seith, Rise thou that slepist, and rise vp fro deth, and Crist schal liytne thee.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛ 15
Therfor, britheren, se ye, hou warli ye schulen go;
ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر. 16
not as vnwise men, but as wise men, ayenbiynge tyme, for the daies ben yuele.
بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛ 17
Therfor nyle ye be maad vnwise, but vndurstondynge which is the wille of God.
ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار، 18
And nyle ye be drunkun of wyn, in which is letcherie, but be ye fillid with the Hooli Goost; and speke ye to you silf in salmes,
بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ 19
and ymnes, and spiritual songis, syngynge and seiynge salm in youre hertis to the Lord;
ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار، 20
euermore doynge thankingis for alle thingis in the name of oure Lord Jhesu Crist to God and to the fadir.
مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. 21
Be ye suget togidere in the drede of Crist.
سىلەر ئاياللار، رەبكە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛ 22
Wymmen, be thei suget to her hosebondis,
چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. 23
as to the Lord, for the man is heed of the wymman, as Crist is heed of the chirche; he is sauyour of his bodi.
ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن. 24
But as the chirche is suget to Crist, so wymmen to her hosebondis in alle thingis.
ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ 25
Men, loue ye youre wyues, as Crist louyde the chirche, and yaf hym silf for it, to make it holi;
[مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، 26
and clenside it with the waisching of watir, in the word of lijf,
شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. 27
to yyue the chirche gloriouse to hym silf, that it hadde no wem, ne ryueling, or ony siche thing, but that it be hooli and vndefoulid.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. 28
So and men `schulen loue her wyues, as her owne bodies. He that loueth his wijf, loueth hym silf;
چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى [ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا] ئوخشايدۇ. 29
for no man hatide euere his owne fleisch, but nurischith and fostrith it, as Crist doith the chirche.
چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ 30
And we ben membris of his bodi, of his fleisch, and of his boonys.
«شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ». 31
For this thing a man schal forsake his fadir and modir, and he schal drawe to his wijf; and thei schulen be tweyne in o fleisch.
بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. 32
This sacrament is greet; yhe, Y seie in Crist, and in the chirche.
ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن. 33
Netheles ye alle, ech man loue his wijf as hym silf; and the wijf drede hir hosebonde.

< ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5 >