< ئەفەسۇسلۇقلارغا 2 >
ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ، | 1 |
ปุรา ยูยมฺ อปราไธ: ปาไปศฺจ มฺฤตา: สนฺตสฺตานฺยาจรนฺต อิหโลกสฺย สํสารานุสาเรณากาศราชฺยสฺยาธิปติมฺ (aiōn )
بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛ (aiōn ) | 2 |
อรฺถต: สามฺปฺรตมฺ อาชฺญาลงฺฆิวํเศษุ กรฺมฺมการิณมฺ อาตฺมานมฺ อนฺววฺรชตฯ
بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛ | 3 |
เตษำ มเธฺย สรฺเวฺว วยมปิ ปูรฺวฺวํ ศรีรสฺย มนสฺกามนายาญฺเจหำ สาธยนฺต: สฺวศรีรสฺยาภิลาษานฺ อาจราม สรฺเวฺว'นฺย อิว จ สฺวภาวต: โกฺรธภชนานฺยภวามฯ
بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ | 4 |
กินฺตุ กรุณานิธิรีศฺวโร เยน มหาเปฺรมฺนาสฺมานฺ ทยิตวานฺ
ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)، | 5 |
ตสฺย สฺวเปฺรมฺโน พาหุลฺยาทฺ อปราไธ รฺมฺฤตานปฺยสฺมานฺ ขฺรีษฺเฏน สห ชีวิตวานฺ ยโต'นุคฺรหาทฺ ยูยํ ปริตฺราณํ ปฺราปฺตา: ฯ
بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛ | 6 |
ส จ ขฺรีษฺเฏน ยีศุนาสฺมานฺ เตน สารฺทฺธมฺ อุตฺถาปิตวานฺ สฺวรฺค อุปเวศิตวำศฺจฯ
مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ (aiōn ) | 7 |
อิตฺถํ ส ขฺรีษฺเฏน ยีศุนาสฺมานฺ ปฺรติ สฺวหิไตษิตยา ภาวิยุเคษุ สฺวกียานุคฺรหสฺยานุปมํ นิธึ ปฺรกาศยิตุมฺ อิจฺฉติฯ (aiōn )
چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات، | 8 |
ยูยมฺ อนุคฺรหาทฺ วิศฺวาเสน ปริตฺราณํ ปฺราปฺตา: , ตจฺจ ยุษฺมนฺมูลกํ นหิ กินฺตฺวีศฺวรไสฺยว ทานํ,
ئۇ زادىلا ئادەملەرنىڭ ئەمەل-ئەجرىدىن كەلمەيدۇ، بۇ ھەم ھېچكىمنىڭ ماختانماسلىقى ئۈچۈندۇر. | 9 |
ตตฺ กรฺมฺมณำ ผลมฺ อปิ นหิ, อต: เกนาปิ น ศฺลาฆิตวฺยํฯ
چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى. | 10 |
ยโต วยํ ตสฺย การฺยฺยํ ปฺราคฺ อีศฺวเรณ นิรูปิตาภิ: สตฺกฺริยาภิ: กาลยาปนาย ขฺรีษฺเฏ ยีเศา เตน มฺฤษฺฏาศฺจฯ
شۇڭا سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلارنى، ــ ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلارنى، | 11 |
ปุรา ชนฺมนา ภินฺนชาตียา หสฺตกฺฤตํ ตฺวกฺเฉทํ ปฺราปฺไต โรฺลไกศฺจาจฺฉินฺนตฺวจ อิตินามฺนา ขฺยาตา เย ยูยํ ไต รฺยุษฺมาภิริทํ สฺมรฺตฺตวฺยํ
شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ | 12 |
ยตฺ ตสฺมินฺ สมเย ยูยํ ขฺรีษฺฏาทฺ ภินฺนา อิสฺราเยลโลกานำ สหวาสาทฺ ทูรสฺถา: ปฺรติชฺญาสมฺพลิตนิยมานำ พหิ: สฺถิตา: สนฺโต นิราศา นิรีศฺวราศฺจ ชคตฺยาธฺวมฺ อิติฯ
لېكىن ئەسلى يىراقلاردا بولغان سىلەر ھازىر مەسىھنىڭ قېنى ئارقىلىق يېقىن قىلىندىڭلار؛ | 13 |
กินฺตฺวธุนา ขฺรีษฺเฏ ยีศาวาศฺรยํ ปฺราปฺย ปุรา ทูรวรฺตฺติโน ยูยํ ขฺรีษฺฏสฺย โศณิเตน นิกฏวรฺตฺติโน'ภวตฯ
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزدۇر، ئۇ ئىككى تەرەپنى بىر قىلىپ ئوتتۇرىدىكى ئارا تامنى چېقىۋەتتى؛ | 14 |
ยต: ส เอวาสฺมากํ สนฺธิ: ส ทฺวยมฺ เอกีกฺฤตวานฺ ศตฺรุตารูปิณีํ มธฺยวรฺตฺตินีํ ปฺรเภทกภิตฺตึ ภคฺนวานฺ ทณฺฑาชฺญายุกฺตํ วิธิศาสฺตฺรํ สฺวศรีเรณ ลุปฺตวำศฺจฯ
يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى؛ | 15 |
ยต: ส สนฺธึ วิธาย เตา เทฺวา สฺวสฺมินฺ เอกํ นุตนํ มานวํ กรฺตฺตุํ
كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى؛ | 16 |
สฺวกียกฺรุเศ ศตฺรุตำ นิหตฺย เตไนไวกสฺมินฺ ศรีเร ตโย รฺทฺวโยรีศฺวเรณ สนฺธึ การยิตุํ นิศฺจตวานฺฯ
ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى. | 17 |
ส จาคตฺย ทูรวรฺตฺติโน ยุษฺมานฺ นิกฏวรฺตฺติโน 'สฺมำศฺจ สนฺเธ รฺมงฺคลวารฺตฺตำ ชฺญาปิตวานฺฯ
چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر. | 18 |
ยตสฺตสฺมาทฺ อุภยปกฺษียา วยมฺ เอเกนาตฺมนา ปิตุ: สมีปํ คมนาย สามรฺถฺยํ ปฺราปฺตวนฺต: ฯ
شۇڭا شۇنىڭدىن باشلاپ سىلەر مۇساپىرلار، ياقا يۇرتتىكىلەر ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بەندىلەرگە ۋەتەنداش بولىسىلەر، خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن بولىسىلەر؛ | 19 |
อต อิทานีํ ยูยมฺ อสมฺปรฺกียา วิเทศินศฺจ น ติษฺฐนต: ปวิตฺรโลไก: สหวาสิน อีศฺวรสฺย เวศฺมวาสินศฺจาเธฺวฯ
سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛ | 20 |
อปรํ เปฺรริตา ภวิษฺยทฺวาทินศฺจ ยตฺร ภิตฺติมูลสฺวรูปาสฺตตฺร ยูยํ ตสฺมินฺ มูเล นิจียเธฺว ตตฺร จ สฺวยํ ยีศุ: ขฺรีษฺฏ: ปฺรธาน: โกณสฺถปฺรสฺตร: ฯ
ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا. | 21 |
เตน กฺฤตฺสฺนา นิรฺมฺมิติ: สํคฺรถฺยมานา ปฺรโภ: ปวิตฺรํ มนฺทิรํ ภวิตุํ วรฺทฺธเตฯ
سىلەرمۇ [قوشۇلۇپ] ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر. | 22 |
ยูยมปิ ตตฺร สํคฺรถฺยมานา อาตฺมเนศฺวรสฺย วาสสฺถานํ ภวถฯ