< ھېكمەت توپلىغۇچى 8 >

كىم دانا كىشىگە تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى بىلىدۇ؟ كىشىنىڭ دانالىقى چىرايىنى نۇرلۇق قىلىدۇ، يۈزىنىڭ سۈرىنى يورۇتىدۇ. 1
지혜자와 같은 자 누구며 사리의 해석을 아는 자 누구냐 사람의 지혜는 그 사람의 얼굴에 광채가 나게 하나니 그 얼굴의 사나운 것이 변하느니라
پادىشاھنىڭ پەرمانىغا قۇلاق سېلىشىڭنى دەۋەت قىلىمەن؛ بولۇپمۇ خۇدا ئالدىدا ئىچكەن قەسەم تۈپەيلىدىن شۇنداق قىلغىن. 2
내가 권하노니 왕의 명령을 지키라 이미 하나님을 가리켜 맹세하였음이니라
ئۇنىڭ ئالدىدىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىما؛ يامان بىر دەۋانى قوللاشتا چىڭ تۇرما؛ چۈنكى پادىشاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ. 3
왕 앞에서 물러가기를 급거히 말며 악한 것을 일삼지 말라 왕은 그 하고자 하는 것을 다 행함이니라
چۈنكى پادىشاھنىڭ سۆزى ھوقۇقتۇر؛ كىم ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمە قىلىلا؟» ــ دېيەلىسۇن؟ 4
왕의 말은 권능이 있나니 누가 이르기를 왕께서 무엇을 하시나이까 할 수 있으랴
كىم [پادىشاھنىڭ] پەرمانىنى تۇتقان بولسا ھېچ يامانلىقنى كۆرمەيدۇ؛ دانا كىشىنىڭ كۆڭلى ھەم پەيتنى ھەم يولنى پەملىيەلەيدۇ. 5
무릇 명령을 지키는 자는 화를 모르리라 지혜자의 마음은 시기와 판단을 분변하나니
چۈنكى ھەربىر ئىش-ئارزۇنىڭ پەيتى ۋە يولى بار؛ ئىنسان كېيىنكى ئىشلارنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ دەرد-ئەلىمى ئۆزىنى قاتتىق باسىدۇ. كىم ئۇنىڭغا قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتالىسۇن؟ 6
무론 무슨 일에든지 시기와 판단이 있으므로 사람에게 임하는 화가 심함이니라
7
사람이 장래 일을 알지 못하나니 장래 일을 가르칠 자가 누구이랴
ھېچكىم ئۆز روھىغا ئىگە بولالماس، يەنى ھېچكىمنىڭ ئۆز روھىنى ئۆزىدە قالدۇرۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ ھېچكىمنىڭ ئۆلۈش كۈنىنى ئۆز قولىدا تۇتۇش ھوقۇقى يوقتۇر؛ شۇ جەڭدىن قېچىشقا رۇخسەت يوقتۇر؛ رەزىللىك رەزىللىككە بېرىلگۈچىلەرنى قۇتقۇزماس. 8
생기를 주장하여 생기로 머무르게할 사람도 없고 죽는 날을 주장할 자도 없고 전쟁할 때에 모면할 자도 없으며 악이 행악자를 건져낼 수도 없느니라
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، شۇنداقلا قۇياش ئاستىدا قىلىنغان ھەربىر ئىشقا، ئادەمنىڭ ئادەم ئۈستىگە ھوقۇق تۇتقانلىقى بىلەن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇشۇ ۋاقىتقا كۆڭۈل قويدۇم. 9
내가 이런 것들을 다 보고 마음을 다하여 해 아래서 행하는 모든 일을 살핀즉 사람이 사람을 주장하여 해롭게 하는 때가 있으며
شۇنىڭدەك رەزىللەرنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم؛ ئۇلار ئەسلىدە مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىپ يۈرەتتى؛ ئۇلار [مۇقەددەس جايدىن] چىقىپلا، رەزىل ئىشلارنى قىلغان شۇ شەھەر ئىچىدە ماختىلىدۇ تېخى! بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر! 10
내가 본즉 악인은 장사 지낸 바 되어 무덤에 들어 갔고 선을 행한 자는 거룩한 곳에서 떠나 성읍 사람의 잊어버린 바 되었으니 이것도 헛되도다
رەزىللىك ئۈستىدىن ھۆكۈم تېزدىن بەجا كەلتۈرۈلمىگەچكە، شۇڭا ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆڭلى رەزىللىكنى يۈرگۈزۈشكە پۈتۈنلەي بېرىلىپ كېتىدۇ. 11
악한 일에 징벌이 속히 실행되지 않으므로 인생들이 악을 행하기에 마음이 담대하도다
گۇناھكار يۈز قېتىم رەزىللىك قىلىپ، كۈنلىرىنى ئۇزارتسىمۇ، خۇدادىن قورقىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشى بولىدۇ دەپ بىلىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا قورقىدۇ. 12
죄인이 백번 악을 행하고도 장수하거니와 내가 정녕히 아노니 하나님을 경외하여 그 앞에서 경외하는 자가 잘 될 것이요
بىراق رەزىللەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرى سايىدەك تېزلا ئۆتۈپ، كۈنلىرى ئۇزارتىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدا ئالدىدا قورقمايدۇ. 13
악인은 잘 되지 못하며 장수하지 못하고 그 날이 그림자와 같으리니 이는 하나님 앞에 경외하지 아니함이니라
يەر يۈزىدە يۈرگۈزۈلگەن بىر بىمەنىلىك بار؛ بېشىغا رەزىللەرنىڭ قىلغىنى بويىچە كۈن چۈشىدىغان ھەققانىي ئادەملەر بار؛ بېشىغا ھەققانىي ئادەملەرنىڭ قىلغىنى بويىچە ياخشىلىق چۈشىدىغان رەزىل ئادەملەرمۇ بار. مەن بۇ ئىشنىمۇ بىمەنىلىك دېدىم. 14
세상에 행하는 헛된 일이 있나니 곧 악인의 행위대로 받는 의인도 있고 의인의 행위대로 받는 악인도 있는 것이라 내가 이르노 니 이것도 헛되도다
شۇڭا مەن تاماشىنى تەرىپلىدىم؛ چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن قۇياش ئاستىدا يېيىش، ئىچىش ۋە ھۇزۇر ئېلىشتىن ياخسى ئىش يوقتۇر؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئەمگىكىدىن بولغان مېۋە خۇدا تەقدىم قىلغان قۇياش ئاستىدىكى ئۆمرىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. 15
이에 내가 희락을 칭찬하노니 이는 사람이 먹고 마시고 즐거워하는 것보다 해 아래서 나은 것이 없음이라 하나님이 사람으로 해 아래서 살게 하신 날 동안 수고하는 중에 이것이 항상 함께 있을것이니라
كۆڭلۈمنى دانالىقنى ۋە يەر يۈزىدە قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ يېتىش ئۈچۈن قويغاندا، شۇنداقلا خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرگىنىمدە شۇنى بايقىدىم: ــ ئىنسان ھەتتا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىگە ئۇيقۇنى كۆرسەتمىسىمۇ، قۇياش ئاستىدىكى بارلىق ئىشنى بىلىپ يېتەلمەيدۇ؛ ئۇ ئۇنى چۈشىنىشكە قانچە ئىنتىلسە، ئۇ شۇنچە بىلىپ يېتەلمەيدۇ. ھەتتا دانا كىشى «بۇنى بىلىپ يەتتىم» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنى بىلىپ يەتمەيدۇ. 16
내가 마음을 다하여 지혜를 알고자 하며 세상에서 하는 노고를 보고자 하는 동시에 (밤낮으로 자지 못하는 자도 있도다)
17
하나님의 모든 행사를 살펴보니 해 아래서 하시는 일을 사람이 능히 깨달을 수 없도다 사람이 아무리 애써 궁구할지라도 능히 깨닫지 못하나니 비록 지혜자가 아노라 할지라도 능히 깨닫지 못하리로다

< ھېكمەت توپلىغۇچى 8 >