< ھېكمەت توپلىغۇچى 6 >
قۇياش ئاستىدا بىر يامان ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇ ئىش ئادەملەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ ــ | 1 |
Ⱪuyax astida bir yaman ixni kɵrdum; u ix adǝmlǝr arisida kɵp kɵrülidu —
خۇدا بىرسىگە بايلىقلار، مال-دۇنيا ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تەقسىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلى خالىغىنىدىن ھېچنەرسىسى كەم بولمىدى؛ بىراق خۇدا ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلمىدى، بەلكى يات بىر ئادەم ئۇلاردىن ھۇزۇر ئالىدۇ؛ مانا بۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر ئازابتۇر. | 2 |
Huda birsigǝ bayliⱪlar, mal-dunya wǝ izzǝt-ⱨɵrmǝt tǝⱪsim ⱪildi, xuning bilǝn uning ɵz kɵngli haliƣinidin ⱨeqnǝrsisi kǝm bolmidi; biraⱪ Huda uningƣa bulardin ⱨuzur elixⱪa muyǝssǝr ⱪilmidi, bǝlki yat bir adǝm ulardin ⱨuzur alidu; mana bu bimǝnilik wǝ eƣir azabtur.
بىرسى يۈز بالا كۆرۈپ كۆپ يىل ياشىشى مۇمكىن؛ بىراق ئۇنىڭ يىل-كۈنلىرى شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنى بەختنى كۆرمىسە، ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، تۇغۇلۇپ چاچراپ كەتكەن بوۋاق ئۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر دەيمەن. | 3 |
Birsi yüz bala kɵrüp kɵp yil yaxixi mumkin; biraⱪ uning yil-künliri xunqilik kɵp bolsimu, uning jeni bǝhtni kɵrmisǝ, ⱨǝtta gɵrni kɵrmigǝn bolsimu, tuƣulup qaqrap kǝtkǝn bowaⱪ uningdin ǝwzǝldur dǝymǝn.
چۈنكى چاچرىغان بالا بىمەنىلىك بىلەن كېلىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئىسمىنى قاپلايدۇ؛ | 4 |
Qünki qaqriƣan bala bimǝnilik bilǝn kelidu, ⱪarangƣuluⱪta ketidu, ⱪarangƣuluⱪ uning ismini ⱪaplaydu;
ئۇ كۈننىمۇ كۆرمىگەن، بىلمىگەن؛ بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۇ بىرىنچىسىگە نىسبەتەن ئارام تاپقاندۇر. | 5 |
U künnimu kɵrmigǝn, bilmigǝn; biraⱪ ⱨeq bolmiƣanda u birinqisigǝ nisbǝtǝn aram tapⱪandur.
بەرھەق، ھېلىقى كىشى ھەتتا ئىككى ھەسسە مىڭ يىل ياشىغان بولسىمۇ، بىراق بەختنى كۆرمىسە، ئەھۋالى ئوخشاشتۇر ــ ھەربىر كىشى ئوخشاش بىر جايغا بارىدۇ ئەمەسمۇ؟ | 6 |
Bǝrⱨǝⱪ, ⱨeliⱪi kixi ⱨǝtta ikki ⱨǝssǝ ming yil yaxiƣan bolsimu, biraⱪ bǝhtni kɵrmisǝ, ǝⱨwali ohxaxtur — ⱨǝrbir kixi ohxax bir jayƣa baridu ǝmǝsmu?
ئادەمنىڭ تارتقان بارلىق جاپاسى ئۆز ئاغزى ئۈچۈندۇر؛ بىراق ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ھەرگىز قانمايدۇ. | 7 |
Adǝmning tartⱪan barliⱪ japasi ɵz aƣzi üqündur; biraⱪ uning ixtiⱨasi ⱨǝrgiz ⱪanmaydu.
شۇنداقتا دانا كىشىنىڭ ئەخمەقتىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بولسۇن؟ نامرات كىشى باشقىلار ئالدىدا قانداق مېڭىشنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ | 8 |
Xundaⱪta dana kixining ǝhmǝⱪtin nemǝ artuⱪqiliⱪi bolsun? Namrat kixi baxⱪilar aldida ⱪandaⱪ mengixni bilgǝn bolsimu, uning nemǝ paydisi bolsun?
كۆزنىڭ كۆرۈشى ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ ئۇيان-بۇيان يۈرۈشىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇنداق قىلىشمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر. | 9 |
Kɵzning kɵrüxi arzu-ⱨǝwǝsning uyan-buyan yürüxidin ǝwzǝldur. Bundaⱪ ⱪilixmu bimǝnilik wǝ xamalni ⱪoƣliƣandǝk ixtur.
ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ بولسا ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان؛ ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان؛ شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بولغۇچى بىلەن قارشىلىشىشىغا بولمايدۇ. | 10 |
Ɵtüp kǝtkǝn ixlarning bolsa alliⱪaqan nami bekitilip atalƣan; insanning nemǝ ikǝnlikimu ayan bolƣan; xunga insanning ɵzidin ⱪudrǝtlik bolƣuqi bilǝn ⱪarxilixixiƣa bolmaydu.
چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا، بىمەنىلىك شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىنسانغا نېمە پايدىسى؟ | 11 |
Qünki gǝp ⱪanqǝ kɵp bolsa, bimǝnilik xunqǝ kɵp bolidu; buning insanƣa nemǝ paydisi?
چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرىدە، يەنى ئۇنىڭ سايىدەك تېزلا ئۆتىدىغان مەنىسىز ئۆمرىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن؟ چۈنكى ئىنسانغا ئۇ كەتكەندىن كېيىن قۇياش ئاستىدا نېمە ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كىم دەپ بېرەلىسۇن؟ | 12 |
Qünki insanning ɵmridǝ, yǝni uning sayidǝk tezla ɵtidiƣan mǝnisiz ɵmridiki barliⱪ künliridǝ uningƣa nemining paydiliⱪ ikǝnlikini kim bilsun? Qünki insanƣa u kǝtkǝndin keyin ⱪuyax astida nemǝ ixning bolidiƣanliⱪini kim dǝp berǝlisun?