< ھېكمەت توپلىغۇچى 5 >
خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ. | 1 |
Hudaning ɵyigǝ barƣanda, awaylap yürgin; ǝhmǝⱪlǝrqǝ ⱪurbanliⱪlarni sunux üqün ǝmǝs, bǝlki anglap boysunux üqün yeⱪinlaxⱪin; qünki ǝhmǝⱪlǝr rǝzillik ⱪiliwatⱪini bilmǝydu.
ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن. | 2 |
Aƣzingni yeniklik bilǝn aqma; kɵnglüng Huda aldida birnemini eytixⱪa aldirmisun; qünki Huda ǝrxlǝrdǝ, sǝn yǝr yüzididursǝn; xunga sɵzliring az bolsun.
چۈنكى ئىش كۆپ بولسا چۈشمۇ كۆپ بولغاندەك، گەپ كۆپ بولسا، ئەخمەقنىڭ گېپى بولۇپ قالىدۇ. | 3 |
Qünki ix kɵp bolsa qüxmu kɵp bolƣandǝk, gǝp kɵp bolsa, ǝhmǝⱪning gepi bolup ⱪalidu.
خۇداغا قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرمە؛ چۈنكى ئۇ ئەخمەقلەردىن ھۇزۇر ئالمايدۇ؛ شۇڭا قەسىمىڭنى ئادا قىلغىن. | 4 |
Hudaƣa ⱪǝsǝm iqsǝng, uni ada ⱪilixni keqiktürmǝ; qünki U ǝhmǝⱪlǝrdin ⱨuzur almaydu; xunga ⱪǝsimingni ada ⱪilƣin.
قەسەم ئىچىپ ئادا قىلمىغاندىن كۆرە، قەسەم ئىچمەسلىكىڭ تۈزۈكتۇر. | 5 |
Ⱪǝsǝm iqip ada ⱪilmiƣandin kɵrǝ, ⱪǝsǝm iqmǝsliking tüzüktur.
ئاغزىڭ تېنىڭنى گۇناھنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەتمىسۇن؛ پەرىشتە ئالدىدا: «خاتا سۆزلەپ سالدىم» دېمە؛ نېمىشقا خۇدا گېپىڭدىن غەزەپلىنىپ قوللىرىڭ ياسىغاننى ھالاك قىلىدۇ؟ | 6 |
Aƣzing teningni gunaⱨning ihtiyariƣa ⱪoyuwǝtmisun; pǝrixtǝ aldida: «Hata sɵzlǝp saldim» demǝ; nemixⱪa Huda gepingdin ƣǝzǝplinip ⱪolliring yasiƣanni ⱨalak ⱪilidu?
چۈنكى چۈش كۆپ بولسا بىمەنىلىكمۇ كۆپ بولىدۇ؛ گەپ كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر؛ شۇڭا، خۇدادىن قورققىن! | 7 |
Qünki qüx kɵp bolsa bimǝnilikmu kɵp bolidu; gǝp kɵp bolsimu ohxaxtur; xunga, Hudadin ⱪorⱪⱪin!
سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر. | 8 |
Sǝn namratlarning ezilgǝnlikini yaki yǝrlik mǝnsǝpdarlarning ⱨǝⱪ-adalǝtni zorawanlarqǝ ⱪayrip ⱪoyƣanliⱪini kɵrsǝng, bu ixlardin ⱨǝyran ⱪalma; qünki mǝnsǝpdardin yuⱪiri yǝnǝ birsi kɵzlimǝktǝ; wǝ ulardinmu yuⱪirisimu bardur.
بىراق نېمىلا بولمىسۇن يەر-تۇپراق ھەممە ئادەمگە پايدىلىقتۇر؛ ھەتتا پادىشاھنىڭ ئۆزىمۇ يەر-تۇپراققا تايىنىدۇ. | 9 |
Biraⱪ nemila bolmisun yǝr-tupraⱪ ⱨǝmmǝ adǝmgǝ paydiliⱪtur; ⱨǝtta padixaⱨning ɵzimu yǝr-tupraⱪⱪa tayinidu.
كۈمۈشكە ئامراق كۈمۈشكە قانماس، بايلىقلارغا ئامراق ئۆز كىرىمىگە قانماس؛ بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر. | 10 |
Kümüxkǝ amraⱪ kümüxkǝ ⱪanmas, bayliⱪlarƣa amraⱪ ɵz kirimigǝ ⱪanmas; bumu bimǝniliktur.
مال-مۈلۈك كۆپەيسە، ئۇلارنى يېگۈچىلەرمۇ كۆپىيىدۇ؛ مال ئىگىسىگە ئۇلارنى كۆزلەپ، ئۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشتىن باشقا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ | 11 |
Mal-mülük kɵpǝysǝ, ularni yegüqilǝrmu kɵpiyidu; mal igisigǝ ularni kɵzlǝp, ulardin ⱨuzur elixtin baxⱪa nemǝ paydisi bolsun?
ئاز يېسۇن، كۆپ يېسۇن، ئەمگەكچىنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىقتۇر؛ بىراق باينىڭ توقلۇقى ئۇنى ئۇخلاتماس. | 12 |
Az yesun, kɵp yesun, ǝmgǝkqining uyⱪusi tatliⱪtur; biraⱪ bayning toⱪluⱪi uni uhlatmas.
مەن قۇياش ئاستىدا زور بىر كۈلپەتنى كۆردۈم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىگىسى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بايلىقلارنى توپلاشتۇر؛ | 13 |
Mǝn ⱪuyax astida zor bir külpǝtni kɵrdüm — u bolsimu, igisi ɵzigǝ ziyan yǝtküzidiƣan bayliⱪlarni toplaxtur;
شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بايلىقلىرى بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن يوقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر ئوغلى بولسا، [ئوغلىنىڭ] قولىغا قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى يوق بولىدۇ. | 14 |
xuningdǝk, uning bayliⱪliri balayi’apǝt tüpǝylidin yoⱪilixidin ibarǝttur. Undaⱪ adǝmning bir oƣli bolsa, [oƣlining] ⱪoliƣa ⱪaldurƣudǝk ⱨeqnemisi yoⱪ bolidu.
ئۇ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چىقىپ، كەتكەندىمۇ يالىڭاچ پېتى كېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدىن قولىغا ئالغۇدەك ھېچنېمىنى ئېپكەتەلمەيدۇ. | 15 |
U apisining ⱪorsiⱪidin yalingaq qiⱪip, kǝtkǝndimu yalingaq peti ketidu; u ɵzining japaliⱪ ǝmgikidin ⱪoliƣa alƣudǝk ⱨeqnemini epkǝtǝlmǝydu.
مانا بۇمۇ ئېغىر ئەلەملىك ئىش؛ چۈنكى ئۇ قانداق كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ؛ ئەمدى ئۇنىڭ شامالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟ | 16 |
Mana bumu eƣir ǝlǝmlik ix; qünki u ⱪandaⱪ kǝlgǝn bolsa, yǝnǝ xundaⱪ ketidu; ǝmdi uning xamalƣa erixix üqün ǝmgǝk ⱪilƣinining nemǝ paydisi?
ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە يەپ-ئىچكىنى قاراڭغۇلۇقتا بولۇپ، غەشلىكى، كېسەللىكى ۋە خاپىلىقى كۆپ بولىدۇ. | 17 |
Uning barliⱪ künliridǝ yǝp-iqkini ⱪarangƣuluⱪta bolup, ƣǝxliki, kesǝlliki wǝ hapiliⱪi kɵp bolidu.
مانا نېمىنىڭ ياراملىق ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۇم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ خۇدا ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنلىرىدە يېيىش، ئىچىش ۋە قۇياش ئاستىدىكى بارلىق مېھنىتىدىن ھۇزۇر ئېلىشتۇر؛ چۈنكى بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر. | 18 |
Mana nemining yaramliⱪ wǝ güzǝl ikǝnlikini kɵrdum — u bolsimu, insanning Huda uningƣa tǝⱪdim ⱪilƣan ɵmrining ⱨǝrbir künliridǝ yeyix, iqix wǝ ⱪuyax astidiki barliⱪ meⱨnitidin ⱨuzur elixtur; qünki bu uning nesiwisidur.
خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر. | 19 |
Huda ⱨǝrbirsini bayliⱪlarƣa, mal-dunyaƣa igǝ boluxⱪa, xuningdǝk ulardin yeyixkǝ, ɵz rizⱪini ⱪobul ⱪilixⱪa, ɵz ǝmgikidin ⱨuzur elixⱪa muyǝssǝr ⱪilƣan bolsa — mana bular Hudaning sowƣitidur.
چۈنكى ئۇ ئۆمرىدىكى تېز ئۆتىدىغان كۈنلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۇنى كۆڭلىنىڭ شادلىقى بىلەن بەند قىلىدۇ. | 20 |
Qünki u ɵmridiki tez ɵtidiƣan künliri üstidǝ kɵp oylanmaydu; qünki Huda uni kɵnglining xadliⱪi bilǝn bǝnd ⱪilidu.