< ئەفەسۇسلۇقلارغا 3 >
شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ | 1 |
Xu sǝwǝbtin silǝr «yat ǝldikilǝr» üqün Mǝsiⱨ Əysaning mǝⱨbusi bolƣan mǝnki Pawlus —
(سىلەر بەلكىم ماڭا تاپشۇرۇلغان، سىلەرگە خۇدانىڭ شەپقىتىنى ئېلىپ بارىدىغان غوجىدارلىقىم توغرۇلۇق، | 2 |
(silǝr bǝlkim manga tapxurulƣan, silǝrgǝ Hudaning xǝpⱪitini elip baridiƣan ƣojidarliⱪim toƣruluⱪ,
يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز-پاز يازغانىدىم؛ | 3 |
yǝni Uning manga wǝⱨiy bilǝn sirni ayan ⱪilƣanliⱪi toƣruluⱪ hǝwǝrdar boluxunglar mumkin (mǝn bu toƣrisida ilgiri az-paz yazƣanidim;
سىلەر ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مەسىھنىڭ سىرى توغرۇلۇق يورۇتۇلغانلىقىمنى بىلىپ يېتىسىلەر) | 4 |
silǝr uni oⱪuƣininglarda, Mǝsiⱨning siri toƣruluⱪ yorutulƣanliⱪimni bilip yetisilǝr)
ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس. | 5 |
ilgiriki dǝwrlǝrdǝ bu sir insan baliliriƣa Uning muⱪǝddǝs rosulliri wǝ pǝyƣǝmbǝrlirigǝ Roⱨ arⱪiliⱪ ⱨazirⱪidǝk eniⱪ wǝⱨiy ⱪilinƣandǝk, ayan ⱪilinƣan ǝmǝs.
دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛ | 6 |
Demǝk, hux hǝwǝr arⱪiliⱪ «yat ǝldikilǝr»din bolƣanlarmu ortaⱪ mirashorlar, tǝndiki ortaⱪ ǝzalar, Mǝsiⱨ Əysada bolƣan wǝdidin ortaⱪ bǝⱨrimǝn bolƣuqilar bolidu;
خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛ | 7 |
Hudaning xǝpⱪiti manga elip kǝlgǝn iltipat bilǝn, Uning küq-ⱪudritining yürgüzülüxi bilǝn, mǝn bu ixⱪa hizmǝtkar ⱪilip tǝyinlǝndim;
ماڭا ــ مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش | 8 |
manga — muⱪǝddǝs bǝndiliri iqidiki ǝng tɵwinidinmu tɵwǝn bolƣan manga muxu iltipat, yǝni ǝllǝr arisida Mǝsiⱨning mɵlqǝrligüsiz bayliⱪliri toƣruluⱪ hux hǝwǝr jakarlax
ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى. (aiōn ) | 9 |
wǝ xundaⱪla ⱨǝmmini yaratⱪan Hudada yoxurun bolup kǝlgǝn bu sirning ⱪandaⱪ ǝmǝlgǝ axuruluxi toƣruluⱪ ⱨǝmmǝylǝnni yorutux hizmiti amanǝt ⱪilindi. (aiōn )
بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. | 10 |
Buning mǝⱪsiti ǝrxlǝrdǝ bolƣan ⱨɵkümranlarƣa ⱨǝm ⱨoⱪuⱪlarƣa Hudaning kɵp tǝrǝplimilik danaliⱪi jamaǝt arⱪiliⱪ ⱨazir axkarǝ ⱪilinixtin ibarǝttur.
بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛ (aiōn ) | 11 |
Bu ix bolsa, Uning Mǝsiⱨ Əysa Rǝbbimizdǝ ijra ⱪilinƣan mǝnggülük muddiasi boyiqidur; (aiōn )
ئۇنىڭ ئىشەنچ-سادىقلىقى ئارقىلىق بىز جاسارەتكە ھەم خۇدانىڭ ئالدىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق؛ | 12 |
Uning ixǝnq-sadiⱪliⱪi arⱪiliⱪ biz jasarǝtkǝ ⱨǝm Hudaning aldiƣa hatirjǝmlik bilǝn kirix ⱨoⱪuⱪiƣa igǝ bolduⱪ;
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا-جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلار بولىدۇ). | 13 |
xuning üqün silǝrdin ɵtünimǝnki, mening silǝr üqün tartⱪan japa-jǝbirlirim tüpǝylidin pǝrixan bolmanglar; qünki bu ix silǝrning xan-xǝripinglar bolidu).
مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى، | 14 |
Mǝn xu sǝwǝbtin tizlirimni Atiƣa pükimǝnki,
( ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ) | 15 |
( asman-zemindiki barliⱪ atiliⱪ munasiwǝtlǝr Uningdin «ata» namini alidu)
ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي؛ | 16 |
U Ɵz xan-xǝripidiki bayliⱪlar bilǝn, Roⱨi arⱪiliⱪ silǝrni iqki dunyayinglarda küqlǝndürgǝy;
شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان، | 17 |
xuning bilǝn Mǝsiⱨ ⱪǝlbinglarda ixǝnq arⱪiliⱪ turup, silǝr meⱨir-muⱨǝbbǝt iqidǝ yiltiz tartƣan, ul selinƣan,
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر. | 18 |
barliⱪ muⱪǝddǝs bǝndilǝr bilǝn billǝ Mǝsiⱨning muⱨǝbbitining kǝngliki, uzunluⱪi, qongⱪurluⱪi wǝ egizlikini qüxinip igiliwalƣaysilǝr; yǝni adǝmning bilip yetixidin ⱨǝssilǝp exip qüxidiƣan Uning muⱨǝbbitini bilip yǝtkǝysilǝr, xuningdǝk Hudaning mukǝmmǝl jǝwⱨiri bilǝn toldurulƣaysilǝr.
ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى-ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ | 20 |
Əmdi iqimizdǝ yürgüzidiƣan ⱪudriti boyiqǝ barliⱪ tilikimiz yaki oyliƣanlirimizdinmu ⱨǝddi-ⱨesabsiz artuⱪ wujudⱪa qiⱪirixⱪa ⱪadir Bolƣuqiƣa, —
ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن! (aiōn ) | 21 |
Uningƣa dǝwrdin dǝwrgiqǝ, ǝbǝdil’ǝbǝdgiqǝ jamaǝttǝ Mǝsiⱨ Əysa arⱪiliⱪ xan-xǝrǝp bolƣay! Amin! (aiōn )